ھەپتىلىك خەۋەرلەر (13-ئىيۇلدىن 19-ئىيۇلغىچە)

0:00 / 0:00

غايىب ئەنۋەر تۇردى قانداق ئىشنى كۆرۈپ قالغان؟

ئاقسۇنىڭ ئاۋات ناھىيىسى ئايباغ يېزىسىدىن ئەنۋەر تۇردى، 2009‏-يىلى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دە تۇتۇپ كېتىلىپ، ھازىرغىچە ئىز ‏-دېرىكى چىقمىغان. ئۇ 5‏-ئىيۇل ۋەقەسىدە غايىب بولغان ئۇيغۇرلاردىن ھازىرغىچە كىملىكى ئاشكارىلانغان 32‏-كىشى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاقسۇ ئاۋات دائىرىلىرى دەسلەپكى مەزگىلدە ئەنۋەر تۇردى ئائىلىسىگە «ئەنۋەر تۇردى ئازراق بىر ئىشلارنى كۆرۈپ قالغان، شۇڭا ئۈرۈمچىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ، 8-9 ئايدىن كېيىن قويۇپ بېرىلىدۇ» دەپ سىرلىق جاۋاب بەرگەن. ئەمما ئەنۋەر تۇردىنىڭ زادى قانداق ئىشنى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئائىلىسىگە بىلدۈرمىگەن.

ئاۋاتتىكى دائىرىلەر ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە سۆزىنى تامامەن ئۆزگەرتىپ، ئەنۋەر تۇردىنىڭ ئىز-دېرىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خوتەندە ئىككى ئامانلىق خادىمى ئۆلتۈرۈلگەن

خوتەن ناھىيىسىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىككى ئامانلىق خادىمىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارىلاندى. مەزكۇر ۋەقە خوتەن ناھىيىسىنىڭ يېڭىئاۋات ئوتتۇرا مەكتىپىدە يۈز بەرگەن.

ئۆلگەنلەرنىڭ بىرى، 29 ياشلىق شىرئەلى ئەزىز، يەنە بىرى 41 ياشلىق ئابلىكىم ئاخۇنباي. يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلار خانئېرىق ۋە يېڭىئاۋات ساقچى پونكىتلىرىغا ماسلىشىپ، پايلاقچىلىق قىلغانلىقى، بەزى ئۆكتىچى دىنىي زاتلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا سەۋەب بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇلارنى قاراقاشلىق يۈسۈپ ئەخمەت قادىر بىلەن مەمتىلى تۇنىياز ئۆلتۈرگەن.

بۇ ئىككىيلەن يەنە، قاراقاش دەرياسى توسما قۇرۇلۇشىدا ئىشلەۋاتقان خىتاي ئىشچىلارنى ئۆلتۈرۈشكە قاتناشقان ئىدى.

ئۈرۈمچىدە ئاممىنىڭ مۇخبىرلارغا سۆز قىلىشى چەكلەندى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت يېقىندا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئاممىنى مۇخبىرلارنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىققا، بۇنداق ئەھۋال يۈز بەرسە دەرھال ئىنكاس قىلىشقا بۇيرۇغان.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بىر قاتار توقۇنۇشلار يۈز بەرگەندىن كېيىن قوللانغان ئۇچۇرنى قامال قىلىش تەدبىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا، ئۆزىنى مۇخبىر دەپ ئاتىۋالغان كىشىلەرنىڭ تېلېفون زىيارىتى قىلىپ، «مارالبېشى ۋەقەسى»، «لۈكچۈن ۋەقەسى» ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلىگەندىن باشقا، كىشىلەرنىڭ ۋەقەلەرگە بولغان ئىنكاسىنى سورىغانلىقىنى، ئاھالىلەرنىڭ بۇ ئەھۋالنى دەرھال ئىنكاس قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

تۇمشۇق شەھىرىدە ئۇيغۇر ئەرزدار تەھدىتكە ئۇچرىدى

«شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» گە قاراشلىق تۇمشۇق شەھىرىدىكى مەخەت ئىمىننىڭ ئۆيى مەجبۇرىي چېقىۋېتىلگەن. بىراق دائىرىلەر ئۇنىڭغا تۆلەم تۆلەپ بېرىش ئورنىغا، ئەرز قىلماسلىق ھەققىدە تەھدىت سالغان.

ئۇيغۇربىز تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ۋەقە 26-ئىيۇن مەزكۇر تور بېتىدە خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، تۇمشۇق شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ساقچىلىرى مەخەت ئىمىننى سوراق قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆيى كۆيدۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى ماتېرىياللارنى مەتبۇئات ئورۇنلىرىغا بەرگەن-بەرمىگەنلىكىنى سۈرۈشتۈرگەن.

ساقچىلار، ئۇنىڭ بۇ ماتېرىياللارنى چەتئەل ئاگېنتلىقلىرىغا بەرگەن بولسا، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى بىلەن جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ئۇيغۇرلارغا پاسپورت ئىشلەشنى توختاتتى

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارغا پاسپورت بېجىرىپ بېرىشنى يەنە توختىتىپ قويغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك ئاھالىلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، دائىرىلەر بۇ توغرىلىق ئاشكارا ئۇقتۇرۇش چىقارمىغان بولسىمۇ، لېكىن تۇغقان يوقلاش، ساياھەت پاسپورتىنى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئۇيغۇرلارغا پاسپورت بېجىرىشنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئوقۇغۇچىلىق پاسپورتىنى بېجىرىش ئىلگىرىكىدىن قىيىنلاشقان.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى تەنقىدلەپ، «ئەمەلىيەتتە بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز پۇقراسى قاتارىدا كۆرمەيدىغانلىقىنىڭ، ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئىسپاتى» دەپ كۆرسەتتى.

غۇلجا بايتوقايدا دىنىي پائالىيەتلەر چەكلەندى

غۇلجا ناھىيىسىنىڭ بايتوقاي يېزىسى دىنىي پائالىيەتلەردە 10 غا رۇخسەت قىلماسلىق تۈزۈمى يولغا قويغان.

بۇ 10 خىل چەكلىمە ساقال قويماسلىق، ھىجاپ كىيمەسلىك، دىننى كومپيۇتېر، قول تېلېفون ئارقىلىق تەشۋىق قىلماسلىق، چەتئەلنىڭ رادىئو-تېلېۋىزورلىرىنى ئاڭلىماسلىق، كۆرمەسلىك دېگەن ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر يىلى رامزاندا تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، دىنىي پائالىيەتلەرنى كونترول قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ يىل كونتروللۇقنى بۇرۇنقىدىن كۈچەيتكەن. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى يېقىندا خىتاينى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ دىنىي كونتروللۇقنى كۈچەيتىشى ئۇيغۇرلارنى ئىلگىرىلەپ رادىكاللاشتۇرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.