ھەپتىلىك خەۋەرلەر (6-ئىيۇلدىن 12-ئىيۇلغىچە)

0:00 / 0:00

دۇنيا مىقياسىدا «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ ئون يىللىقى خاتىرىلەندى

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى 5-ئىيۇل كۈنى تۈرلۈك نامايىش ۋە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ ئون يىللىقىنى خاتىرىلىدى.

ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەتتە «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» نىڭ 10 يىللىقىنى كەڭ كۆلەمدە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى تەڭلا ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشچىلار ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى جەۋلان قىلدۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زالىملىقىنى پاش قىلغۇچى شوئارلارنى ئۈنلۈك توۋلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.

22 دۆلەت ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى ئەيىبلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇشۇ ھەپتە جەنۋەدە ئېچىلغان يىغىنى مەزگىلىدە گېرمانىيە، فىرانسىيە، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق 22 غەرب دۆلىتى بىرلەشمە مەكتۇپقا ئىمزا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

باياناتتا خىتاينىڭ مىليونلاپ ئۇيغۇرنى لاگېرغا قامىشى ھەمدە بۇنى «ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكىتى» دەپ ئاقلىشى ھەققىدىكى يالغان-ياۋىداقلىرى كەسكىن ئىبارىلەر بىلەن تەنقىدلەندى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ باياناتقا قارشى چىقىپ: «غەرب دۇنياسىنىڭ بىزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلىشىش ھەققى يوق» دېدى.

ئالاھىدە ئەلچى ناسان سەيلىس لاگېرلارنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلدى

مۇشۇ ھەپتىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئالاھىدە ئەلچىسى ناسان سەيلىس خىتاينى مىليونلاپ ئۇيغۇرلار قامالغان لاگېرلارنى دەرھال تاقاش ھەمدە دارىلئېتاملارغا ئېلىپ كېتىلگەن بالىلارنى ئائىلىسىگە قايتۇرۇشقا چاقىردى.

ئۇ رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى غايەت زور لاگېر سىستېمىسىنىڭ تېررورلۇق بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى يوق قىلىشنى كۆزلىگەن «تازىلاش ھەرىكىتى» ئىكەنلىكىنى، پەقەت دۇنيانى ئالداش ئۈچۈنلا نۆۋەتتە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نى بۇنىڭغا باھانە قىلىۋالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

قاھارجاننىڭ لاگېردىكى ئۆلۈمى خىتاينىڭ لاگېرلىرىدىكى زۇلۇمنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى

ئۆتكەن يىلى ئاقسۇدىكى لاگېرلارنىڭ بىرىدە جان ئۈزگەن قاھارجاننىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا «كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن» دەپ مەلۇمات بېرىلگەنىدى. يېقىندا ئۇلار قاھارجاننىڭ لاگېردىكى قىيناق سەۋەبىدىن جان ئۈزگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان.

مەلۇم بولۇشىچە، قاھارجاننىڭ تۈركىيەدىكى ئاچىسى گۈلجامال ۋە ئانىسى ئاقسۇدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەر بولۇشى ئۈچۈن 20 يىلدىن بۇيان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن يىراق تۇرغان. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئېھتىياتچانلىقى قاھارجاننىڭ ئۆلۈمىنى توسۇپ قالالمىغان.

گۈلجامال خانىم بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ خىتاينىڭ پەيلىنى تولۇق چۈشەنمەي قالغانلىقىنى ئۆكۈنۈش بىلەن تىلغا ئالدى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن زۇلۇم ۋە ھەقسىزلىققا سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

غېنى ھوشۇر ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئامېرىكا ۋىزىسى ئالغانلىقى ئۈچۈن لاگېرغا قامالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى شۆھرەت غېنى يېقىندا ئاتا-ئانىسىنىڭ 2017-يىلى ئامېرىكىغا كېلىش ئۈچۈن ساياھەت ۋىزىسى ئالغانلىقى سەۋەبىدىن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان.

شۆھرەت يېقىندا رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكا ۋىزىسى ئالغانلىقى سەۋەبلىك لاگېرغا قامىلىشى ھەققىدىكى بىر قاتار ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەردى.

زىيارەت جەريانىدا شۆھرەت ئۆزىنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۈمىد باغلاپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ لاگېردىن قويۇپ بېرىلىشىنى زارىقىپ كۈتكەنلىكىنى، ئەمدى ئۆزىنىڭ سۈكۈتنى بۇزۇش قارارىغا كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

مۇيەسسەر مۇھەممەدنىڭ قىسمىتى لاگېردىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تەقدىرىنى ئەكس ئەتتۈردى

خىتاي دائىرىلىرى 2017-يىلىنىڭ بېشىدا لاگېرغا قامىغان مۇيەسسەر مۇھەممەد بۇنىڭدىن ئون يىل ئىلگىرى مىسىردا ئوقۇغان ھەمدە 2007-يىلىدىن باشلاپ قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بىرى. يېقىندا ئۇنىڭ قازاقىستاندىكى يولدىشى سەدىردىن لاگېردىن زاۋۇتقا يۆتكەلگەن ئايالىنىڭ قايتىدىن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان.

سەدىردىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئايالىغا رەھىم قىلىشىدىن ئۈمىد كۈتۈپ كەلگەن بولۇپ، ھامىلىدار پېتى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ئايالىنىڭ ھامىلىسى لاگېردا «يوق» بولغان؛ مۇيەسسەرنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر لاگېرغا قامالغان؛ ئانىسى 19 يىللىق كېسىلگەن.

يېقىندىن بۇيان لاگېردىكى «ئىپادىسى ياخشى» بولغان بىر قىسىم مەھبۇسلارنىڭ لاگېرلاردىكى زاۋۇتلاردا ھەقسىز ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ئىدى. مۇيەسسەرنىڭ تەقدىرى بۇ جەھەتتىكى بەزى ئەھۋاللارنى يورۇتۇپ بەردى.