رابىيە قادىر خانىم: «تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەسىلىلەرنى تىنچلىق يولى بىلەن ھەل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن!»
ئۆتكەن جۈمە كېچىدە تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ ھەربىي، مەمۇرىي سىستېمىسى بىلەن دۆلەت ئاپپاراتلىرىدا كەڭ كۆلەمدە تازىلاش باشلانغان.
پۈتۈن دۇنيا تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتىدىن ئەندىشىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم رادىيومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيە ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.
رابىيە خانىم تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييپ ئەردۇغاننى تىنچلىق ئۈچۈن سوغۇققان بولۇشقا، تۈرك خەلقنىڭ ئارزۇسى ۋە تۈركىيەنىڭ قىممەت قارىشىغا ھۆرمەت قىلىشقا، خەلقئارا قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق مىزانلىرىغا ماس ھالدا تەدبىر كۆرۈشكە چاقىردى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر جاڭ چۈنشيەننىڭ خوتەندە سۆزلىگەن سۆزلىرىگە جىددىي ئىنكاس قايتۇردى
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر «مۇقىملىق خىزمىتىنى ھىمايە قىلىش» بويىچە 14-ئىيۇلدىن 17-ئىيۇلغا قەدەر خوتەندە نەق مەيدان يىغىنى ئاچقان.
مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن «تېررورچىلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قوزغاپ، مۇستەھكەم مۇداپىئە سىستېمىسى قۇرۇش» ھەققىدە كۆرسەتمە بەرگەن.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتە جىددىي ئىنكاس قايتۇردى. ئۇلار بىردەك، جاڭ چۈنشيەننىڭ مەزكۇر كۆرسەتمىسى ئۇنىڭ 2014-يىلى 13-سېنتەبىردە خوتەن ۋىلايىتىدىكى مەسئۇل كادىرلارغا قىلغان سۆزىدىكى «ئۆز گۆشىنى ئۆز يېغىدا قورۇش» چاقىرىقىنىڭ داۋامى ۋە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ۋارىيانتى، دەپ قارىماقتا.
ئەنگلىيەنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى تېررور تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغىدى
يېقىندا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى تېررور تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2002-يىلى سېنتەبىردە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى تېررور تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن، ئەمما 2004-يىلى تىزىملىكتىن ئۆچۈرگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا مەزكۇر تەشكىلاتنى يەنە ئامېرىكىنىڭ تېررور تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن كۆپ تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما مۇۋەپپەق بولالمىغان ئىدى.
ھالبۇكى، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يېقىندا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نى «تېررورچى ۋە بۆلگۈنچى» تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە ئالغان. ئەنگلىيەنىڭ بۇ قارارى د ئۇ ق نىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى ھەمدە خىتاينىڭ بۇنى ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق باستۇرۇشتىكى كوزىر قىلىۋېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىت كرىزىسى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى
20-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت كرىزىسى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلدى.
«زېمىن بولماي تۇرۇپ، ھاياتلىق بولمايدۇ - خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش ھەرىكىتىنى باستۇرۇشى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان مەزكۇر دوكلات خەلقئارادىكى ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى چەكتى.
مەزكۇر دوكلاتتا پاكىتلار كۆرسىتىلىپ، دائىرىلەرنىڭ يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋاتقان ئەڭ ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكى يەكۈنلەپ چىقىلغان.
ئۈرۈمچىدە «ئىسلام دىنىدا ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى» تېمىسىدا خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىلغان
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 20-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە «ئىسلام دىنىدا ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيىسى» تېمىسىدىكى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلغان.
يىغىنغا خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئالتە دۆلەتتىن كەلگەن دىنىي زاتلار، تەتقىقاتچى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى قاتناشقان. مەزكۇر يىغىندا «ئوتتۇراھال يول ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلىپ ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» ھەققىدە خىتابنامە ئېلان قىلىنغان.
چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر يىغىن ھەققىدە ئىنكاس قايتۇردى. ئۇلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرقانداق بىر نارازىلىق ھەرىكىتىنى «دىنىي رادىكاللىق» ۋە «تېررورلۇق» قا باغلاپ قاتتىق باستۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، بۇ يىغىن ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن بۇ يىل ھەجگە بارغۇچىلارنى سىياسىي ئۆگىنىشكە تەشكىللىشى دىققەت قوزغىماقتا
ئىگىلىنىشىچە، خوتەن ۋىلايەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2016-يىلى خوتەندىن ھەجگە بارغۇچىلارنى بىر ھەپتىلىك سىياسىي ئۆگىنىشكە تەشكىللىگەن.
بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر ھۆكۈمەت خادىمى ۋە يەرلىك ئاھالىلەر بۇ يىللىق كۇرسنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى ۋە كۇرسنىڭ مەقسىتى ھەققىدە سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، دائىرىلەرنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج قىلىشىغا قارىتا تۈرلۈك چەكلىمىلەرنى چىقىرىپ، ھەجگە بارىدىغانلارنىڭ سانىنى چەكلەۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنى ھۆكۈمەتنىڭ ھەر خىل شەرتلىرىگە بويسۇنۇشقا قىستاۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.