ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر «26-ئىيۇن شياۋگۈەن ۋەقەسى» نىڭ 8 يىللىق خاتىرە كۈنىدە خىتايغا قارشى ئىنكاس قايتۇردى
«26-ئىيۇن شياۋگۈەن ۋەقەسى» ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇنتۇلماس بىر قارا كۈن. ئۇ يەنە 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» گە پىلتا بولغان بىر قانلىق ۋەقە.
بۇندىن 8 يىل مۇقەددەم، يەنى 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى يېرىم كېچىدە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شياۋگۈەن شەھىرىدىكى شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان 800 دەك ئۇيغۇر ئىشچى 10 مىڭدىن ئارتۇق خىتاينىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، كۆپلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.
«شياۋگۈەن ۋەقەسى» نىڭ 8 يىللىق خاتىرە كۈنىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن زۇبەيرە خانىم ئىنكاس قايتۇرۇپ، شياۋگۈەن قانلىق ۋەقەسىنىڭ ھەرگىز ئۇنتۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر دىيارىدا ئىسلامدىكى 5 پەرزنىڭ بىرى بولغان زاكاتنىڭ چەكلەنگەنلىكى ئاشكارىلاندى
يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «چېن چۈەنگونىڭ رامىزان مەزگىلىدىكى مۇقىملىقنى قوغداش يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزىدىن بىلىشكە تېگىشلىك سوئال-جاۋاب» ماۋزۇلۇق بىر ئۆگىنىش ماتېرىيالىنىڭ سۈرەت كوپىيەسى تارقالغان ئىدى.مەزكۇر ماتېرىيالدا زاكاتنىڭمۇ چەكلىنىدىغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ ياپچان بازىرىدىكى بىر نەپەر كەنت سېكرېتارى بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، زاكاتنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى دەلىللىدى.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا شەخسىي ئۇچۇر ۋە ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىگە تور سالغان
رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر ۋە ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىنى كەڭ-كۆلەمدە تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى باشلىغان ئىكەن.
ئۈرۈمچى دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان ئۇقتۇرۇشىدا، ئاھالىلەرنىڭ ئەقىلفون، خاتىرە كومپيۇتېر، بارماق دىسكا قاتارلىق شەخسىي ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلىرىنى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ئاھالىلەر كومىتېتى ۋە ساقچىخانىلارغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈشى تەلەپ قىلىنغان.
ئۈرۈمچى باۋشەن ئاھالىلەر كومىتېتى تەۋەلىكىدىكى ساقچى پونكىتى مەزكۇر ئۇقتۇرۇشىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاھالىلەرگىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئېلىدا تۇغۇلغانلىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە قارىتىلغانلىقىنى دەلىللىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچ يىلدىن بۇيان جۈمە تاھىرنىڭ ئەرۋاھىدىن داۋاملىق پايدىلانماقتا
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2014-يىلى پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەن قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىرنىڭ ئەرۋاھىنى داۋاملىق تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
بۇ يىللىق روزا ھېيت بايرىمىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى جۇ خەيلۈن مەخسۇس قەشقەرگە بېرىپ، يەنە بىر قېتىم جۈمە تاھىرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىغان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرى جۈمە تاھىرنىڭ ئۆلۈمى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى چېكىدىن ئاشقان دىنىي سىياسەتلىرى ھەققىدە ئىنكاس قايتۇردى.
ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ يىللىق روزا ھېيت نامىزى قاتتىق تەقىب ئاستىدا ئوقۇلغان
ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ يىللىق روزا ھېيت نامىزى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق تەقىپى ۋە قاتمۇ-قات نازارىتى ئاستىدا ئوقۇلغانلىقى مەلۇم.
نەچچە مىڭ كىشى ناماز ئوقۇيدىغان ئۈرۈمچىدىكى بەيتۇلمەھمۇر مەسچىتىدە بۇ يىللىق روزا ھېيتتا ئاران 200 چە كىشى ھېيت نامىزى ئوقۇغان. ناماز باشلىنىشتىن بۇرۇن جامائەت خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىش ۋە دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇشقا قاتناشتۇرۇلغان.
رادىيومىزنىڭ قەشقەر يېڭىشەھەردىن ئىگىلىشىچە، ياپچان بازىرىدىكى 1500 نوپۇسلۇق بىر كەنتتىن پەقەت 141 كىشى نامازغا قاتناشقان ۋە 21 نازارەتچىنىڭ نازارىتىدە ھېيت نامىزى ئوقۇغان.
شاھىتلار 1988-يىلى 15-ئىيۇندىكى ئۇيغۇر ستۇدېنتلار نامايىشى ھەققىدە ئەسلىمە تەقدىم قىلدى
1980-يىللار ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان تارىخىدا ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ئەڭ جانلانغان، خەلقنىڭ دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە مىللىي ھەق-ھوقۇقلارغا بولغان تەلىپى كۈچەيگەن شۇنداقلا ھەر ساھە بويىچە مىللىي ئويغىنىشنىڭ ئۇپۇقى ئېچىلغان يىللار بولغان ئىدى.
دەل ئاشۇ يىللاردا، يەنى 1988-يىلى 15-ئىيۇندا «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى » ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى يۈز بەردى. بۇ 1980-يىللاردىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق زور نامايىشى ئىدى.