ھەپتىلىك خەۋەرلەر (11-ئىيۇندىن 17-ئىيۇنغىچە)

0:00 / 0:00

د ئۇ ق «5-ئىيۇن ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ ئىككى يىللىقىنى ھەرخىل پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلەيدىغانلىقنى بىلدۈردى

د ئۇ ق «5-ئىيۇن ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ ئىككى يىللىقىنى ھەرخىل پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلەيدىغانلىقنى بىلدۈردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 10-ئىيۇن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشقا قارىغاندا، بۇ خىلدىكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى بۇ يىل 5-ئىيۇلنىڭ ئالدى- كەينىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈرۈمچىدە نامايىش قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادالەتسىز سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە «26-ئىيۇن شاۋگۇەن ۋەقەسى» نى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر نامايىشنى قورال كۈچى ئىشلىتىپ قانلىق باستۇرغان ۋە نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى قولغا ئالغان ئىدى.

گۋەنتانامودىن قويۇپ بېرىلىپ پالاۋغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلاردىن 3 كىشى ئاۋسترالىيىدىن ۋىزا تەلەپ قىلدى

گۋەنتانامودىن قويۇپ بېرىلىپ تىنچ ئوكياندىكى پالاۋغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلاردىن 3 كىشى يېقىندا ئاۋسترالىيىدىن ۋىزا تەلەپ قىلغان.

پالاۋ دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ۋېكتور يانو بۇ ئۇيغۇرلار سۇنغان ۋىزا ئىلتىماسىنىڭ فىجىدە تۇرۇشلۇق ئاۋسترالىيە ئالىي كومىسسارىغا تاپشۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پالاۋدىكى ئۇيغۇرلار 2009‏-يىلى مەزكۇر دۆلەتكە ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ يىل 11-ئاي كەلسە 2 يىل بولىدۇ.

لېكىن ئۇلارنىڭ پالاۋدا يەنە قانچىلىك ياشايدىغانلىقى ۋە ئاۋسترالىيىنىڭ قانداق جاۋاب بېرىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

سىنان ئوگان ئەپەندى: ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى مېنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىمنىڭ بىرى بولىدۇ

يېقىندا تۈركىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى نامزاتى سىنان ئوگان ئەپەندى پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلىنىپ، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە كىردى. بۇ ھەقتە رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىنان ئوگان ئەپەندى بۇندىن كېيىن تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سىنان ئوگان ئەپەندى ئىلگىرى تۈركىيىدىكى خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن ۋە بۇ جەرياندا ئۇيغۇر مەسىلىسىگىمۇ كۆڭۈل بۆلگەن ئىدى.

«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» ھەققىدىكى سىنئالغۇنى كۆرگۈچىلەر كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى

خىتاي قوراللىق ئەسكەرلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنى ئۆيمۇ-ئۆي ئاختۇرۇپ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى خاتىرىلەنگەن قىسقا فىلىمنى كۆرگۈچىلەر، فىلىمدە ئەكس ئەتكەن كۆرۈنۈشلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان «دۆلەت تېررورچىلىقى» نىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

گوللاندىيىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋە قىيناشتا ئۇنىڭدىنمۇ ۋەھشىي ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر فىلىم ھەققىدە توختالغان چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىدىن «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: مانا بۇ كۆرۈنۈشلەر خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت تېررورچىلىقىنىڭ جانلىق ئىسپاتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى « 5- ئىيۇل ۋەقەسى» نى باستۇرۇش جەريانىنى ھازىرغىچە مەخپىي تۇتۇپ كەلمەكتە.

ئۈرۈمچىلىك قىز: «ئۈرۈمچى ئەمەلىيەتتە تىنچ ئەمەس»

رادىئومىزغا كېلىۋاتقان ئىنكاسلارغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان ئۈرۈمچى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ باشقا چوڭ شەھەرلىرىدە مۇقىملىقنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا بولغان باستۇرۇش ۋە نازارەتنى كۈچەيتكەن.

