ھەپتىلىك خەۋەرلەر (25-مايدىن 31-مايغىچە)

0:00 / 0:00

ئۈرۈمچى ساي مەھەللىدىكى تىجارەتچى ئەنۋەر ياقۇپنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقى ئاشكارىلاندى

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زور تۇتقۇندا دىنىي ئېتىقاد ۋە تىجارەت ئىشلىرىغا چېتىشلىق ئۇيغۇرلارنىڭ باش نىشان بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ساي مەھەللىسىدىكى تىجارەتچى ئەنۋەر ياقۇپنىڭ بۇنىڭدىن بىرەر ئايچە ئىلگىرى تۇتقۇن قىلىنىشى ئەنە شۇنىڭ مىسالى.

ئەنۋەر ياقۇپ ساي مەھەللىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆزىنىڭ تەقۋادارلىقى، ھەق سۆزلۈكى ۋە تەشكىللەش قابىلىيىتى بىلەن شۇ جايدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا بەلگىلىك ھۆرمەتكە ئىگە بولغان ئىكەن.

ئەنۋەر ياقۇپقا قانداق جىنايەتنىڭ ئارتىلغانلىقى ھەمدە قەيەردە ئىكەنلىكى ھازىرچە نامەلۇم. ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ: «ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زور تۇتقۇننىڭ ئالدىنقى باسقۇچلىرىدىن قېلىپ قالغانلارنىڭ داۋاملىق لاگېرلارغا يوللىنىۋاتقانلىقىنى ۋاسىتىلىك ھالدا كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.

ئىستانبۇلدىن چاقىرتىلىپ كەتكەن ئۇيغۇرلار قاماققا ئېلىنغان


ئۆتكەن يىلى خىتاي دائىرىلىرى ئىستانبۇلدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا تېلېفون قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى قايتىپ كېلىشكە دەۋەت قىلغان ئىدى. يېقىندا بۇنىڭغا ئىشىنىپ قايتىپ بارغانلارنىڭ قاماققا ئېلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.

شۇلارنىڭ بىرى خوتەننىڭ لوپ ناھىيەسىدىن كەلگەن ئابلىكىم مەمتىمىن بولۇپ، ئىستانبۇلدا داۋالىنىۋاتقاندا خىتاي ساقچىلىرى تېلېفون قىلىپ قايتىپ كېلىشنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغىچە چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنى قايتىپ كېلىشكە ھەمدە چەتئەللەردىكى «زەھەرلىك ئىدىيەلەر بىلەن بۇلغانماسلىققا» دەۋەت قىلماقتىكەن.

«ئىيى پارتىيەسى» تۈركىيەنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى

رامىزان ئېيى مەزگىلىدە تۈركىيە پارلامېنتىدىكى چوڭ پارتىيەلەردىن بولغان «ئىيى پارتىيەسى» نىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم پارلامېنت يىغىنىدا سۆز قىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى دادىللىق بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى.

بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەر ئوتتۇرىسىدىكى تارىخىي قانداشلىقنى تەكىتلەشتىن باشقا خىتاينىڭ خاسىيەتلىك رامىزان ئېيى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىغا سۈكۈت قىلىشنى «زۇلۇمغا شېرىك بولغانلىققا باراۋەر» دەپ كۆرسىتىشى زور تەسىر قوزغىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، «ئىيى پارتىيەسى» يېقىنقى مەزگىللەردە ئەردوغان ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشتا ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە يېتەرلىك جاسارەت كۆرسەتمىدى، دەپ كۆپ قېتىم ئەيىبلىگەن ئىدى.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ياۋروپا ئەللىرىگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى جانلىق تونۇشتۇرماقتا


ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر سىياسىي بۆھرانلار ھەققىدە ياۋروپادىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن نۇرىي تۈركەل ۋە روشەن ئابباس مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە بىر قاتار مۇنبەرلەردە لېكسىيە بەردى.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل نورۋېگىيەدىكى «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» دە مەخسۇس سۆز قىلىپ، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، ھازىرقى تەرەققىياتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ھەر ساھە كىشىلىرىنى بۇ مەسىلىلەر بويىچە ئۆز ھۆكۈمەتلىرىگە بېسىم قىلىشقا چاقىردى.

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» نىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس ئامېرىكانىڭ ئاۋسترىيەدىكى باش ئەلچىخانىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى سائەتلىك سۆھبەت يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زىيانكەشلىكلەر ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى.

ئۇيغۇر ۋەكىللىرى مەككىدە ئۆتكۈزۈلگەن «قۇرئان ۋە سۈنەتتە ئوتتۇراھاللىق» ناملىق خەلقئارا يىغىنغا قاتناشتى


27-ماي كۈنى مەككە شەھىرىدە باشلانغان دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ساھىبخانلىقىدىكى «قۇرئان ۋە سۈنەتتە ئوتتۇراھاللىق» ناملىق خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىغا تۈركىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ئالتە نەپەر ئۇيغۇر ۋەكىل قاتناشتى.

ئۇيغۇر ۋەكىللەر بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنى جەريانىدا يىغىنغا كەلگەن كۆپلىگەن دۆلەت ۋەكىللىرىگە، جۈملىدىن پاكىستان دىنىي ئىشلار مىنىستىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي يەتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.

ھالبۇكى 30-ماي مەككىدە ئېچىلغان 14-قېتىملىق ئىسلام ئالاھىدە يىغىنىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ بۇنىڭدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي زۇلۇملارغا ھېچقانداق ئورۇن بېرىلمىگەن.