ھەپتىلىك خەۋەرلەر (23-مايدىن 29-مايغىچە)

0:00 / 0:00

رابىيە خانىم دۇنيا دۆلەتلىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئارىلىشىشقا چاقىردى

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا 181 تېررورلۇق دېلوسىنى پاش قىلغانلىقى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ مەلۇماتنىڭ ماھىيەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى خەلقئاراۋىي ۋە دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ ئارىلىشىشى زۆرۈر بولغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: بىز خىتايغا تايانمىسىمۇ، ئۆز خەلقىنى بېقىپ كېتەلەيدىغان ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ئۆزلىرىنىڭ قىممەت قارىشىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش نۇقتىسىدىن بولسىمۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئارىلىشىشقا، خىتاي ئۆزىدىكى مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ئىقرار قىلىشقا مەجبۇر بولغان بۈگۈنكىدەك پۇرسەتلەردە، ئېنىق ۋە ھەققانىي پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە دەۋەت قىلىمىز. مەنچە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا مۇنداق بىر سوئال قويىدىغان ۋاقىت كەلدى.

رابىيە خانىم يەنە بىر دۆلەتنىڭ بىر رايونىدا بىر يىل ئىچىدە 181 تېررورلۇق گۇرۇھى بايقالسا، بۇ دۆلەتنى تىنچ ۋە بىخەتەر دۆلەت دېگىنى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئەگەر رېئاللىق شۇنداق بولسا، بۇ چوڭ خەۋپ-خەتەرنىڭ مەنبەسى مەيلى دىنىي، مەيلى سىياسىي، مەيلى ئىقتىسادىي بولسۇن، بۇ دۇنياغا ئاشكارىلىنىشى كېرەك. بۇنىڭغا يالغۇز خىتاي ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا باش قاتۇرۇشى كېرەك.

ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمان ناتىق: ئۇيغۇرلار بېسىم ئاستىدىمۇ ئۆز ئېتىقادىنى ساقلاپ قالالايدۇ

ئامېرىكىدا كۆزگە كۆرۈنگەن مۇسۇلمان ناتىق نوئۇمان ئەلىخان ئۇيغۇرلار ئېغىر باستۇرۇشلارغا دۇچار بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، بۇ سۆزلەرنى 23- ماي بالتىمور شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئامېرىكا ئىسلام چەمبىرىكىنىڭ 40-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىلىشى جەريانىدا رادىئومىزغا بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: بىلەمسىز، ئۇيغۇرلار تارىختىمۇ شۇنداق دىنىي باستۇرۇشلارغا ئۇچرىغاندا، ئائىلىسىدە ئىسلامنى ئۆگىتىشنى توختاتماي، ئىمان- ئېتىقادنى چىڭ ساقلاپ، ئۆز كىملىكىنى قۇتقۇزۇپ قالغان. ئىنشائاللا، ئۇلار ھازىر ئەڭ ئېغىر كۈنلەرگە دۇچار بولۇۋاتقان بولسىمۇ، بۇ سىناقتىن ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ، ئۇلارنىڭ يەنىلا ئېتىقادىنى چىڭ ساقلاپ قالالايدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.

نوئۇمان ئەپەندى يەنە كېلەر يىلى شەرقىي تۈركىستانغا بېرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇئا قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارغا سالام يوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا قەلەمكەشلەر مەركىزى دۇنيا كىتاب يەرمەنكىسىدە خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى

28- ماي ئامېرىكا قەلەمكەشلەر مەركىزى نيۇ-يوركتا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان دۇنيا كىتاب يەرمەنكىسىدە خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى ۋە ئامېرىكا كىتاب يەرمەنكىسىنىڭ خىتايغا «شەرەپ مېھمانلىق» ئورنى بېرىپ، ئۇنىڭدىكى مەۋجۇت چەكلىمىلەرنى دىققەتكە ئالمىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

