ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە شى جىنپىڭغا ئېغىز ئاچقان
خوڭكوڭدا چىقىدىغان «ئالما خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 28-ئىيۇن كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە ئېچىلغان گ 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان.
خەۋەرگە قارىغاندا، شىنزو ئابې سۆزىدە ئاۋۋال خوڭكوڭدىكى «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيەنىڭ گۈللەپ ياشنىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ بۇنىڭغا ئۇلاپلا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ئېغىز ئېچىپ، «كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ھۆرمەت قىلىنىشى بەكمۇ مۇھىم»، دېگەن. ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭ ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى شى جىنپىڭ ئۈچۈن كۈتۈلمىگەن بىر ئەھۋال بولغان.
كەنت سېكرېتارى: قوشماق تۇغقانلىرىمىز بىلەن داستىخاندا ئولتۇرساق ھالال-ھارام دېمەيمىز
ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ يولغا قويۇلۇۋاتقان «قوشماق تۇغقان سىياسىتى» ھەققىدە ھازىرغىچە ئاخباراتقا ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن بۇ ئاتالمىش قوشماق تۇغقانلارنىڭ ئائىلىلەردە نازارەتچىلىك قىلىشتىن باشقا، شۇ ئائىلىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى، جۈملىدىن ياشاش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم؛ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئادەم توپلاشتا ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان ۋە خىتاينىڭ قوشماق تۇغقان سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشتا باشلامچى بولۇۋاتقان خوتەندىكى مەلۇم بىر كەنت سېكرېتارى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ قوشماق تۇغقىنى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ئۇ بۇ جەرياندا، ۋاڭ ۋە ما فامىلىلىك قوشماق تۇغقانلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە ھالال-ھارامنى ئايرىماسلىقنى ئۆگەتكەنلىكى، شۇڭا قوشماق تۇغقانلىرى گۆش ئېلىپ كەلسە، چوشقا گۆشى بولسىمۇ يەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
يەنە بەزى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ كۆزلىگەندەك ئۈنۈم بەرمىگەنلىكى، كۆپىنچە ئاھالىلەرنىڭ قاتتىق بېسىم ۋە تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقلىرىغا قارىماي، ھالال-ھارام كۆز قارىشىدا تەۋرىنىش بولمىغانلىقى، بولۇپمۇ، چوشقا گۆشى يېيىشنى قوبۇل قىلغانلارنى ھۆكۈمەت زىياپەتلىرىدىن باشقا سورۇنلاردا ئۇچرىتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە خىتاينى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە قاتتىق ئەيىبلىدى
2-ئىيۇل كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ باش شتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە ۋەكىللىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرغا قامىشى ھەمدە ئۇلارنى ئەڭ ئەقەللىي ھەقلەردىنمۇ مەھرۇم قالدۇرۇشىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ قېتىملىق يېپىق يىغىنىغا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا 15 دۆلەتنىڭ ۋەكىلى قاتناشقان. يىغىندا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇۋەققەت باش ئەلچىسى جوناسان كوئېن خىتاي ھۆكۈمىتىنى «ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىش ۋە خورلاش قىلمىشلىرى سادىر قىلىۋاتىسىلەر»، دېگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ما جاۋشۈ بۇنىڭغا نارازى بولۇپ، «ئامېرىكا ۋە گېرمانىيەنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تەكىتلەش ھەققى يوق»، دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۇنجى قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
كەنت سېكرېتارى: «بۇيرۇققا ئاساسەن ئۆيۈمنىڭ تېمىدىكى مېھراب شەكىللىك ئويۇقنى تۆت چاسىغا ئۆزگەرتتىم»
رادىيومىز مۇخبىرى نۆۋەتتە ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى ئۆي-ئىمارەتلەرنىڭ مىللىي پاسوندىكى نەقىشلىرىنىڭ سۆكۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدە رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردى.
خوتەندىكى بىر كەنت سېكرېتارى بۇلتۇردىن باشلاپ مېھراب شەكىللىك كۆرۈنۈشلەرمۇ «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامىتى» دەپ قارىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئۆي-ئىمارەتلىرىگە نەقىشلەنگەن مېھرابلار تۈزلىۋېتىلگەن ياكى تۆت چاسا شەكلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى دەلىللىدى.
