خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ دائىرىلىرى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
ئالدىنقى كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى تارقاتقان بىر ھۆججەت ئاشكارا بولغان ئىدى.
ھۆججەتتە بۇ يىل 9-ئايدىن باشلاپ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە بارلىق دەرسلەرنىڭ بىردەك خىتاي تىلىدا ئۆتۈلىدىغانلىقى، مائارىپ سىستېمىسىدا ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىشنىڭ بىردەك چەكلىنىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى بىلەن خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق خوتەن ناھىيەسى، لوپ ناھىيەسى، چىرا ناھىيەسى ۋە قاراقاش ناھىيەلىرىنىڭ مائارىپ ئىدارىلىرى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر ھۆججەتنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا رىمدا ئىتالىيە ساقچىلىرىنىڭ ۋاقىتلىق تۇتقۇن قىلىشىغا دۇچ كەلگەن
خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ سودا ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى خەلقئارا مۇناسىۋىتىگە تايىنىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 26-ئىيۇل كۈنى ئىتالىيە يۇقىرى پالاتاسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن رىمغا يېتىپ بارغىنىدا ئىتالىيە ساقچىلىرىنىڭ ۋاقىتلىق تۇتقۇنىغا دۇچ كەلگەن.
دولقۇن ئەيسانىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئىتالىيە ساقچىلىرى خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن ئۇنى 3 يېرىم سائەت تۇتۇپ تۇرغان. ئاخىرىدا گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى بىلەن ئۇنى قويۇپ بەرگەن.
مىسىردا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىگە خىتاي ساقچىلىرىنىڭمۇ قاتناشقانلىقى مەلۇم بولدى
مىسىردا داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىش ئوپېراتسىيەسىگە خىتاي ساقچىلىرىنىڭمۇ قاتناشقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
مىسىردا قېچىپ يۈرگەن بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، 23-ئىيۇل كۈنى 4 نەپەر خىتاي ئامانلىق خادىمى ئۇنىڭ قاھىرەدىكى ئىجارە ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنى تۇتماقچى بولغان. ئەمما ئۇ ئەھۋالنى سېزىپ قېلىپ ئۆيىدىن قېچىپ كەتكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 4 نەپەر خىتاي ساقچىسى ئىككى نەپەر مىسىر ئىستىغبارات خادىمىنىڭ ھەمراھلىقىدا كەلگەن بولۇپ، ئۇلار بىناغا بېسىپ كىرمەكچى بولغاندا دەرۋازىۋەن تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغان.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەسچىتلەرگە «خىتاي كومپارتىيەسىنى سۆيۈش» ھەققىدە لوزۇنكا ئېسىلماقتىكەن
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەسچىتلەرنى كونترول قىلىش دەرىجىسى يېقىندىن بۇيان بارغانسېرى كۈچەيگەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسچىت-جامەلەرنىڭ پەشتاق ۋە مۇنارلىرىغا «جۇڭگونى سۆيۈش، كومپارتىيەنى سۆيۈش» دېگەندەك لوزۇنكىلار ئېسىلىشقا باشلىماقتىكەن.
رادىيومىزنىڭ قاغىلىق ناھىيەسىدىن ئەھۋال ئىگىلىشىچە، قاغىلىقتىكى چوڭ-كىچىك جامەلەرنىڭ ھەممىسىگە «قىزىل لوزۇنكا» ئېسىلىپ، مەسچىت جامائىتى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىشقا ۋە كومپارتىيەنى مەدھىيەلەپ ناخشا ئوقۇشقا مەجبۇرلانماقتىكەن.
ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ مۇسۇلمانچە ئىسىملىرىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى بەلگىلىمە ئەمەلىيلىشىشكە باشلىغان
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئورگان گېزىتى بولغان «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 21-ئىيۇلدىكى سانىدا 6 نەپەر ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ مۇسۇلمانچە ئىسىملىرىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى مەخسۇس ئېلانى بېسىلغان.
مەزكۇر ئېلاندا ئارافات، مۇسلىمە نۇرئىسلام، ئابابەكرى، مۇھەممەدئىمىن ۋە شەھىدەم قاتارلىق 6 نەپەر ئۇيغۇر قىز، ئوغۇلنىڭ ئىسىملىرى رەسمىي ئۆزگەرتىلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىسلامىي تۈسى قويۇق بولغان بىر قىسىم مۇسۇلمانچە ئىسىملارنى چەكلەش ھەققىدىكى بەلگىلىمىسىنىڭ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.
يوپۇرغا ناھىيەسىدە يېتىم-يېسىرلارغا پۇل توپلىغان ئابدۇكېرىم ئابدۇغېنى ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى قامالغان
ئىگىلىنىشىچە 2014-يىلى يوپۇرغا ناھىيەسىدە يېتىم-يېسىرلار ئۈچۈن ئىئانە توپلىغان ئابدۇكېرىم ئابدۇغېنى ۋە ئۇنىڭ 20 نەچچە دوستى كېسىۋەتىلگەن ئىكەن.
رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ئايدا دائىرىلەرنىڭ مەزكۇر دېلوغا باغلاپ يەنە 7 نەپەر كىشىنى تۇتقۇن قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.
يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ سىيېك يېزىلىق ساقچىخانا خادىملىرى بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 2014-يىلى «ئابدۇكېرىم گۇرۇھى» دەپ نام بېرىلىپ كېسىۋېتىلگەن ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن ئۆتكەن ئايدا يەنە تۇتقۇن قىلىنغان 7 نەپەر گۇماندار ھەققىدە مەلۇمات بەردى.