ھەپتىلىك خەۋەرلەر (17-ئىيۇندىن 23-ئىيۇنغىچە)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.06.23
erkin-asiya-radiosi-yengi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچ قېتىم كوللېكتىپ ئىپتارلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

ئۇيغۇر خەلقى 2017-يىللىق رامىزاننى خىتاينىڭ ئەڭ قاتتىق دىنىي چەكلىمىسى ئاستىدا كۈتۈۋالدى. 

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى، شۇ جۈملىدىن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى رامزان كىرگەندىن بۇيان 3 قېتىم كوللېكتىپ ئىپتارلىق ئۆتكۈزۈپ، ھۆر دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان جامائەتچىلىك روھىنى، دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنى نامايان قىلدى.

ئىپتار پائالىيىتىدە سۆز قىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، «چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر جايغا جەم بولۇپ كوللېكتىپ ئىپتارلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشى، ۋەتەندىكى ئېغىر رېئاللىققا نىسبەتەن ھۆر دۇنيانىڭ ئىنكاسى بولۇپ قالغۇسى» دېدى. 

ئابلىمىت داموللامنىڭ تۈرمىدىكى قىيىن-قىستاقتا ھاياتىدىن ئايرىلىشى چەتئەللەردە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

ئابلىمىت داموللام 1980-يىللاردىن 1990-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا قەشقەردە تىل-تېخنىكا مەكتىپى ئېچىپ، كۆپلىگەن ئىختىساس ئىگىلىرى بىلەن دىنىي ساھەدىكى بىلىم ئادەملىرىنى يېتىشتۈرگەن زات ئىدى.

يېقىندا ئابلىمىت داموللامنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، رادىيومىز قەشقەردىكى ساقچىخانىلاردىن ئەھۋال سۈرۈشتۈرۈپ ئۇنىڭ تۈرمىدە ۋاپات بولغانلىقىنى دەلىللىدى.

80 ياشلىق ئابلىمىت داموللامنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلىشى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ دۆلەت زوراۋانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

بىر قىسىم ئەمەلدارلارنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىنى قايتا ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى تەشەببۇسى غۇلغۇلا پەيدا قىلدى

ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ 20-ئەسىردىن بۇيان كۆپ قېتىم ئىسلاھ قىلىنغانلىقى، بولۇپمۇ خىتاي بىلەن رۇس كوممۇنىزمىنىڭ ھەر قېتىملىق سىياسىي ھەرىكەتلىرىدە «ئۆزگەرتىش» نىشانى قىلىنغانلىقى مەلۇم.

يېقىندا تۇرپان شەھەرلىك پوچتا-تېلېگراف ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قادىر ھېمىت ئوچۇق تەشەببۇسنامە ئېلان قىلىپ، «ئۇيغۇر كونا يېزىقىنىڭ كومپيۇتېر دەۋرىگە ماسلىشالمىغانلىقىنى، لاتىن يېزىقىغا قايتىدىن كۆچۈشنىڭ زۆرۈرلۈكى» نى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ تەشەببۇس چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن دوكتور قاھار بارات ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقى، دوكتور ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى بۇنىڭ خىتاينىڭ «سىياسىي غەرىزى» ئارىلاشقان تەشەببۇس ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

پېشقەدەم يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى ئۆزىنىڭ قەشقەردە تەھدىت ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

80 ياشقا يېقىنلاشقان پېشقەدەم ئەدىب ھاجى مىرزاھىد كەرىمى ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخىدىكى مۇھىم يازغۇچىلارنىڭ بىرى. 

ئۇنىڭ ھازىرغىچە «جۇدالىق»، «سۇلتان سەئىدخان»، «سۇلتان ئابدۇرېشىتخان»، «مىرزا ئابابەكرى»، «يۈسۈپ خاس ھاجىب» قاتارلىق تارىخىي رومانلىرى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. 1958-يىلىدىكى «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەت» تە يازغۇچىنىڭ «ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق» ناملىق ئەسىرى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئۆزى ئوننەچچە يىللاپ تۈرمىدە ياتقان.

يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كەرىمى يېقىندا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، قەشقەردىكى ئۆيىنىڭ ئىككى قېتىم ساقچىلار تەرىپىدىن ئاختۇرۇلغانلىقىنى، رومانلىرىنىڭ ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ نازارەت ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

كەلپىندىكى ئۇيغۇر بالىنىڭ ئائىلە تەربىيىسى ھەققىدىكى سىن كۆرۈنۈش ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقىرى بېسىملىق سىياسىي ئاتموسفېرادىن دېرەك بەرمەكتە

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇۋاتقان ئاتالمىش «قوش تىللىق» يەسلى مائارىپى مىليونلىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئائىلە، جەمئىيەت ۋە مەكتەپتىكى مىللىي مەدەنىيەت تەربىيىسىدىن مەھرۇم قىلماقتا.

يېقىندا كەلپىن ناھىيىسىنىڭ ئاچال بازىرىدا سۈرەتكە ئېلىنغان بىر قىسقا سىن كۆرۈنۈشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىككى-ئۈچ ياشلىق بىر ئۇيغۇر بالىنىڭ شى جىنپىڭدىن تارتىپ تاكى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئىسىملىرىغا قەدەر يادقا بىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، مەزكۇر ۋىدېيو نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى بالىلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي پاجىئەنىڭ ئىچ يۈزىنى ئېچىپ كۆرسەتمەكتە، دەپ تەكىتلىدى.

خىتاي ئارخېئولوگلىرى بورتالادىكى بىر قەدىمىي خارابىلىقنى قېزىشقا باشلىغان

خىتاي ئارخېئولوگلىرىنىڭ يېقىندا بورتالا شەھىرىنىڭ دالات بازىرىدىكى بىر قەدىمىي خارابىلىقىنى قېزىشقا باشلىغانلىقى مەلۇم.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق قېزىشنىڭ مەقسىتى مەزكۇر خارابىلىقنىڭ خىتاينىڭ سۇڭ ياكى موڭغۇللار قۇرغان يۈەن سۇلالىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئېنىقلاش ئىكەن. 

يېقىندا چېن چۈەنگو ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان ئارخېئولوگىيە خىزمەت يىغىنىدا «شىنجاڭ ئارخېئولوگىيىسىنىڭ نىشانى شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن تارتىپ جۇڭگونىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا قارىتىلىشى كېرەك» دېگەن. بىراق بەزى تارىخچىلار، چېن چۈەنگونىڭ سۆزىنى «ئىلمىي تەتقىقات ئەركىنلىكىگە خىلاپ» دەپ تەنقىد قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.