ھەپتىلىك خەۋەرلەر (7-مايدىن 13-مايغىچە)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىدە قۇم-بوران ئاپىتى كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە خوتەندىكى دەرەخ كېسىش ۋەقەلىرى دىققەت قوزغىماقتا

ئالدىنقى ھەپتىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى كۆپ قىسىم جايلارنىڭ كەلكۈن ۋە قۇم-بورانلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى بىرقانچە ۋىلايەتتە كۆرۈلگەن قۇم-بورانلىق ھاۋارايى ئۇدا بىرقانچە كۈن داۋاملىشىپ، ئاھالىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشى ۋە ئىگىلىكىگە ئېغىر تەسىر پەيدا قىلغان.

ھاۋارايىدا ئېغىر نورمالسىزلىق كۆرۈلۈۋاتقان بۇ مەزگىلدە خوتەن دائىرىلىرىنىڭ يەرلىك دېھقانلارنى دەرەخ كېسىشكە ئۇيۇشتۇرۇشى كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلغان. قاراقاش ناھىيەسىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئۇزۇن يىللىق كونا دەرەخلەرنى مەجبۇرىي كەستۈرىۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلاردىن باشقا نۆۋەتتە تۇڭگانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگىمۇ چەكلىمە قويۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا

يېقىندا گەنسۇ ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۆلكە تەۋەسىدىكى باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەر ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى قاتتىق چەكلىگەن. ئۇقتۇرۇشتا يەنە ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرىدىن مەكتەپ ئورۇنلىرىدا دىنىي پائالىيەتلەرنى قەتئىي ۋە ئۈزۈل-كېسىل چەكلەش تەلەپ قىلىنغان.

مەزكۇر ئۇقتۇرۇش خىتايدىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلغان. كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلاردىن باشقا تۇڭگانلارغىمۇ دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىن چەكلىمە قويۇشقا باشلىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى تەقىب قىلىشى تۈپەيلى چەتئەللەرگە ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان بىر قىسىم تۇڭگان دىنىي زىيالىيلىرى كۇنمىڭ ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە دىنىي ئېتىقادى سەۋەبىدىن قاتتىق باستۇرۇشقا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

3. خىتاي دائىرىلىرى باي ۋەقەسىدە ئۆلگەن ساقچى باشلىقى مەمەتجان توختىنىيازدىن ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغىغان

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي مەركىزى سىياسىي-قانۇن كومىتېتى ئۆتكەن ھەپتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى ساھەسىدىكىلەرنى باي ۋەقەسىدە ئۆلگەن ساقچى باشلىقى مەمەتجان توختىنىيازدىن ئۆگىنىشكە چاقىرغان.

مەمەتجان توختىنىياز ئەسلىدە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 18-سېنتەبىر كۈنى باي ھۇجۇمچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

بۇلتۇر يىل ئاخىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر ئۇنىڭغا «ئىنقىلابىي قۇربان» دېگەن ناملارنى بەرگەن. خىتاي ج. خ. مىنىستىرلىقىمۇ 1- ئاپرېل كۈنى ئۇنىڭغا «مەملىكەتلىك 1-دەرىجىلىك قەھرىمان» دەپ نام بەرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، باي ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلغان، 2 ئاي ئۆتكىچە خىتاي تاراتقۇلىرىدا ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىگەن ساقچى باشلىقى مەمەتجان توختىنىيازنىڭ ئارىدىن 8 ئاي ئۆتكەندە «قەھرىمان» غا ئايلىنىپ تەشۋىق قىلىنىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «سىياسىي تەشۋىقات ئويۇنى» نىڭ بىر قىسمىدۇر، دەپ قارىماقتا.

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىنكى كەچۈرمىشلىرى دىققەت قوزغىماقتا

ئابدۇۋەلى ئايۇپ خىتاينىڭ مەۋجۇت سىستېمىسى ئىچىدە ئۇيغۇر خۇسۇسىي مائارىپى ئۈچۈن يول ئېچىشقا بەل باغلىغان ۋە بۇ جەرياندا ئېغىر بەدەل تۆلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىرى.

ئۇ 2011-يىلى ئامېرىكىدىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن قەلبىگە بۈيۈك ئارزۇ-ئارمانلارنى پۈكۈپ ۋەتەنگە قايتىدۇ شۇنداقلا كرىزىس ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى ئۈچۈن يېڭى يول ئاچماقچى بولىدۇ.

ھالبۇكى، ئۇنىڭ بىرقانچە يىللىق دادىل ئىزدىنىشلىرى ۋە ئۇرۇنۇشلىرى دائىرىلەرنىڭ تەقىب قىلىشى، ئاخىرىدا تۇتقۇن قىلىشى بىلەن توسۇلىدۇ.

بۈگۈن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئابدۇۋەلى ئايۇپ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىنكى كەچۈرمىشلىرى ۋە دۇچ كەلگەن رىيازەتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.

مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى «قوش تىللىق مائارىپ» بىلەن قازاقىستاندىكى «كۆپ تىللىق مائارىپ» ھەققىدە سېلىشتۇرما قىلدى

ئۇيغۇر ئېلىدە 1990-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» نىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي تىلىنى ئاساس قىلغان «يەككە تىللىق مائارىپ» ئىكەنلىكى پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بىلىنگەن ئىدى.

ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى، بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» نىڭ نەتىجىسىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئۇيغۇر ئېلىگە قوشنا قازاقىستاندا يولغا قويۇلغان «كۆپ تىللىق مائارىپ» ئىسلاھاتى كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستان مائارىپى «كۆپ تىللىق» ئوقۇتۇشقا يۈزلەنگەن بولۇپ، دۆلەت تىلى بولغان قازاق تىلىدىن باشقا رۇس، ئىنگلىز ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تىلىدىكى مائارىپقىمۇ زور ئەھمىيەت بېرىلمەكتىكەن.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، قازاقىستاندىكى «كۆپ تىللىق مائارىپ» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ئىنقىلابىي قۇربان» مۇرات رۇستەمنىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئوقىدا ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

بۇنىڭدىن 17 يىل بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى «ئىنقىلابىي قۇربان» دەپ نام بېرىلگەن ئۇيغۇر ساقچى مۇرات رۇستەمنىڭ ئەينى چاغدا گۇماندار شۆھرەت ماخمۇتنىڭ ئوقىدا ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ۋەقە 1999‏-يىلى فېۋرالدا ئۈرۈمچىنىڭ بۇلاقبېشى رايونىدا ساقچىلار بىلەن ئاتالمىش «تېررور گۇماندارلىرى» ئارىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇشتا يۈز بەرگەن.

رادىئويىمىزنىڭ يېقىنقى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا مەزكۇر ۋەقەدىن خەۋەردار ئىككى نەپەر سابىق ساقچى «ئىنقىلابىي قۇربان» دەپ نام بېرىلگەن مۇرات رۇستەمنىڭ ئەينى چاغدا گۇماندارلارنىڭ قولىدا ئەمەس، بەلكى ساقچىلارنىڭ ئوقىدا ئۆلگەنلىكىنى ئاشكارا قىلدى.