ھەپتىلىك خەۋەرلەر (9-مايدىن 15-مايغىچە)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئىلى نوپۇسقا ئېلىشنى ئاسانلاشتۇردى، لېكىن ئۇيغۇرلارغا ئەمەس

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت يېڭى چىقارغان نوپۇس چارىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىشلىمەيدىغانلىقى مەلۇم.

خىتاي دائىرىلىرى بۇندىن 6 ئاي ئاۋۋال بىر نوپۇس باشقۇرۇشىنى ئىسلاھات قىلىش چارىسىنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق رايونلاردا نوپۇس باشقۇرۇش تۈزۈمنى بوشاشتۇرغان. بۇنىڭدا ئۈرۈمچى ۋە قارامايدىن باشقا جايلاردا ئولتۇراقلىشىشنى خالىغانلىكى ھەر قانداق كىشىنىڭ كەسپى، ئۆي-مۈلۈك ئەھۋالى، ئىقتىسادىي شارائىتى، خىزمىتى، مائارىپ سەۋىيىسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارغا نوپۇس بېرىش بېكىتىلگەن.

غۇلجا شەھىرىگە قاراشلىق مەلۇم بىر ساقچى پونكىتى خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ تۈزۈم جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلى نوپۇسىدىكى ئاھالىلەرگە توغرا كەلمەيدىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: بۇنى بېجىرىۋاتىدۇ، بىراق كەلگەن ماتېرىيالىغا قاراپ، مۇشۇ يەردە ئۆيى بولسا، مۇقىم ئولتۇرۇشلۇق جايى بولسا بېرىۋاتىدۇ. ئەمما جەنۇبنىڭكىگە بولمايدۇ.

ئۇ بۇنىڭ سەۋەبى ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ ئۇنىڭ پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بولۇۋاتقان ئىش ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

خوتەن لوپ ناھىيىسى ھاڭگا يېزىسىدىكى بىر ساقچى خادىمى نوپۇسنىڭ مەزكۇر يېزىغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىشىنى خالايدىغان ھەرقانداق كىشىگە بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يېزىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتاي كۆچمەنلىرى ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

لوپ بازىرىدىكى چارلاش پونكىتى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، 7 كىشى ئۆلدى، 4 كىشى يارىلاندى

خوتەننىڭ لوپ ناھىيە بازىرىدىكى بىر چارلاش پونكىتى 11-ماي كۈنى كەچ ۋە 12-ماي كۈنى ئەتىگەندە ئىككى قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. ھۇجۇمنىڭ دەسلەپكىسىنى بىر نەپەر، ئىككىنچى قېتىملىقىنى ئىككى نەپەر ھۇجۇمچى ئېلىپ بارغان. ھۇجۇمدا بۇ ئۈچ نەپەر ھۇجۇمچى بىلەن بىرلىكتە 4 نەپەر ساقچى ئۆلگەن ۋە 4 نەپەر ساقچى يارىلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەدىن كېيىن خىتاي قوراللىق كۈچلىرى 1-دەرىجىلىك ئۇرۇش تەييارلىق ھالىتىگە ئۆتكەن. نۆۋەتتە خوتەننىڭ لوپ ناھىيىسىدە ۋەقەگە چېتىشلىق گۇماندارلارنى تۇتۇش ۋە تەكشۈرۈش ھەرىكىتى داۋام قىلماقتا.

خىتايدا گۇماندارلارنى قىيناپ سوراق قىلىش يەنىلا مەۋجۇت

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 13-ماي مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدا گۇماندارلار ۋە مەھبۇسلارنى قىيناپ سوراق قىلىش قىلمىشىنىڭ يەنىلا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي 1986-يىلى «ب د ت تەن جازاسى ۋە قىيناپ سوراق قىلىشقا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» گە ئىمزا قويغان، 2013-يىلى قانۇن چىقىرىپ قىيناپ سوراق قىلىش ۋە تەن جازاسى بېرىشنى رەسمىي چەكلىگەن.

ھالبۇكى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، خىتايدا تۇتقۇن ۋە مەھبۇسلارغا تەن جازاسى يۈرگۈزۈش ۋە ئۇلارنى قىيناپ سوراق قىلىش قىلمىشى ھېلىھەم داۋام قىلىپ كەلگەن.

ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ساقچىلىرى قانۇندىن قېچىش ئۈچۈن مەھكۇملارنى بىرەسمىي تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا يارا ئىزى قالمايدىغان ئۇسۇللار بىلەن قىيناپ سوراق قىلىش يوللىرىنى تاپقان.

