رابىيە قادىر خانىم: ئۆتكەن بىر يىل جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى ئىزچىل تۈردە ناچارلىشىپ باردى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم «شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» نىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن بىر يىل جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنىڭ ئىزچىل تۈردە ناچارلىشىپ بارغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئۇ، مەزكۇر يىغىن چاقىرىلغاندا، بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇن مەزگىل ھوقۇق سۈرگەن ۋاڭ لېچۈەن يۆتكىلىپ، ئورنىغا يېڭى رەھبەر تەيىنلەنگەندە «ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى يۇمشىشى مۇمكىن» دەپ ئويلىغانلىقىنى، ئەمما ئەمەلىيەتنىڭ كۈتكىنىدەك بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رابىيە قادىر خانىم مۇنداق دېدى: بۇ بىر يىل جەريانىدا تۈرمىگە تاشلانغانلار سانى ھەسسىلەپ ئاشتى. ئۆلۈم جازالىرى يەنە ئىجرا قىلىندى. ئاخباراتقا قارىتىلغان چەكلىمە يەنىلا داۋاملاشماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدە «ھالقىما تەرەققىيات» مۇھىتى يارىتىدىغانلىقى ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى تاجىكىستان خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئۈچ ئۇيغۇرنى سۈرۈشتۈردى
تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى تاجىكىستان خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئۈچ ئۇيغۇرنى سۈرۈشتۈردى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، 5-ئاينىڭ 10-كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىدىن بەش كىشى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچراشتى.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، تاجىكىستان تەرەپنىڭ تېخى بۇنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئاينىڭ 8-كۈنى تاجىكىستان دائىرىلىرى تۈركىيە پۇقراسى كامال ئۆمەر ئوغلى، رىشىت ئەخمەت، ئابدۇل مىجىت داۋۇت ئوغلى قاتارلىق 3 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ئىكەن.
مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەنقىدى ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن ماسلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى
كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى 14-ماي ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە قاراتقان تەنقىدى سۆز بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقى، ئۇنىڭ ئەمەلدە كۆرسىتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى فىلىم كاين، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق بېسىمىنىڭ ھېچقانداق كۈچى يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ: ۋەزىيەت ئامېرىكىنىڭ بۇ سىياسىتىنى قايتا ئويلىشىپ كۆرۈشكە قىستىماقتا، دېدى.
سۈرگۈندىكى خىتاي ئۆكتىچى زاتلىرىنىڭ بىرى ۋېي جىڭشىڭ، يىغىندا ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەتنى دەپ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئاجىزلىق قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىدى.
گوللاندىيىدىكى مىللەتلەر مەدەنىيەت يەرمەنكىسىگە ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى
15-ماي گوللاندىيىنىڭ تېلبۈرخ شەھىرىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت يەرمەنكىسىگە ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى. يەرمەنكىدە بىر قىسىم چەتئەللىكلەر ئۇيغۇر دوپپىسى سېتىۋالدى.
يەرمەنكىنى تۈرك دۇنياسى ھەمكارلىق گۇرۇپپىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، گوللاندىيە ئۇيغۇر تەشكىلاتى باشلىقى سادىقجان، «كۆن» تېلېۋىزىيىسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى.
ئۇيغۇر، تۈرك، تاتار، نوغاي ۋە تۈركمەن قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ گوللاندىيىدىكى جەمئىيەت ئەزالىرى ۋە باشقىلار بولۇپ مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان بۇ يەرمەنكە، تېلبۈرخ شەھىرىدىكى بىر ساياھەت مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلدى.
دەۋاگەر نۇرۇنگۈل توختى: جۇڭگو پۇقراسى بولۇشنى خالاپ كەتمەيمەن
4-ماي، بېيجىڭدىكى 30 غا يېقىن ئۇيغۇر ئەرزدار خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇۋېلىپ، ئۆز ئەرزلىرىنى تېزدىن بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
ساقچىلارنىڭ تەۋسىيە ۋە تەھدىتلىرى كارغا كەلمىگەندىن كېيىن، دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىدىن مەخسۇس ئادەم كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئەرزىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ۋە ئۇلارنى دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىگە ئاپىرىپ، ئۇلارنىڭ ئەرزلىرىنى ئاڭلاپ چىققان.
سۆھبەتتە ئەرزدارلاردىن نۇرۇنگۈل توختى ئۆز شەخسىي ئەرزى ھەققىدە ئېغىز ئاچمىغان، پۈتۈنلەي ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نارازىلىق ھېسسىياتى ۋە ئوي-پىكىرلىرىنى بايان قىلغان. ئۇ، مەسئۇل خادىمغا ھېچ ئىككىلەنمەستىن: «مەن جۇڭگو پۇقراسى بولۇشنى خالاپ كەتمەيمەن» دېگەن.
بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر دەۋاگەرلەرنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە كۆپەيمەكتە.
«شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى
يېقىندا، «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشى» ناملىق كىتاب، تۈركىيىدىكى سۇتۇق بۇغراخان مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى.
بۇ كىتاب 6 بابتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كىتابتا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ 20-ئەسىردىن بۇيانقى مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، جۇغراپىيىسى ۋە بايلىقى، ئىستراتېگىيىلىك ئورنى، ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى قاتارلىق تېمىلارغا ئورۇن بېرىلگەن.
كىتابنى قىرغىزىستاندا تارقىلىۋاتقان «ئۇيغۇر ئىتتىپاق گېزىتى» دىن دەم ئېلىشقا چىققان پېشقەدەم يازغۇچى شەمسىدىن ئابدۇرېھىم يازغان.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي نوپۇسى 8 مىليوندىن ئاشقان
خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان 6-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇقىم ئولتۇراقلاشقان خىتايلار نوپۇسى 8 مىليون 746 مىڭ 148 كىشىگە يەتكەن.
ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىم ئولتۇراقلاشقان خىتايلار رايوندىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 40.1% تىنى ئىگىلىگەن. رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق بارلىق مىللەتلەر نوپۇسى 13 مىليون 67 مىڭ 186 نەپەر دەپ ئېلان قىلىنىپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 59.9% نى ئىگىلەيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئەپسۇسكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئايرىم نوپۇس سانىنى ئېلان قىلمىغان. 1950 يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ 5% ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى مەلۇم.
نوغايتۇ دېھقانلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى مەجبۇرىي سېتىۋېلىش داۋاملاشماقتا
ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي شىركەتلىرى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن بىرلىشىپ «ھالقىما تەرەققىيات پىلانى» نامىدا، دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى سېتىشقا مەجبۇرلاش قىلمىشى بارغانچە ئېغىرلاشماقتا.
غۇلجا شەھىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر قىسىم دېھقانلار ھۆكۈمەتنىڭ تېرىلغۇ يەرلەرنى سېتىۋېلىش پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، تېرىلغۇ يېرىنى سېتىشنى رەت قىلغان. ئەمما، يەنە بىر قىسىم دېھقانلار يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ قىزىقتۇرۇشى، بېسىمى نەتىجىسىدە تېرىلغۇ يەرلىرىنى خىتاي شىركەتلىرىگە سېتىپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان. بۇ خىل ئەھۋال دېھقانلار ئارىسىدا ئەندىشىلەرنى كۆپەيتكەن.