12 ياشلىق مىرزاھىد ئامانۇللانىڭ ئۆلۈمى ئىنكاس قوزغىماقتا
كورلىدا دىنىي تەلىم ئېلىۋاتقان 12 ياشلىق ئۆسمۈر مىرزاھىد ئامانۇللانىڭ 21-ماي كورلا ساقچىخانىسىدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇ ۋەقە ھەر خىل ئىنكاسلارنى قوزغىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ھەقتە خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىگەن تەشكىلاتلارنىڭ بىرى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋەقە ھەققىدە بايانات بەردى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەتتا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگىمۇ قەبىھ ۋاسىتىلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.
ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار ئامېرىكا ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 1-ئىيۇن ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، مىرزاھىد ئامانۇللانىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا 6-ئىيۇن «قوشنا-قۇلۇملار ئۇچرىشىشى» ناملىق يىغىلىشقا كەلگەن گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردام شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار مىرزاھىد ئامانۇللانىڭ روھىغا دۇئا قىلدى ۋە خىتاينى تەنقىدلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەردە 9 ئۇيغۇرنى تۈرلۈك سىياسىي جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان
قەشقەر ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى 31-ماي توققۇزاق ناھىيىسى، قەشقەر شەھىرى ۋە قاغىلىق ناھىيىسىدە ئوخشاش بىر كۈندە ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، سادىق قۇربان قاتارلىق 9 ئۇيغۇرغا 15 يىللىقتىن، 5 يىللىققىچە قاماق جازاسى بەرگەن.
بۇ ئۇيغۇرلار «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش» ۋە «ئەسەبىي دىنىي ئىدىيىلەرنى تارقىتىش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قەشقەردە ئېچىلغان سوتنىڭ ھېچقانداق ئەدلىيە تەرتىپلىرىگە رىئايە قىلمىغانلىقى، سوتنىڭ پۈتۈنلەي سىياسىي ئېھتىياجغا ماسلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
خوتەندە دىنىي مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ئون نەچچە بالا يارىلانغان
6-ئىيۇن چارشەنبە كۈنى خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى خوتەن شەھىرىدىكى بىر يەر ئاستى مەدرىسىگە ھۇجۇم قىلغان، 12 بالا ھۇجۇم جەريانىدا كېلىپ چىققان ئوت ئاپىتىدە يارىلانغان.
خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىدا بالىلارنىڭ يارىلانغانلىقى تەپسىلىي بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەرنىڭ «قانۇنسىز دىنىي كۇرستا كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغان ئۆسمۈرلەرنى قۇتۇلدۇرغان» لىقى خەۋەر قىلىنغان.
ھالبۇكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ جەرياندا 12 ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ خىتاي ساقچىلىرى ئاتقان ياش ئاقتۇرۇش بومبىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئوت ئاپىتىدە كۆيۈپ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خوتەن شەھەر سىرتىدىكى بىر ساقچى پونكىتىنىڭ خادىمى تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ۋەقەنىڭ راستلىقىنى ئىنكار قىلمىغان بولسىمۇ، بىراق تەپسىلىي ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.
«5-ئىيۇل» دىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار
ئاشكارىلىنىشىچە، «5-ئىيۇل» دىن كېيىن تۇتۇلۇپ غايىب بولغانلار ئارىسىدا، ھەرىكەتكە قاتناشقۇدەك ماجالىمۇ بولمىغان بىمارلا ۋە ھەتتا خىتاي كومپارتىيىسى ئەزالىرىمۇ بار.
بۇلارنىڭ بىرى 2009-يىلى 27 ياشقا كىرگەن جۈمەجان تۇرسۇن. ئۇ ئېغىر ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسىلى بولۇپ، دوختۇرخانىدىن ئوكۇل سالدۇرۇپ كېلىۋاتقان يول ئۈستىدە تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇنىڭدىن تا ھازىرقىغىچە خەۋەر يوق.
ۋەقەدىن كېيىنكى تۇتقۇندا غايىب بولغانلارنىڭ يەنە بىرى 35 ياشلىق بەكرى توختى ۋە ئابدۇغېنى ئەزىزى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تىجارەتچى ئابدۇغېنى ئەزىزى خىتاي كومپارتىيىسى ئەزاسى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئابدۇغېنى ئەزىزى ئۈرۈمچىدە ۋەقەنى بېسىقتۇرۇشقا كەلگەن خىتاي ئەسكەرلىرىگە سۇ ۋە تاۋۇز سۇنۇپ ساداقەت كۆرسەتكەن ئىكەن.
ئەمما، 7-ئاينىڭ 31-كۈنىگە كەلگەندە 7 نەپەر خىتاي ساقچىسى ئۇنى ئۈرۈمچىنىڭ شىنخۇا جەنۇبىي يولدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كەتكەندىن بۇيان ئۇنىڭدىن خەۋەر بولمىغان.
مۆمىنجان: مەدەنىيىتىمىز ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تونۇتىمىز
2-ئىيۇن نورۋېگىيە قىزىل كرېست جەمئىيىتى بىلەن شي شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن «مەدەنىيەت كۈنى» پائالىيىتىگە نورۋېگىيىدىكى مۆمىنجان باشچىلىقىدىكى سەنئەت گۇرۇپپىسىمۇ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىندى ۋە ئۇيغۇر سەنئىتىنى تونۇشتۇردى.
مەدەنىيەت كۈنى پائالىيىتى نورۋېگىيىدە ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەت بولۇپ، بۇنىڭغا نورۋېگىيىدە ياشاۋاتقان ھەر قايسى مىللەتلەر تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدۇ ۋە سەنئەت، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەكلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدۇ.
ئۇيغۇرچە سەنئەت نومۇرلىرى باشلىنىشتىن ئىلگىرى مۆمىنجان بۇ پائالىيەتنى كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەن ئەتراپتىكى تاماشىبىنلارغا ئۇيغۇر تارىخىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى.
ئۇيغۇرچە ئۇسسۇللۇق ناخشىلاردىن ھاياجانلىنىپ كەتكەن بىر قىسىم نورۋېگلار مەيدانغا چۈشۈپ ئۇيغۇر يىگىتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇسۇل ئوينىدى ۋە ئۇلارنى قىزغىن چاۋاكلار بىلەن ئالقىشلىدى.
مۆمىنجان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: مەدەنىيىتىمىز ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تونۇتىمىز، دېدى.
ئۇيغۇر، موڭغۇل، تىبەت ۋە خىتاي كېڭىشى يىغىن چاقىردى
«ئۇيغۇر، موڭغۇل، تىبەت ۋە خىتاي كېڭىشى» 2-ئىيۇن گوللاندىيىنىڭ ھارلىم شەھىرىدە بىرلەشمە يىغىن چاقىرىپ، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ۋە ئۆز تەقدىرىنى، ئۆزى بەلگىلەش قاتارلىق تېمىلاردا سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
يىغىنغا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خىتاي ئاكتىپلىرىدىن تەشكىللەنگەن 20 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
پائالىيەتكە قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سىياسىي ۋە تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن مەسئۇلى ئەسقەرجان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يېغىنغا قاتنىشىشتىكى مەقسەتلەر ۋە دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار ھەققىدە توختالدى.
«ئۇيغۇر، موڭغۇل، تىبەت ۋە خىتاي كېڭىشى» ئۆتكەن يىلى قۇرۇلغان بولۇپ بەختىيار ناسىر مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە.