ھەپتىلىك خەۋەرلەر (26-مايدىن 01-ئىيۇنغىچە)

0:00 / 0:00

رابىيە قادىر خانىم: ۋەتەن بەدەلسىز قولغا كەلمەيدۇ

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىدىكى ئوغۇللىرىغا بېسىم ئىشلىتىپ، «رابىيە قادىر سودا سارىيى» ۋە «ئەقىدە سودا سارىيى» نىڭ ئىككى ھەپتە ئىچىدە چېقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇلارنى بۇ بىنالارنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەجبۇرلىغان.

بۇ رابىيە قادىر خانىمنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.

رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قايتا رەئىس بولۇپ سايلىنىشى بىلەن تەڭ خىتاينىڭ يەنە ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى باشلىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

«جاندىن كەچمىگۈچە جانانغا يەتكىلى بولمايدىغان» لىقىنى تەكىتلىگەن رابىيە قادىر خانىم ئاخىرىدا: ۋەتەن بەدەلسىز قولغا كەلمەيدۇ، دېدى ۋە ۋەتەن دەۋاسى ئۈچۈن شەخسەن ئۆزى ئەمەس بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقنىڭ بەدەل تۆلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر خانىم 2006-يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا رەئىس بولۇپ سايلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنى تۈرمىگە تاشلىغان ئىدى.

«5-ئىيۇل» دىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار

«5-ئىيۇل» دىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلاردىن بىرى ئەيساجان ئەمەت. ئۇ، 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئايالى توختىگۈل بىلەن بىرلىكتە نامايىش مەيدانىدا تۇتقۇن قىلىنغان، توختىگۈل ئېغىر بوي بولغاچقا شۇ كۈنى قويۇۋېتىلگەن.

ئەيساجان تۈرمىگە كىرىپ كەتكەندىن كېيىن تۇغۇلغان بالىسىنىڭ دىدارىنى كۆرۈشكىمۇ مۇيەسسەر بولالمىغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇنىڭ بالىسى ئىككى يېرىم ياشقا كىرگەن.

ئەيساجان ئەمەت 1984-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان ۋە قەشقەرنىڭ ئۆرۈك بازىرى مەھەللىسىدە چوڭ بولغان. ئۇ 2008-يىلى توي قىلىپ، ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كەلگەن ئىكەن.

بىر ئۇيغۇر دېھقاننىڭ شىكايىتى: «ئۇچتۇرپاندا يەر دۆلەتنىڭ، سۇ بىڭتۇەننىڭ»

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇچتۇرپانلىق ئابدۇرېھىم روزى باي بولۇش ئارزۇسىدا 190 مو بوز يەرنى 50 يىللىق توختام بىلەن ھۆددە ئالغان.

ھالبۇكى زىرائەتلىرى ئەمدى مايسا بولۇشقا باشلىغاندا سۇنى ئىگىلىۋالغان بىڭتۇەن دائىرىلىرى سۇ ھەققىنى 30 يۈەندىن بىردىنلا 300 يۈەنگە ئۆستۈرۈۋالغان.

ئۇ سۇ ھەققىنى ۋاقتىدا ھازىرلاشقا ئىمكانسىز قالغاچقا، زىرائىتىنىڭ 2-قېتىملىق سۈيى كېچىككەن، ئۈچىنچى قېتىملىقى بېرىلمىگەن. نەتىجىدە ئۇنىڭ زىرائەتلىرى تۇنجى يىلىلا قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئۇچرىغان.

نۆۋەتتە ئابدۇرېھىم روزى، نەچچە ئەۋلاد بوۋىلىرى تېرىپ باشقۇرۇپ كەلگەن بۇ يەرلەرنى خىتاي دۆلىتىدىن ئىجارىگە ئېلىپ تېرىماقتا، تەبىئەتنىڭ نېمىتى بولغان سۇنى بىڭتۇەندىن سېتىۋالماقتا.

كانادادىكى سايلامدا قېيۇم مەسىمۇف كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى

27-ماي كانادادىكى ئۇيغۇرلار سايلام ئۆتكۈزۈپ، قېيۇم مەسىمۇفنى كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىدى.

سايلام كانادانىڭ دېموكراتىك پرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن ھالدا، ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ياشاۋاتقان شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە بىلەت تاشلاش ساندۇقى تەسىس قىلىش شەكلى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ قېتىمقى سايلامدا ھاشىمجان تۇراق بىلەن قېيۇم مەسىمۇف كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىنى تالىشىش رىقابىتىگە قاتناشقان .ئاخىرىدا قېيۇم مەسىمۇف ئۇتۇپ چىقتى. كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش قېيۇم مەسىمۇفنى قۇتلۇقلىدى.

ئوغلىنىڭ خۇن دەۋاسى ئۈچۈن مۇراجىئەتنامە تارقاتقان ئاتا شىخەنزە جامائىتى تەرىپىدىن قوغدالدى

غازى ئاكا ئوغلىنىڭ خۇن دەۋاسى ئۈچۈن 27-ماي بېيجىڭغا يەنە كەلگەن. غازى ئاكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بېيجىڭغا كېلىشتىن ئىلگىرى 2001-يىلى خىتاي گېزىتىگە بېسىلغان ئوغلىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى خەۋەرنى 200 نۇسخا كۆپەيتىپ تارقاتقان.

گەرچە ئۇ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەتراپتىكى ئۇيغۇر ۋە خىتاي جامائىتى ئۇنى ساقچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىشىدىن قوغداپ قالغان.

غازى ئاكىنىڭ ئوغلى 2001-يىلى خىتايلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. شىخەنزە قانۇن ئورگانلىرى دېلونى ئادىل بىر تەرەپ قىلمىغان بولغاچقا غازى ئاكا 11 يىلدىن بۇيان ئەرز قىلىپ كەلمەكتە.

فىنلاندىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى دۇنيا كۈلتۈر فېستىۋالىغا قاتناشتى

فىنلاندىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى فىنلاندىيىنىڭ پايتەختى خېلسىنكىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا كۈلتۈر كۈرىكىگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇر قۇل-ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلدى ۋە كۈرەككە كەلگەن مېھمانلارغا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتىنى ئاڭلاتقان.

مەزكۇر كۆرەككە، فىنلاندىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، ياۋروپا بىرلىكى تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق 450 سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قاتناشقان.

كۆرەككە قاتناشقان سەيدى ئوبۇلقاسىم ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار كۆرەك جەريانىدا ئۇيغۇرلارنى پەقەت بىلمەيدىغان نۇرغۇن كىشىلەرگە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي ئۆلكىسى ئەمەس، بەلكى مۇستەملىكىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.