نامايىشچىلار ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختى، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبو قاتارلىقلارنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈپ، بۇ كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشنى، باشقا يازغۇچىلارغا چەكلىمە قويۇشنى توختىتىپ، ئۇلارنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىشىغا يول قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يەرمەنكە خىتاي ئەدەبىياتىغا ئالاھىدە ئىلتىپات كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ 44 نەپەر يازغۇچى ۋە ژۇرنالىستنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقانلىقى، نۇرغۇن يازغۇچى، ژۇرنالىستلارنىڭ پاراكەندىچىلىك، تەھدىتكە ئۇچراپ، بەزىلىرىنىڭ سۈرگۈندە ياشاۋاتقانلىقىدەك رېئاللىقنى نەزەردىن ساقىت قىلغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادا شۆبىسى ھۈسەيىن جېلىل ئۈچۈن مەكتۇپ يېزىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق ئەزالىرى خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل ئۈچۈن مەكتۇپ يېزىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان.

«نياگرا خەۋەرلەر تورى» نىڭ ئېيتىشىچە، مەكتۇپ يېزىش پائالىيىتىدە ھۈسەيىن جېلىل داۋاسىغا مەسئۇل بولغان ۋىلف رۇلەند سۆز قىلغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي گەرچە ھۈسەيىن جېلىلنى ‹تېررورچى› دەپ قارىلىسىمۇ، ئەمما خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇنى بىر كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى، دەپ قارايدۇ.»

ئىگىلىنىشىچە، ھۈسەيىن جېلىل ئۈچۈن يېزىلغان مەكتۇپلار خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرى، كانادا باش مىنىستىرى ستېفېن ھارپېر قاتارلىقلارغا ئەۋەتىلىدىكەن.

كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل 2006- يىلى ئۆزبېكىستانغا تۇغقان يوقلاپ بارغاندا قولغا ئېلىنىپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. خىتاي ئۇنى «تېررورلۇق جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلەپ مۇددەتسىز قاماققا بۇيرۇغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئېلىدا «دولقۇن ھاشار» يولغا قويۇلغان

ئاقسۇنىڭ توقسۇ ناھىيىسىدە «دولقۇن ھاشار» دەپ نام بېرىلگەن يېڭى بىر تۈرلۈك ھاشارنىڭ يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، دولقۇن ھاشار ھەر كۈنى سەھەر سائەت بەشتە باشلىنىپ ئەتىگەن سائەت 9 غىچە، ئەگەر زۆرۈر تېپىلسا سائەت 11 ياكى چۈشكە قەدەر داۋاملىشىدىكەن. 18 ياشتىن 60 ياش ئارىلىقىدىكى ئەر-ئايال ئەمگەك كۈچلىرى قاتنىشىدىغان بۇ ھاشار ھەپتىدە 5 كۈن ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

يۇلتۇزباغ يېزىسىدىكى بىر كەنت سېكرېتارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھاشارغا قاتناشمىغانلارغا 100 سوم جەرىمانە قويۇلغاندىن باشقا، بۇ تۈزۈمگە قارشى تۇرغانلارنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىپ، تۇتۇپ تۇرۇش ياكى توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدىكەن.

خەلقئارا قانۇنلاردا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىلا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ بولغان ھاشارنىڭ ئۇيغۇر يېزىلىرىدا ھەرخىل نام ۋە شەكىللەردە ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

خوتەن لايقادا بىر خىتاي ئەمەلدارى پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەن

15-ماي خوتەن ناھىيەسىنىڭ لايقا يېزا مەركىزىدە بىر خىتاي ئەمەلدارى پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەن. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان لايقا يېزا ساقچىلىرى، ئۆلگۈچىنىڭ لايقا يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ فامىلىلىك خىتاي ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تىن ئاشقاندا ۋاڭ تاماق يېيىش ئۈچۈن كېتىۋاتقاندا 20 ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى قېيۇم ئابلا ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياش پىچاق بىلەن ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغان. نەتىجىدە ۋاڭ نەق مەيداندا ئۆلگەن. ھۇجۇمچى قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما شۇ كۈنى كېچىسى سائەت 12 ئەتراپىدا تۇتۇلغان.

ھالبۇكى، ساقچىلار ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ۋە ھۇجۇمچىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.