تۈركىيەنىڭ ئاتاتۈرك ئايرودرومىدا توسۇۋېلىنغان 98 ئۇيغۇر قويۇپ بېرىلگەن
17-ماي تۈركىيەنىڭ ئاتاتۈرك ئايرودرومىدا توسۇۋېلىنغان 98 نەپەر ئۇيغۇر سەيشەنبە كۈنى قويۇپ بېرىلگەن.
ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈرۈمچىدىن خىتاي پاسپورتى بىلەن يولغا چىققانلىقى، ئەتكەسچىلەرنىڭ دامىغا چۈشۈپ، ساختا قىرغىزىستان پاسپورتى بىلەن تۈركىيەگە كىرىش ئالىدا توسۇپ قېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، توسۇپ قېلىنغان 98 نەپەر ئۇيغۇر نۆۋەتتە ئۈرۈمچىگە قايتۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتىكەن. ئۇلار قايتۇرۇلغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جازالىشىغا ئۇچراش ئېھتىماللىقى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئەندىشىگە سالماقتىكەن.
خىتاي بازار باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ يايما ئاچقان بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىگە قىلغان زوراۋانلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى
يېقىندا خىتاي بازار باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ پىچاندا يايما ئاچقان بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىگە قىلغان زوراۋانلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى.
تېخى ئۆتكەن ئايدىلا 3 ياشلىق بىر ئۇيغۇر بالىنىڭ ئۆز ئائىلىسىنىڭ يايمىسىنى قوغداش ئۈچۈن خىتاي بازار باشقۇرۇش خادىملىرىغا كۆرسەتكەن قورقۇمسىز قارشىلىقى پۈتۈن دۇنيادىكى تاراتقۇلاردا ئۇلاپ خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
بۇ قېتىم پىچاندا يۈز بەرگەن مەزكۇر ۋەقە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە ئۇچراۋاتقان خورلۇقلىرىنى يەنە بىر قېتىم دۇنياغا ئاشكارا قىلدى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تۇپرىقىدا «ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقرا» بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئانالىزچىلار ۋاڭ داخاۋنىڭ ئۇيغۇر قاشتاش سودىگەرلىرى ھەققىدىكى ماقالىسىگە رەددىيە بەردى
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئانالىزچى ۋاڭ داخاۋ «سۇمۇرغ» تورىدا «تېررورلۇقنىڭ كاپىتال مەنبەسى خوتەن قاشتېشى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلغان. مەزكۇر ماقالە يېقىندا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ تور بەتلىرىگە قويۇلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا كۈچلۈك بەس-مۇنازىرە قوزغىغان.
ئۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇر قاشتېشى سودىگەرلىرىنى «بۆلگۈنچىلەر، دىنىي ئەسەبىيلەر ۋە تېررورچىلارنىڭ كاپىتال يىغىدىغان ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ بولدى»، دەپ بوھتان قىلغان.
ھالبۇكى خوتەن شەھىرىنىڭ يۇرۇڭقاش ساقچىخانىسىدىكى نۆۋەتچى خادىملار رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ خوتەندە يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەر ئىچىدە قاش تېشىغا چېتىلغان دېلولارنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرمۇ ۋاڭ داخاۋنىڭ بايانلىرىغا قارشى رەددىيە بېرىپ، ئۇنىڭ «ئاساسسىز بوھتان» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «2016-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى» ئېلان قىلدى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يېقىندا «2016-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى» ئېلان قىلدى.
مەزكۇر دوكلاتتا «2015-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئىشلىرى داۋاملىق ئارقىغا چېكىندى» دېيىلگەن.
دوكلاتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش» نى باھانە قىلىپ. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ياشاش ھوقۇقلىرىغا دەخلى-تەرۇز قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ««شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك نورمال ياشاش ھوقۇقى تەھدىت ئاستىدا قالدى،» دەپ كۆرسەتتى.
لوپ دېھقانلىرىنىڭ كەلكۈن ۋە قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش باھانىسىدە ھاشارغا تۇتۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم
ئالدىنقى ھەپتىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى كۆپ قىسىم جايلاردا كەلكۈن ئاپىتى ۋە قۇم-بورانلىق ھاۋارايىنىڭ كۆرۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە كۆرۈلگەن قۇم-بورانلىق ھاۋارايى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ۋە خەلقنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغان.
خوتەننىڭ لوپ ناھىيەسىگە قاراشلىق مەلۇم يېزىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى قۇم-بورانلىق ھاۋارايى تەسىرىدىن ھەپتىلەرچە توپا يېغىپ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىگە ئېغىر زەرەر يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇلار يەنە يەرلىك دائىرىلەرنىڭ «كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش»، «قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش» دېگەندەك باھانىلەردە دېھقانلارنى ھاشارغا تۇتۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارا قىلدى.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تەكشۈرۈشنىڭ «ئاشكارا مىللىي كەمسىتىش» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە
ئۆتكەن ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا شېنجېندىكى دوڭمىن ساقچىخانىسى چىقارغان «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى توپلاش جەدۋىلى» ئاشكارا بولغان ئىدى.
رادىيومىز شېنجېن ۋە باشقا خىتاي ئۆلكە-شەھەلىرىدىكى مېھمانخانىلاردىن ئەھۋال سۈرۈشتۈرگەندە، ئۇلار بىردەك ئۇيغۇرلارغا ياتاق بېرىلمەيدىغانلىقى، مېھمانخانىدا يېتىش ئۈچۈن ساقچىغا تىزىملىتىپ خەت ئېلىش لازىملىقىنى بىلدۈردى.
ئالدىنقى كۈنى يەنە بىر نەپەر تىبەت ياشنىڭ خىتايدىكى بىر ئايرودرومدا تۇتۇپ قېلىنىپ ئايرىم تەكشۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى بىر سىن كۆرۈنۈشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا ئاشكارا بولدى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەر بىلەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، دائىرىلەرنىڭ بۇ قىلمىشىنى «ئاشكارا مىللىي كەمسىتىش،» دەپ ئەيىبلىدى.