فەرۇخ پەرھات ئامېرىكا دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدال ئالدى
ئامېرىكىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتى فەرۇخ پەرھات پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پەن-تېخنىكا مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، ئالتۇن مېدال ئالدى.
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋىرگىنىيە شتاتى فەيرفەكس شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى فەرۇخ پەرھات بۇ يىل تولۇق 11-يىللىقنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرماقتا.
فەرۇخ ئۆز نەتىجىلىرى بىلەن يەنە، بۇ يىل 6-ئايدا ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ لەڭلېي تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا پراكتىكىغا قاتنىشىدىغان «100 قابىلىيەتلىك بالا» قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.
خىتاي ئۆلكىلىرىدىن چىققان زاۋۇت-كارخانىلار قەشقەردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى يەرلىرىدىن ئايرىماقتا
خىتاي ئۆلكىلىرىدىن چىققان زاۋۇت-كارخانىلار قەشقەردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى يەرلىرىدىن ئايرىماقتا. «شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» ئېچىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 19 خىتاي ئۆلكىسىگە بۆلۈپ بېرىلگىنىگە بىر يىلدىن ئاشتى.
بۇ جەرياندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى ناھىيە-يېزا بازارلىرىدا خىتاي شىركەتلىرى قۇرۇلۇش قىلىشنى تېزلەتكەن.
يەرلىكلەردىن ئالغان ئىنكاسلىرىمىزدىن قارىغاندا، ھازىر يەرلىك ھۆكۈمەتلەر خىتاي ئۆلكىلىرىدىن چىققان زاۋۇت-كارخانىلىرىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋېلىشقا باشلىغان. بۇ، ئازغىنە يېرىگە تايىنىپ ھايات كەچۈرىدىغان دېھقانلارنى قېيىن ئەھۋالدا قويغان.
بۇ خىل ئەھۋال قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدە بىر قەدەر ئېغىر ئىكەن.
ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا
گوللاندىيىدىكى «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا مەدەنىي ۋە دىنىي تەلىم بېرىش ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
جەمئىيەتنىڭ بۇ ئايلىق پروگراممىسى 21-ماي ھارلىم شەھىرىدىكى بىر جامىيدا ئېلىپ بېرىلدى. سۆھبەت ئىنتايىن مول مەزمۇنلۇق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، سۆھبەت ئەھلىنى رازى قىلدى.
شەرقى تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى
5-ئاينىڭ 22-كۈنى، شەرقى تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتى ئادېلايد شەھىرىدە شەرقى تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى ھەققىدە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى.
بۇ سۆھبەتتە، جەمئىيەت جامائەتچىلىكىگە ئۇيغۇر ئالىي كېڭەشنىڭ ئېچىلىش جەريانى ۋە ئىلىنغان قارارلار ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلدى.
شەرقى تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى بۇ يىل 5-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
خىتاينىڭ مىسىردىكى ئەلچىخانىسى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارغا «شىنجاڭنى سۆيۈش ئوقۇش مۇكاپاتى» تارقاتتى
خىتاينىڭ قاھىرەدىكى باش ئەلچىخانىسى ئۆتكەن جۈمە كۈنى مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، مىسىردا ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى «شىنجاڭنى سۆيۈش ئوقۇش مۇكاپاتى» بىلەن مۇكاپاتلىغان.
قاھىرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ساھىبخانلىقىدىكى مۇراسىمدا ئەزھەر قاتارلىق بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە قىسمەن تۇڭگان ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىلگەن.
مۇراسىمدا يەنە، «مىسىردىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىلمىي خادىملار بىرلەشمىسى» نىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان.
بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىگە تارتىپ، بىرلىك سەپنى كېڭەيتىۋاتقانلىقىنىڭ مىسالى، دەپ قارالماقتا.
تىك قۇدۇق كۆمۈر كېنى ئاخىرى رەسمىي تاقالدى
ئۈرۈمچى دائىرىلىرى 18-ماي ليۇداۋان يەنى تىك قۇدۇق كۆمۈر كانىنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى سەۋەب قىلىپ پۈتۈنلەي تاقىغان. مەزكۇر رايوندىكى كان ئىشچىلىرى 10 مىڭدىن، مۇقىم ئولتۇرۇشلۇق نوپۇس 40 مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇرلار ئىكەن.
دائىرىلەرنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۇيغۇرلاردا گۇمان قوزغىماقتا.
خىتاي قاراقول جەمئىيىتى ئېلىپ قېچىپ قويۇۋەتكەن 8 ياشلىق ئۇيغۇر بالىنىڭ روھىي ھالىتى ئائىلىسىنى ئەندىشىگە سالماقتا
خىتاينىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسى داليەن شەھىرىدە تىجارەت قىلىۋاتقان نۇرۇنگۈل توختىنىڭ 8 ياشلىق ئوغلىنى خىتاي قاراقول جەمئىيىتى بۇلتۇر 7-ئاينىڭ 28-كۈنى ئويناۋاتقان يېرىدىن ئېلىپ قېچىپ كەتكەن.
نۇرۇنگۈل بالىسىنى ئېلىپ قاچقان قاراقول جەمئىيىتىنىڭ كىملىكىنى پەرەز قىلىپ، ئۇنىڭغا تەھدىت سالغاندىن كېيىن، قاراقول جەمئىيىتى بالىنى قويۇۋېتىشكە مەجبۇر بولغان.
ۋەقە يۈز بەرگىنىگە بىر يىل بولغان بولسىمۇ، بالىنىڭ روھىي ھالىتىدە ئوڭشىلىش بولمىغان. ئەمما، خىتاي قاراقول جەمئىيىتىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنمىغان.
شىلىنغول ۋىلايىتىدىكى موڭغۇل ئوقۇغۇچىلار نامايىش قىلدى
موڭغۇل ئوقۇغۇچىلار 24-ماي نامايىش قىلىپ، موڭغۇل چارۋىچىنىڭ قاتىلىنى جازالاپ بېرىش ۋە موڭغۇل چارۋىچىلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى.
11-ماي، بىر خىتاي كۆمۈر شىركىتىنىڭ يۈك ئاپتوموبىلى ئىچكى موڭغۇلنىڭ شىلىنغول ۋىلايىتى تەۋەسىدە مەرگەن ئىسىملىك بىر موڭغۇل چارۋىچىنى بېسىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن.
مەزكۇر ئاپتوموبىلنىڭ شوپۇرى خىتاي بولۇپ، ۋەقە شىلىنغول يايلىقىدىكى موڭغۇل چارۋىچىلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان ئىدى.
نۆۋەتتە شىلىنغول ۋىلايىتىدىكى نامايىشنىڭ پۈتكۈل ئىچكى موڭغۇل رايونىغا كېڭەيگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.