يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختى لاگېردىن چىقىپ جان ئۈزگەن
يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەل سۆيگەن يازغۇچىلاردىن نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ بىر مەزگىل لاگېرغا قامالغانلىقى ۋە لاگېردىن چىقىپ بىر ئايغا قالماي جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالدى.
مەرھۇمنىڭ مۇھاجىرەتتىكى پەرزەنتلىرى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، ئېغىر دەرىجىدىكى دىئابىت (شېكەر) كېسىلى بار بولغان يازغۇچىنىڭ يېرىم يىلچە لاگېرغا قامالغانلىقىنى، ئۇنىڭ بۇ يىل مارت ئېيىنىڭ ئاخىرى لاگېردىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ۋاپات بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، نۇرمۇھەممەت توختى 1949-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ كۆپلىگەن نادىر ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر كىتابخانلىرىنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ئىكەن.
لاگېر مەھبۇسلىرىنىڭ بالىسى سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالدى
ئۆتكەن ئايدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خوتەندىكى مەلۇم بىر ئۆستەڭگە چۈشۈپ ئۆلۈپ كەتكەن بىر بالىنى تونۇۋېلىش ھەققىدە سۈرەتلىك ئېلان تارقالغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا بالىنىڭ ئۆلۈم ئۇچۇرىنىڭ توغرىلىقى دەلىللەندى.
يەرلىك ساقچىلاردىن بىرى بۇ ۋەقەنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بۇنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋەرسىزلىكىنى بىلدۈردى. بۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى نامەلۇم بولۇپ، بىر قىسىم كىشىلەر ئۇلارنى خوتەندىكى لاگېرلارنىڭ بىرىدە بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا ئىكەن.
ئۆتكەن يىلىمۇ گۇما ناھىيەسىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئاتا-ئانىسى لاگېرغا قامالغان بىرنەچچە گۆدەكنىڭ ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى.
قەلبىنۇر خىتايلار تارتقان ۋىدىيودىن ئانىسىنى تونۇۋالدى
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىلگەن ئەھۋالدا ئامېرىكادىكى قەلبىنۇر خانىم تاسادىپىي ھالدا خىتاي ساياھەتچىلەر تارتقان ۋىدىيولارنىڭ بىرىدىن ئانىسىنى تونۇۋالغان.
بۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ ئانىسى خىتاي ساياھەتچىلەرگە پولۇ ئېتىۋاتقان بولۇپ، «ئەرلەرنىڭ ھەممىسى لاگېردا، تىجارەت قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئاياللار ئىكەن» دېگەن تېمىدا تارقىتىلغان ئىكەن. ئەمما قەلبىنۇر ئانىسىنىڭ سودىگەر ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە لاگېردىن چىققاندىن كېيىن ئۆز ھويلىسىدا خىتايلارغا پولۇ ئېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ «تىنچ» ۋە «ئاۋات» ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللانماقتا ئىكەن.
بېلگىيە ئەلچىخانىسىدىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ئىز-دېرەكسىز غايىب بولدى
ھازىر بېلگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىدىن ئابلىمىت تۇرسۇن يېقىندا ئايالى ۋە پەرزەنتلىرىنى بېلگىيەگە كېلىشكە تەكلىپ قىلغان. ئەمما ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بېيجىڭدىكى بېلگىيە ئەلچىخانىسىغا كۆچمەنلەر ۋىزىسى ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن بارغاندىن كېيىن خىتاي ساقچىلىرى ئۈرۈمچىگە قايتۇرۇپ كەتكەن ۋە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان.
ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېلگىيە ئەلچىخانىسى ئۇنىڭ ئايالى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ ئەلچىخانىدا قوغدىنىش تەلىپىنى رەت قىلغان ھەمدە خىتاي ساقچىلىرىغا خەۋەر قىلغان.
بېيجىڭ شەھىرى ۋە بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار خادىملار بۇ مەسىلىلەرگە ئېنىق جاۋاب بەرمەيۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ كىشىلەرنىڭ ئائىلە بويىچە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئالغا سۈرۈلمەكتە.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا قاتناشقان خىتاي شىركەتلىرىنى تەكشۈرمەكتە
يېقىندا ئامېرىكادىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەر ۋە فوندى جەمئىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشلارغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ھەمدەم بولۇۋاتقان خىتاي تېخنولوگىيە شىركەتلىرىگە مەبلەغ سالغانلىقى ئاشكارا بولغان ئىدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر قىسىم پالاتا ئەزالىرى بۇ ھەقتىكى ئالاقىدار ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى تەكشۈرۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنداقلا «بۇنىڭغا تېزدىن خاتىمە بېرىش لازىم» دەپ كۆرسەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكادىكى بىر قىسىم شىركەتلەر خىتاي تەرەپ بىلەن بولغان بۇ خىل ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈشكە باشلىغان.
ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار كوللېكتىپ گۇۋاھلىق بەردى
مۇشۇ ھەپتىدە ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئاۋسترالىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيەسى بولغان ABC تېلېۋىزىيەسىگە كوللېكتىپ گۇۋاھلىق بەرگەن. شۇ جايدىكى 200 دەك ئۇيغۇر بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان.
ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ لاگېرغا ۋە تۈرمىگە قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈپ، ئۆزلىرىگە مەلۇملۇق پاجىئەلەرنى ئىخچام شەكىلدە بايان قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىلدىكى گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇمنى تاشقى دۇنياغا جانلىق ئاڭلاتقىلى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر داۋاسىنى تېخىمۇ زور قوللاشقا ئىگە قىلغىلى بولىدىكەن.
0:00 / 0:00