ھەپتىلىك خەۋەرلەر (22-ئىيۇندىن 28-ئىيۇنغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.06.28
erkin-asiya-radiosi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

«لۈكچۈن ۋەقەسى» دە 46 ئادەم ئۆلدى

26‏-ئىيۇن، تۇرپاننىڭ پىچان ناھىيىسىگە قاراشلىق لۈكچۈن بازىرىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئاز دېگەندە 46 يېتىپ باردى.

لۈكچۈندىكى بىر مەسچىتنىڭ ئىمامى ئۇرايىم ھاجىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدە ھۆكۈمەت تەرەپتىن 35 ئادەم ئۆلگەن. ئۇ، ئۆلگەنلەرگە 35 كېپەنلىك ھازىرلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆلگەنلەرنىڭ ساقچى ۋە ئامانلىق خادىملىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۆلگەنلەر ئىچىدە 15-20 دەك كىشى خىتاي بولۇپ، ھۇجۇمچىلاردىن 11 كىشى ساقچى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

بۇ ۋەقە رايوندا «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر توقۇنۇش. د ئۇ ق ۋەقەنى خىتاينىڭ سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا لۈكچۈن ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلاشقا چاقىردى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پاترىك ۋېنترېل «لۈكچۈن ۋەقەسى» ھەققىدە توختىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ۋەقەنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ۋە رايون ۋەزىيىتىنى داۋاملىق كۆزىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋەقەنىڭ بارلىق جەريانىنى ئاشكارىلاشقا، قولغا ئېلىنغانلارنى خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە ئالاقىدار قانۇنلىرى شۇنداقلا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى بويىچە ئادىل بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىرىمىز» دېدى.

پاترىك ۋېنترېل يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۈرلۈك كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى، چەكلىمە قويۇۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەردىن قاتتىق بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رابىيە خادىم خەلقئارا جەمئىيەتنى لۈكچۈن ۋەقەسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى

ياپونىيەنى زىيارەت قىلىۋاتقان د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ياپونىيەنىڭ ناگويا شەھىرىدە تۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى «لۈكچۈن ۋەقەسى»گە دىققەت قىلىشقا چاقىردى.

رابىيە خانىم بۇ سۆزلەرنى ناگويا شەھىرىدىكى ۋېنكايچى سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن د ئۇ ق نىڭ دوكلات بېرىش يىغىنىدا قىلغان. ئۇ، «لۈكچۈن ۋەقەسى» ھەققىدە توختىلىپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتى، ياپون خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى «لۈكچۈن ۋەقەسى» ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىندىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە دىققەت قىلىشقا دەۋەت قىلدى.

ئۇ، شى جىڭپىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر ئېلىدە سىياسىي ئۆزگىرىش ئېلىپ بارمىسا، چوڭ بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قارىقاش ناھىيىسىدە خىتاي ئىشچىلىرى ئۆلتۈرۈلگەن

23‏-ئىيۇن، خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيىسى جاھانباغ يېزىسىدا بىر ۋەقە يۈز بېرىپ، ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلەشكەنلىكى مەلۇم بولدى.

بىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، جاھانباغ يېزىسىدىكى بىر ئۆستەڭ قۇرۇلۇشىدا ئىشلەۋاتقان 6-7 نەپەر خىتاي قۇرۇلۇش ئىشچىسى، 23‏-ئىيۇن نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

ۋەقەنىڭ سەۋەبى، ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئېنىق ئۇچۇر يوق. ئەمما يەرلىك ئاھالىلەر ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۆيمۇ -ئۆي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، گۇمانلىق دەپ قارىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.

توكيودا تەكلىماكاندىكى يادرو سىناقلىرى توغرىلىق يىغىن ئېچىلدى

23‏-ئىيۇن ياپونىيە پايتەختى توكيودا تەكلىماكاندىكى ئاتوم سىناقلىرى توغرىلىق دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ياپونىيە «يىپەك يولى ئىلىم-پەن» كۇلۇبى ساھىبخانىلىق قىلدى.

خەلقئارادا تونۇلغان فىزىكا مۇتەخەسسىسى، خوككايدو ساپپورو تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى جۈن تاكادا، تەكلىماكاندا ئېلىپ بېرىلغان ئاتوم سىناقلىرى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

يىغىنغا ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئىككى ئەزاسى قاتنىشىپ، يىغىننىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ياپونىيەنى زىيارەت قىلىۋاتقان مەزگىلىدە ئېچىلغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇلار يادرو سىناقلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش، ئۇلارنىڭ تەن-ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ھەر بىر كىشىنىڭ ئىنسانىي بۇرچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

شۋېتسىيەدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

23-ئىيۇن شىۋېتسىيە پايتەختى ستوكھولمدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى رېنكېبۈ بازىرىدىن مەخسۇس جاي ئېلىپ، «ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەت سكاندىناۋىيە ئەللىرىدە يازلىق كۈن-تۈن تەڭشەلگەن دەم ئېلىش كۈنىگە توغرا كەلگەچكە، قاينام-تاشقىنلىق مەنزىرە ھاسىل قىلغان

پائالىيەتتە ئۇيغۇرچە كىيىم-كېچەكلەر، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى تۈرلۈك كىتاب-ماتېرىياللار، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان مىللىي بۇيۇملار كۆرگەزمە قىلىنىپ، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

مەزكۇر پائالىيەتنى شىۋېتسىيە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.