قەشقەر شەھەر ئىچىدە يەنە پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ، ئىككى كىشى ئۆلدى، ئىككى كىشى يارىلاندى
28-ماي قەشقەردە ئىككى ئۇيغۇر خىتاي كۆچمەنلىرىگە پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ ئىككى نەپىرىنى يارىلاندۇرغان، كېيىن ئۆزلىرىمۇ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېيتىۋېتىلگەن.
ۋەقە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۆپكە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ ئالدىدا يەنى پويىز ئىستانسىغا ماڭىدىغان يول ئۈستىدە يۈز بەرگەن.
ساقچى خادىملىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھۇجۇمچىلار 18 ياشلىق بالىلار بولۇپ، ئۇلار دوختۇرخانا يېنىدىكى بىر بازاردا سودا قىلىدىغان خىتاي كۆچمەنلىرىگە ھۇجۇم قىلغان. ئەتراپتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خىتاي ساقچىلار نەق مەيدانغا كېلىپ، بۇ ئىككى نەپەر ھۇجۇمچىغا ئوق چىقارغان. ھۇجۇمچىلاردىن بىرى نەق مەيداندا، يەنە بىرى دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن.
بۇ مەزكۇر رايوندا يۈز بەرگەن ئەڭ يېڭى توقۇنۇشلارنىڭ بىرىدۇر.
يەكەن ناھىيىسىدە 5 ئورۇنغا قەرەللىك بومبا قويۇلغان، بومبىلاردىن بىرى پارتلىغان، 4 ئى يىغىۋېلىنغان
ئاشكارىلىنىشىچە، 23-ماي يەكەن ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى ۋە دۆلەت ئامانلىق ئەترىتى قاتارلىق 5 ئورۇنغا قەرەللىك بومبا قويۇلغان. بۇلاردىن بىرى پارتلىغاندىن كېيىن، خىتاي ساقچىلىرى كەڭ-كۆلەملىك ھەرىكەتكە ئۆتۈپ قالغان 4 بومبىنى تاپقان.
گۈلباغ ساقچىخانىسىدىكى خادىملارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 5 دانە قەرەللىك بومبا ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى، ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى، دۆلەت ئامانلىق ئەترىتى، گاز پونكىتى ۋە 6-باشلانغۇچ مەكتەپ قاتارلىق 5 ئورۇننىڭ قورۇسى ياكى خىزمەت بىناسىنىڭ ئەتراپىغا قويۇلغان.
ساقچى خادىملىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، بومبىلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈكى ئاز دېگەندە 15-20 كىشىنى ئۆلتۈرۈش ۋە زەخىملەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە.
مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقە سەزگۈر بىر مەزگىلدە يەنى 22-ماي «ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمى» دىن بىر كۈن كېيىن يۈز بەرگەچكە، دائىرىلەر ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلغان.
گۇما ناھىيىسىدە يەنە بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ ئۆي ۋە مال-مۈلكى باستۇرۇۋېتىلگەن
ئىگىلىشىمىزچە، گۇما ناھىيە بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق يەنە بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ ئۆي- بىساتى قۇرۇلۇش شىركىتى تەرىپىدىن مەجبۇرىي چېقىلغان.
ۋەقە گۇما ناھىيە بازىرىنىڭ گۈلقازما مەھەللىسىدە، يەنى ناھىيەلىك قاتناش بېكىتىنىڭ ئۇدۇلىدا يۈز بەرگەن.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۆي ئىگىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاتالمىش قۇرۇلۇش شىركىتى ئۇلارنىڭ ئۆي، دۇكان، زاۋۇتلىرىنىڭ ھەممىسىنى تۆۋەن باھادا ئۆتكۈزۈۋالماقچى بولغان.
ئۇ مۇنداق دېدى: بىز ئۇلار بىلەن ئاخىرىغىچە تىركەشتۇق، ئاخىرىدا ئۇلار بىزگە زورلۇق ئىشلەتتى. مەن ئىككى قېتىم تاياق يېدىم. يېقىندا ئۇلار كېچىدە كېلىپ ئۆي-جايلىرىمىزنى تۈرتۈپ پۈتۈن مال-مۈلكىمىز بىلەن ئۆيلىرىمىزنى باستۇرۇۋەتتى.
مەزكۇر بازاردا ھازىرغىچە جەمئىي 3 ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ ئۆي-جايلىرى چېقىلىپ تۈزلىۋېتىلگەن ئىدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى غۇلجادىكى 55 كىشى ئۈستىدىن ئېچىلغان سوتنى ئەيىبلىدى
29-ماي خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، غۇلجادا 55 ئۇيغۇر ئۈستىدىن ئېچىلغان ئوچۇق سوتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
غۇلجا دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى 55 نەپەر ئۇيغۇرنى «بۆلگۈنچىلىك»، «تېررورلۇق» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلغان ئىدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى باياناتىدا، غۇلجىدا ئېچىلغان بۇ سوتنى «قەبىھ» دەپ ئاتىدى ۋە ئادىل بولمىغان بۇنداق سوتلاش ئۇسۇلىنىڭ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈشتىن باشقا نەرسىگە يارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 22-ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمىدىن كېيىن دەرھال بىر يىللىق قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلىۋەتكەن ئىدى.
قارامايدا 4 كىشى «تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىش» جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان
خىتاي ئاخباراتىغا قارىغاندا، قاراماي دائىرىلىرى 29-ماي 4 كىشىنى «تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ رەسمىي قولغا ئالغان.
خەۋەردە بۇ كىشىلەرنىڭ ئىسمى، مىللىتى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر بولۇش ئېھتىماللىقىنى بىلدۈرمەكتە.
دائىرىلەر يەنە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىدا 220 دىن ئارتۇق كىشىنى ئوخشاش جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ تۇتقۇن قىلغان ۋە سەيشەنبە كۈنى غۇلجىدا 55 كىشىگە ھۆكۈم ئېلان قىلغان ئىدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى غۇلجىدا ئېچىلغان بۇ سوتنى «قەبىھ» دەپ ئەيىبلىگەن.
دائىرىلەر خوتەن تەۋەسىدىكى بەزى ئالاقە تورلىرىنى قامال قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى
27-ماي خوتەن ۋىلايىتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ۋىلايەت تەۋەسىدە ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ قامال قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«خوتەن ۋىلايەتلىك تېررورلۇققا زەربە بېرىش قوماندانلىق شتابى» نامىدا تارقىتىلغان ئۇقتۇرۇشتا، قامالنىڭ 28-ماي سەھەر سائەت 0-دىن باشلىنىدىغانلىقى، ئۈندىدار، چ چ قاتارلىقلارنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئالاقىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
19-ماي دائىرىلەر 39 ئۇيغۇرنى «ئىنتېرنېتتا تېررورلۇق ۋە جىھادقا ئۈندەيدىغان ئۇچۇرلارنى كۆرگەن»، «مىللىي ئۆچمەنلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئۇچۇرلارنى تارقاتقان» دېگەن جىنايەتلەر بىلەن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.