ساقچى زوراۋانلىقى، گۇماندار ۋە مەھبۇسلارنى قىيناش قىلمىشىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ كەڭ كۆلەمدە مەۋجۇتلۇقى، بۇنىڭ 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى نامايىشىدىن كېيىن تېخىمۇ كۆلەملەشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمىگەن

خىتاي دائىرىلىرى تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۇنى يوقلاپ، كىيىم-كېچەك ۋە پۇل-پۇچەكلەرنى بېرىشىگە يول قويمىغان.

12- ماي ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىگە مۇنداق دېدى: ئاكىسى تۈرمىگە ئۇنى يوقلاپ بارسا كىرگۈزمەپتۇ. تۈرمە دائىرىلىرى بۇ يىل 6-، 7-ئايلاردا ئېرىمنى قاچان يوقلاشقا بولىدىغانلىقىنى بىزگە ئېيتىدىغان بولدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ھازىر ئۇلار كىيىم-كېچەك بەرگىلىمۇ قويمىدى. ئېرىمنىڭ ئاكىسى ئەكەلگەن پۇلنىمۇ «ھازىر ئۇنىڭ كارتىسىدا پۇل بار» دەپ ئالماپتۇ.

ئىلھام توختى ئۆتكەن يىلى 23-سېنتەبىر «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماققا بۇيرۇلغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ شۇندىن كېيىن ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمىگەن.

غۇلجىدا پاسپورت يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىلدى

غۇلجا ئۈچدەرۋازا ساقچىخانىسى ئاھالىلەرنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشىنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن چىقىرىلغانلىقىنى دەلىللىدى. 30- ئاپرېل، غۇلجا شەھەرلىك ئۈچدەرۋازا ساقچىخانىسى بىر جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئاھالىلەردىن 2 ھەپتە ئىچىدە پاسپورتلىرىنى ئۆزلىرى تەۋە ساقچىخانىغا تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

ئۈچ دەرۋازا ساقچىخانىسىنىڭ بۇ خىزمەتكە مەسئۇل خادىمى قاھار مۇنداق دېدى: ھەئە، بۇ ئۇقتۇرۇشنى يېقىندا چىقارغان. ئەسلىدە بۇ ئۇقتۇرۇشنى بىزنىڭ ساقچىخانا يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۆز ئالدىغا چىقارغان.

ئۇ يەنە بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ پاسپورت يىغىۋېلىش ئەمەس، بەلكى «ساقچىخانىدا ۋاكالىتەن ساقلاپ بېرىش» تىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، پاسپورت يىغىۋېلىشتىكى ھەقىقىي مۇددىئا ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئاھالىلەرنىڭ پاسپورتلىرىنى يىغىۋېلىشىمىزدىكى ئاساسلىق سەۋەب مۇقىملىق خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىدىن بولغان. ئاھالىلەرنىڭ پاسپورتلىرىنى ساقچىخانا يىغىۋېلىپ، ۋاكالىتەن ساقلاپ بەرسەك، جەمئىيەتتىكى مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

بۇ خەۋەر غەرب مەتبۇئاتلىرىدىمۇ كەڭ ئورۇن ئالدى. بەزى خەۋەرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىشى ئىنتايىن مۈشكۈل ئىكەنلىكى، شۇڭا ئۇلارنىڭ چەتئەلگە «قارا» يوللار ئارقىلىق قېچىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىلدى.

تەشۋىقات چېمپىيونى ۋەقەلەرنىڭ تەڭسىزلىكتىن كېلىپ چىققانلىقىنى تونۇپ يەتكەن

تەشۋىقات چېمپىيونى نىزام نەجىۋۇللا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەرنىڭ ئەسەبىيلىكتىن ئەمەس، بەلكى تەڭسىزلىكتىن كېلىپ چىققانلىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۇرپان يارغوللۇق تەشۋىقات چېمپىيونى نىزام نەجىۋۇللانىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بىر نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا ئاتالمىش « ئەسەبىيلىككە قارشى» تەشۋىقاتقا سەپەرۋەر قىلىنغان، ئەمما ئۇ ھۆكۈمەتتىن ئىش ھەققىنى ئالالمىغاننىڭ ئۈستىگە ئەل-جامائەت ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.

بۇ ئەھۋال ئۇنى ئۆزى سۆزلىگەن نۇتۇقنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىشقا تۈرتكە بولغان.

ئۇ رادىئومىزغا نۇتقى ھەققىدىكى قايتا ئويلىنىشتىن كېيىن مەزكۇر ۋەقەلەرنىڭ ئەسەبىيلىكتىن ئەمەس، بەلكى مىللەتلەر ئارا تەڭسىزلىكتىن كېلىپ چىققانلىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى، ھەمدە ھەرقايسى جايلاردا سۆزلىگەن 39 مەيدان نۇتقىغا پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

نىزام نەجىۋۇللا ئەسلى نۇتقىدا ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.