ھەپتىلىك خەۋەرلەر (28-مايدىن 3-ئىيۇنغىچە)

0:00 / 0:00

خىتاي بېيجىڭدا «ئىككىنچى قېتىملىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» خىزمەت يىغىنى ئاچتى

«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ ئىككى يىللىقى ھارپىسىدا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى 2-قېتىملىق «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» خىزمەت يىغىنى چاقىردى.

27-مايدىن 29-مايغىچە ئىككى كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىندا ئاساسلىقى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىر يىلدىن بۇيان «ياردەم بېرىش» نامىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان خىزمەتلەر خۇلاسىلەنگەن ۋە يېڭى ئىستراتېگىيىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بىرىنچى قېتىملىق «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ بىر يىللىقىغا توغرا كەلگەن ئىدى.

خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىن شەرقىي قىسمىغا توك يۆتكىمەكچى

خىتاي مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرى خىتاينىڭ شەرقىي قىسمىدا يۈز بېرىۋاتقان ئېنېرگىيە كرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىدىن توك يۆتكەشنى پىلانلىغان ۋە يۇقىرى بېسىملىق توك لىنىيىسى قۇرۇلۇشىنى باشلىغان.

مەزكۇر يۇقىرى بېسىملىق توك لىنىيىسى قۇمۇلدىن خىتاينىڭ جېڭجۇ شەھىرىگە تۇتاشتۇرۇلىدىكەن.

خىتاي بۇ توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىغا «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يۆتكەش» دەپ نام بەرگەن.

قازاقىستاندا پاناھلانغان ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

بىر يىلدىن بۇيان قازاقىستاندا پاناھلانغان ئۇيغۇر ياش ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

نۆۋەتتە قازاق دائىرىلىرى بۇ ھەقتە رەسمىي بايانات ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، ئەرشىدىننىڭ قازاقىستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇنىڭ يەكشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن دائىرىلەر تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەرشىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىگە يۆتكەلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئەرشىدىن مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى ھەيئەت ئەزالىرى يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرى يىغىنى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا جېلىل تۇران شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى بولۇپ سايلاندى. يىغىندا يەنە ھەر قايسى بۆلۈملەرنىڭ مەسئۇللىرى بېكىتىلىپ، ئۇلارغا خىزمەت تاپشۇرۇلدى.

شۋېتسىيىدە داڭلىق مۇزىكانت كۈرەش كۈسەنگە ئاتاپ مەخسۇس يىغىن چاقىرىلدى

شۋېتسىيە دۆلەتلىك ئاۋاز ئارخىپى مۇزېيى ھەم شۋېتسىيە دۆلەتلىك مۇزىكا ۋە تىياتىر مۇزېيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 61-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر مۇزىكانت كۈرەش كۈسەنگە ئاتاپ مەخسۇس يىغىن چاقىرىلدى.

يىغىن، 5-ئاينىڭ 27، 28-كۈنلىرى شۋېتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا كۈرەش كۈسەننىڭ ئىككى خىل تىلدا نەشر قىلىنغان CD پلاستىنكىسى ۋە كۈرەش كۈسەننىڭ ھاياتى بايان قىلىنغان كىتاب تونۇشتۇرۇلدى.

مەرھۇم مۇزىكانت كۈرەش كۈسەن بۇندىن 5 يىل ئىلگىرى ۋاپات بولغان ئىدى.

ئۈرۈمچىدىكى بىر زاۋۇتتا پارتلاش يۈز بەردى

1-ئىيۇن ئۈرۈمچىنىڭ يېڭى شەھەر رايونىدىكى ئاليۇمىن زاۋۇتى-«يۇەنشېڭ» دا پارتلاش يۈز بەرگەن.

پارتلاش كەچ سائەت 7:30 دا يۈز بەرگەن بولۇپ، پارتلاشتا ئىككى ئادەم ئۆلگەن، 14 ئادەم يارىلانغان. ھالبۇكى، بۇ نۆۋەتلىك پارتلاشنىڭ سەۋەبى تېخىچە نامەلۇم.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئوباما ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە تىبەت مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى

بۇ چاقىرىق سەيشەنبە كۈنى دۆلەت مەجلىسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا چاقىرىلغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا يەنە «تىبەت سىياسىتى قانۇنى» نىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى مۇزاكىرە قىلىنغان.

ئامېرىكىنىڭ «تىبەت سىياسىتى قانۇنى» 2002-يىلى چىقىرىلغان. شۇندىن كېيىن تىبەت مەسىلىسى ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ رەسمىي كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى.

تۈركىي تىل سىستېمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت بايرىمىدا ئۇيغۇرلار

2-ئىيۇن گوللاندىيىنىڭ دەنبوش شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ «مەدەنىيەتلەر بايرىمى» غا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۆرنەكلىرىنى كۆرگەزمە قىلدى.

پائالىيەتكە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان بارلىق تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئاكتىپلىرى قاتناشقان.

«ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» بىلەن «ئۇيغۇر ياشلار پارتىيىسى» نىڭ ھەمكارلىقىدا كۆرگەزمە قىلىنغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت بۇيۇملىرى بايرامغا ئۆزگىچە رەڭ قوشتى ۋە خېرىدارلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.