يېقىندا چەتئەلگە چىققان، ئەمما ھەر ئېھتىمال ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر قىزى، ئۈرۈمچى قارىماققا تىنچ كۆرۈنگىنى بىلەن، ئۇيغۇرلاردا ئۆزلىرىگە قارىتىلغان بېسىم سىياسىتى ۋە ناھەقچىلىكلەر سەۋەبىدىن نارازىلىقلارنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، ۋەزىيەت مۇشۇ ھالەتتە كېتىۋەرسە «5-ئىيۇل ۋەقەسى» گە ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ يەنە مەيدانغا كېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىر «5- ئىيۇل ۋەقەسى» دە قارا-قويۇق تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسىنى تېخىچە قويۇپ بەرمىگەن ھەمدە تۈرمىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشنىمۇ چەكلىگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئۆتكۈزۈپ، تىبەت ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بۇ يىللىق دىئالوگدا ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى تىبەت، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇللارغا دائىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

ياۋروپا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئاشكارىلىشىچە، دىئالوگدا ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ يېقىندا سىچۈەننىڭ گەنزى رايونىدا نامايىش قىلغان تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرگەن، شۇنداقلا يەنە ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

لېكىن ياۋروپا سۆھبەت ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇرلارغا دائىر قانداق كونكرېت مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا «تۈركىستان كېچىلىكى» ئۆتكۈزۈلدى

2011-يىلى 14-ئىيۇن سەئۇدى ئەرەبىستانىدا «تۈركىستان كېچىلىكى» پائالىيىتى «دۇنيا ئىسلام ياشلىرى كۇلۇبى» نىڭ جىددە شەھىرىدىكى مەركىزى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەت بولۇپ، پائالىيەتتە سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى «دۇنيا ئىسلام ياشلىرى كۇلۇبى» تەركىبىدىكى تۈركىستان بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇراخمان جەلىس سۆز قىلدى ۋە: ئىسلام دۇنياسىدىكى قېرىنداشلىرىمىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تازا كۆڭۈل بۆلەلمىدى. ئىسلام ئۈممىتى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە راستىنىلا كېچىكىپ قالدى، دېدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستان خەلقى نۆۋەتتە ئەڭ مەھكۇملۇقتا ياشاۋاتقان ۋە بىزنىڭ ياردىمىمىزگە، چىن يۈرەكتىن كۆڭۈل بۆلۈشىمىزگە ئەڭ قاتتىق موھتاج بولۇۋاتقان خەلقتۇر. «تۈركىستان كېچىلىكى» پائالىيىتىدە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.

ئېلىزابىت ئېكونومي: ئۇيغۇر ئېلىدە ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ياخشى ئاسرالمىسا، بۇ رايوندا كەسكىن نامايىشلار يۈز بېرىشى مۇمكىن

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە نېفىت سانائىتىنى بارغانچە كېڭەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتە توختالغان خىتاي ئېكولوگىيىسى مۇتەخەسسىسى ئېلىزابىت ئېكونومي خانىم نېفىت سانائىتىنىڭ مەينەت سانائەت ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سۇ قىسلىق مەسىلىسى نېفىت سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ يەنە نېفىت سانائىتى ئېلىپ كېلىدىغان ئېكولوگىيىلىك بۇزغۇنچىلىق مەسىلىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ نېفىت ساھەسىدىكى خىزمەتلەردىن يىراق قالدۇرۇلغانلىقىدەك ئەندىشىلىرىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا نېفىت ئېچىش نۇرغۇن مەسىلىلەرگە بېرىپ تاقىلىدۇ. شۇڭا بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بولۇشى بەك زۆرۈر. چۈنكى، بۇ ساھەدىكى خىزمەتلەر يەرلىكلەرگە بېرىلمىسە، بۇنىڭغا ئالاقىدار ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ياخشى ئاسرالمىسا، بېيجىڭ دائىرىلىرى بۇ رايوندا تېخىمۇ كۆپ كەسكىن نامايىشلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي دائىرىلىرىدىن ئەرشىدىن ئىسرائىلنى دەرھال قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن ئەرشىدىن ئىسرائىلنى دەرھال قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى ئەرشىدىن ئىسرائىلنى «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن ئىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەرشىدىن ئىسرائىل ئۆتكۈزگەن جىنايەتنىڭ پەقەت خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئاشكارىلاش ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ خىتاي تۈرمىلىرىدىكى قېيىن-قىستاقلارنى دۇنياغا ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن «تېررورچى» دەپ ئەيىبلىگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

قازاقىستان دائىرىلىرى ئەرشىدىن ئىسرائىلنى 30-ماي خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ئىدى.