قەشقەردىكى بىر كەنت ئاياللار مۇدىرىمۇ ئۆزىنىڭ مەھەللىدە «دىنىي ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش» ھەققىدە تەشۋىقاتقا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە تەشۋىقاتىدا ئۆي-ئىمارەتلەردىكى مېھراب شەكلىنى يوقىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چۈشەندۈرۈۋاتقانلىقىنئى بايان قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، نۆۋەتتە ئۇ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تەۋەلىكتە ئۆي-ئىمارەتلەردىكى مېھراب قاتارلىق دىنىي تۈس ئالغان شەكىل ۋە كۆرۈنۈشلەر تەلتۆكۈس يوقىتىلغان. خوتەندىكى مەزكۇر كەنت سېكرېتارى نۆۋەتتە مەھەللە-كوچىلارنى ئايلانغاندا ھېچ بىر ئۆي-ئىمارەت ۋە قۇرۇلۇشلاردا مېھراب، مۇنار ۋە ھىلال ئاي شەكىللىرىنى ئۇچراتقىلى بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارا جامائەتكە خىتاب قىلىندى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2009-يىلى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ ئون يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئون يىل ئىلگىرىكى خاتالىقىنى تەكرارلىماسلىققا چاقىردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچلىق بىلەن نامايىش قىلغان ئۇيغۇرلارنى قانلىق باستۇرغانلىقىنى، شۇ قېتىملىق ۋەقەدە مىڭلىغان ئۇيغۇر ئۆلۈپ، يارىلانغان ۋە غايىب قىلىۋېتىلگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جىنايىتى ئۈچۈن سوراققا تارتىلمىغانلىقى ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا باياناتتىكى سۆزىدە «خەلقئارا جامائەتنىڭ ئون يىل ئىلگىرىكى بۇ قورقۇنچلۇق جىنايەتكە سۈكۈت قىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى جاسارەتلەندۈردى. نەتىجىدە بۈگۈنكىدەك مىليونلارچە كىشىنىڭ لاگېرغا قامىلىشىدەك ئاقىۋەت كېلىپ چىقتى» دەپ ئەسكەرتكەن ۋە خەلقئارا جامائەتنى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 10 يىللىق خاتىرىسىدە ئوخشاش خاتالىقنى تەكرارلىماسلىققا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىنسانىيەتكە قارشى قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنىڭ سورىقىنى قىلىشقا چاقىرغان.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىمۇ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا خەلقئارا جامائەتنى خىتايغا ئۈزلۈكسىز بېسىم قىلىش ئارقىلىق لاگېرلارنىڭ تاقىلىشىغا تۈرتكە بولۇشقا چاقىردى.
5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ ئون يىللىق خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن 5-ئىيۇل كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرى ۋە تۈرلۈك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ۋە گېرمانىيەدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىلىرى تىلغا ئېلىندى
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ جەنۋەدە داۋام قىلىۋاتقان 41-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ 3-ئىيۇل كۈنىدىكى يىغىنىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۈر ماسلاشتۇرغۇچىسى راين بېررىي سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىۋاتقان ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇترېسنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «لاگېرلار ئىككى يىلدىن بۇيان مەۋجۇت، ھالبۇكى، ب د ت دىن بۇنىڭغا قارىشى بىر ئەمەلىي ھەرىكەت ئوتتۇرىغا چىقمىدى. ب د ت باش كاتىپى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىشنىڭ ئورنىغا بۇ مەسىلىگە سەل قارىدى ياكى بۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇردى، ھەتتا خىتاينىڭ ‹بۇ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش نامىدا ئېلىنغان تەدبىرلەر› دېگەن ئىزاھاتلىرىنى قوبۇل قىلدى. بۇنداق نامۇۋاپىق ۋە خەتەرلىك تەشەببۇسلار خىتاينىڭ قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى يوشۇرۇشىغا ياردەم قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس».
راين بېرري سۆزىدە يەنە، مەزكۇر كېڭەشنىڭ ئىككىنچى كۈنىدىكى يىغىنىدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىيازغا سۆز قىلىش پۇرسىتى بېرىلىشىنىمۇ قاتتىق تەنقىدلىگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق ئورگانلاردا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىكىمۇ ئەركىن تۇنىياز سۆز قىلغان كۈنى دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ، «كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلغۇچى دۆلەتنىڭ ۋەكىلىگە ئۆز تەشۋىقاتىنى قىلىدىغان سورۇن ھازىرلاپ بەرگەنلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئۈچۈن بىر نومۇستۇر،» دېگەن ئىدى.
3-ئىيۇل كۈنى يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئامېرىكانىڭ گېرمانىيەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن پايتەخت بېرلىنغا بېرىپ، باش ئەلچى رىچارد گرېنېل ئەپەندى بىلەن بىر سائەتكە يېقىن سۆھبەت ئېلىپ بارغان. دولقۇن ئەيسا سۆھبەت داۋامىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن خىتاينى جازالايدىغان ئەمەلىي تەدبىرلەرگە مۇراجىئەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. باش ئەلچى رىچارد ئەپەندى بولسا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسىتىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى داۋاملىق يېقىندىن كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
0:00 / 0:00