ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتى تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلماقتا
25-ئىيۇن، ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتى لاگېرغا قامالغان تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتە قىلدى. زۇلپىقار بارات ئۆزباش ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان خىتايدىكى تۇنجى ئۇيغۇر جەمئىيەتشۇناس ئىدى.
ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە فاكۇلتېت خادىملىرى بىرلىكتە «چولپان ئېلانچىلىقى» تورىدا باش ماقالە ئېلان قىلىپ، زۇلپىقار بارات ئۆزباش ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادە قىلغان. ئۇلار يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشلىرىغا دۇنيادىكى پۈتكۈل ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
زۇلپىقار بارات دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئېلىپ قايتقاندىن كېيىن بىر مەزگىل ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ تونۇلغان ھەم شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىزمەت قىلغانىدى.
رادىيومىز 2018-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا تېلېفون قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىگەنىدى.
تۈركىيەگە تۇغقان يوقلاپ بارغان قاھارجان قاۋۇل ئاقسۇدىكى لاگېردا جان ئۈزگەن
بۇندىن 10 نەچچە يىللار ئىلگىرى تۈركىيەگە تۇغقان يوقلاپ بارغان قاھارجان قاۋۇل بۇلتۇر 7-ئايدا ئاقسۇدا تۇتقۇن قىلىنىپ، 11-ئاينىڭ ئاخىرى لاگېردا جان ئۈزگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى 41 ياشقا كىرگەن، ئىككى بالىنىڭ دادىسى بولغان قاھارجان قاۋۇل دەسلەپتە تېلېفونىدىن «مەسىلە» چىقىپ تۇتقۇن قىلىنغان. سوراق جەريانىدا ئۇنىڭ تۈركىيەگە تۇغقان يوقلاپ بارغانلىقى ئاشكارىلىنىپ قېيىن-قىستاققا ئېلىنغان.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندىنىڭ ئىگىلىشىچە، قاھارجان قاۋۇل لاگېردىكى قېيىن-قىستاق سەۋەبلىك ھوشىدىن كەتكەندىن كېيىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان ۋە دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلغان. مۇخبىرىمىزنىڭ ئاقسۇغا قىلغان تېلېفون زىيارەتلىرىدە ئالاقىدار خادىملار ئۇنىڭ لاگېردىن دوختۇرخانىغا جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئاپىرىلغاندىن كېيىن جان ئۈزگەنلىكىنى دەلىللىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك دوكلاتى» دا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى تەكىتلىدى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يىللىق «خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك دوكلاتى» نى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.
دوكلاتتا «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئىبادىتىنى چەكلەشنى قانۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ھەتتا كىشىلەرنىڭ پەرزەنت كۆرۈش، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغقا ئوخشاش كۈندىلىك پائالىيەتلىرىگىمۇ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش باھانىسى بىلەن ئارىلىشىۋاتقانلىقى» بايان قىلىنغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 21-ئىيۇن كۈنى دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان سۆزىدە ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇمغا تارىخنىڭ ھەرگىز سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. 27-ئىيۇن كۈنى يەنە، 7 نەپەر ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى پرېزىدېنت ترامپقا ئىمزالىق مەكتۇپ يوللاپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇمغا يانتاياق بولۇۋاتقان خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى جازالاش ھەققىدىكى «ماگنېتىسكىي قانۇنى» نى دەرھال ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
مۇستەقىل تەكشۈرۈش كوللېگىيەسى: «خىتاي ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈشتە لاگېردىكى ئۇيغۇرلارغا يۈزلەنمەكتە»
لوندوندىكى غەيرىي رەسمىي خاراكتېرلىك بىر مۇستەقىل تەكشۈرۈش كوللېگىيەسى يېقىندا 60 بەتلىك دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدا ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەلىرىنىڭ قاتتىق ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقىغا دىققەت تارتتى.
دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، «خىتاي، فالۇنگوڭچىلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى مەجبۇرىي ئېلىپ، بىمارلارغا ساتماقتىكەن»، شۇنداقلا يەنە «ئورگان بانكىسى» قۇرۇپ، «يىغىۋېلىش لاگېرىدىكى مىليونلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىغا يۈزلەنمەكتىكەن»
ئامېرىكانىڭ دىنى ئىشلارغا مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچىسى سەم بروۋنبەكمۇ 21-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا قىلغان بىر سۆزىدىمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى فالۈنگونچىلار، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خرىستىئانلاردىن تەركىب تاپقان ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا يۆتكەش ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى قىلىپ كەلمەكتە. بۇنىڭغا ھەممە كىشىنىڭ ۋىجدانى قاينىشى كېرەك» دېدى.
ئەركىن تۇنىيازنىڭ ب د ت دىكى نۇتقى كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچرىدى
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 41-نۆۋەتلىك يىغىنى 24-ئىيۇن كۈنى جەنۋەدە باشلاندى. دىققەت قوزغايدىغىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنيازنى يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنى دوكلات بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرغان.
ئەركىن تۇنىياز نۇتقىدا باشتىن-ئاخىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى بېسىم سىياسەتلىرىنى ئاقلىدى. ئۇ، «ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ رايوندىكى ئەمەلىيەت ئۈچۈن زۆرۈرلۈكىنى، بۇ ئارقىلىق «دىنىي رادىكاللىق بىلەن يۇقۇملانغان ۋە ئاددىي جىنايەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان كىشىلەرنىڭ قۇتقۇزۇشقا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى» نى ئىلگىرى سۈردى.
ھالبۇكى، ئەركىن تۇنيازنىڭ سۆزلىرىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قاتتىق تەنقىد قىلدى ۋە ئۇنىڭغا رەددىيە بەردى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق ئورگانلاردا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىكى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا يەنە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىمۇ تەنقىد قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ئەركىن تۇنىيازغا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان سورۇن ھازىرلاپ بەرگەنلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئۈچۈن بىر نومۇستۇر» دېدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ كېڭەش باشلانغان كۈنى نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمىنى توختىتىشقا چاقىردى.
ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق تونۇشتۇرۇلدى
16-ئىيۇن كۈنى ئاۋسترالىيەنىڭ ۋىكتورىيە شتاتى مېلبورىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارالىق بالىلار فېستىۋالى» غا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىمۇ قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى نامايان قىلغان.
مېلبورندىكى ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى فېستىۋالدا مەشرەپ ئۇسسۇلىنى ئوينىغان بولۇپ، زالدىكى 500 دىن ئارتۇق تاماشىبىننىڭ كۈچلۈك ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئاسىيە خانىم رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، بالىلارنىڭ سەنئەت ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنىمۇ تونۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، خەلقئارا بالىلار فېستىۋالى 2002-يىلى مېلبورىندىكى تۈرك جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا سىلوۋانىيە، پانجابى، پولشا، ماكېدونىيە، ھىندونېزىيە، تۈركىيە ۋە ئۇيغۇرلار بولۇپ جەمئىي 14 گۇرۇپپا قاتناشقان.
6-ئاينىڭ 20-كۈنى، يەنى «دۇنيا سىياسىي پاناھلانغۇچىلار» كۈنىدە جەنۇبىي كورېيەنىڭ پايتەختى سېئولدا «ئەجدەرھانىڭ ئۇزۇن قولى» ناملىق يىغىن ئېچىلغان. مەزكۇر يىغىنغا 5 دۆلەتتىن كۆپلىگەن پائالىيەتچىلەر تەكلىپ قىلىنغان. ئاۋستىرالىيەدىكى سىياسىي پائالىيەتچى نۇرگۈل ساۋۇت خانىم ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەرگەن.
0:00 / 0:00