ھەپتىلىك خەۋەرلەر (18-مايدىن 24-مايغىچە)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىدىكى رامازانلىق چەكلىمىلىرى يۇقىرى پەللىگە چىقماقتا

ئۇيغۇر دىيارىدا يىللاردىن بۇيان تۈرلۈك شەكىللەردە ئىجرا بولۇپ كەلگەن رامازانلىق چەكلىمىلەرنىڭ بۇ يىل تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقى مەلۇم بولماقتا. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن روزا تۇتقانلارنىڭ ساقچى ئورۇنلىرىغا مەلۇم قىلىنىدىغانلىقى ئاشكارا بولدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رامازان مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنى چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاشتەك قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە باشقا خادىملىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ئىسلام تەشكىلاتلىرىغا بۇ ھادىسىلەرنى ئاڭلاتقان.

ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى رامازانلىق چەكلىمىلەرنىڭ «ئەل-جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىدا مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىنىشى بولسا ئىسلام دۇنياسىدىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى بۇ زۇلۇمدىن خەۋەردار قىلدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە مەدەنىيىتى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىلمەكتە

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى چەكلەشنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش پائالىيىتىنىڭ ئومۇملىشىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغاشقا باشلىدى.

تۈرلۈك ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەرقايسى جايلاردىكى ئاممىۋى يىغىنلاردا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدىكى ئەسىرلەر بويى داۋام قىلىپ كەلگەن ئۆيلەرگە گىلەم ئېسىش، سۇپا ۋە كاڭ قويۇش قاتارلىق ئادەتلەرنى «قالاقلىق» ۋە «مەدەنىيەتسىزلىك» دەپ جاكارلىغان ھەمدە بۇلارنى چۆرۈپ تاشلاشنى تەرغىب قىلغان.

ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشلۇق بولغان زاتلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتىنى خىتايچە شەكىلگە ئۆزگەرتىشنىڭ يېڭى قەدىمى، دېدى.

ئاتاقلىق ئۇيغۇر بوكسچى ئابدۇرېشىت ئابدۇراخمانوۋ ۋاپات بولدى

قازاقىستاندىكى ئاتاقلىق تەنھەرىكەتچى، داڭلىق بوكسچى ۋە كىنو ئارتىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇراخمانوف 72 يېشىدا ئالمۇتادا ۋاپات بولدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇرىشىت ئابدۇراخمانوۋ 1970-يىللاردىن باشلاپ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن بوكس مۇسابىقىلىرىدە ۋە باشقا خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە كۆپ قېتىم چېمپىيون بولغان ئىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا ئابدۇرېشىت ئابدۇراخمانوۋ 20 گە يېقىن فىلىمدا رول ئالغان بولۇپ، 1996-يىلى بېرلىندىكى كىنو فېستىۋالىدا «ئالتۇن كامېرا» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىكەن.

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتتى

مۇشۇ ھەپتىدە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى قارمىقىدىكى تاشىقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتتى. كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن ماركو رۇبىيو بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەخسۇس سۆز قىلىپ، بۇنىڭ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر قەدەم بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن بوم مېنېندېزمۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان سىستېمىلىق زۇلۇملىرى ماھىيەتتە ئىنسانلارغا قىلىنغان ھاقارەت. بىز بۈگۈن ھەممىمىز ئۇيغۇر بولدۇق» دېدى.

مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشى ئۇنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ماقۇللىنىشى ئۈچۈن ئېلىنغان دەسلەپكى قەدەم بولۇپ، زور ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئاشكارا ئەيىبلىدى

22-ماي كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن سام بروۋنبەك ۋە نېيسىن سەيلس «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقىنى ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش› كۈرىشى ئەمەس، بەلكى بىر يىرگىنچلىك باستۇرۇش» سەرلەۋھىلىك بىرلەشمە ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئاشكارا يوسۇندا قاتتىق ئەيىبلەندى.

ماقالىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىك» كە باغلاپ باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى جانلىق مىساللار ئارقىلىق تەپسىلىي بايان قىلىندى.

مەزكۇر ماقالە ئېلان قىلىنىپ ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ خىتايچە تەرجىمىسى ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرىنىڭ تور بېتىگە چاپلاندى.

تۇيغۇن ئابدۇۋەلى «ئاناتولىيە ئىسلام مەركىزى» نىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

22-ماي كۈنى كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى «ئاناتولىيە ئىسلام مەركىزى» نىڭ 2019-يىللىق كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

تورونتو شەھىرىدىكى ئىفتارلىق پائالىيەتتە ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا «ئاناتولىيە ئىسلام مەركىزى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن مۇستافا ئەپەندى سۆز قىلىپ «كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك زۇلۇملارنى ھەر ساھە كىشىلىرىگە ئاڭلىتىشتا زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى» دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، «ئاناتولىيە ئىسلام مەركىزى» ئۆتكەن يىگىرمە يىلدىن بۇيان «كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مۇكاپاتى» نى ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم تارقىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، كانادادىكى ئۇيغۇرلار بۇ يىل تۇنجى قېتىم بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.