رابىيە قادىر خانىم «يەكەن ۋەقەسى» نىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى
بۇ يىل 28-ئىيۇل 2014-يىلىدىكى «يەكەن ۋەقەسى» گە توپ-توغرا ئىككى يىل بولغان خاتىرە كۈن. ئەينى چاغدا روزا ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىگە توغرا كەلگەن بۇ قانلىق ۋەقەدە يەكەن ناھىيىسىنىڭ ئېلىشقۇ، خاڭدى قاتارلىق يېزىلىرىدا يۈزلىگەن ئۇيغۇرلار خىتاي قوراللىق ساقچى ۋە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان ئىدى.
مەزكۇر ۋەقەگە 2 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە يەكەندىكى يەرلىك ئاھالىلەر رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يەكەننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىنكاس قايتۇردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 26-ئىيۇل كۈنى «شەرقىي تۈركىستان خەلقى يەكەن شېھىتلىرىمىزنى ئەبەدىيلىك سۆيگۈ ئىچىدە ياد ئېتىدۇ» ناملىق بايانات ئېلان قىلدى. رابىيە خانىم يەنە بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يەكەن ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن 80 ياشقا كىرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر جامائىتىگە يۈرەك سۆزلىرىنى يەتكۈزدى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن د ئۇ ق نىڭ فىرانسىيەدە چاقىرىلغان 5-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدىن كېيىن رادىيومىز ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئۇيغۇر جامائىتىگە يەتكۈزدى.
بۇ يىل 80 ياشقا كىرگەن ئەركىن ئالىپتېكىن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي دەۋاسى يولىدا ئېلىپ بارغان ئاز كەم يېرىم ئەسىرلىك كۈرەشلىرى شۇنىڭدەك بۇ جەرياندا قولغا كەلتۈرگەن تەجرىبە-ساۋاقلىرى ھەققىدە توختالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى يۈزلىنىشى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئەركىن ئالىپتېكىن ئۆز سۆزىدە يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ نىزامنامىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلىم ۋە ساپاسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈش، تارىخىي تەجرىبە ۋە ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىماقتا
يېقىندا خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى خەۋەر بېرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى ئەڭ زور ئىمكانىيەت ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن زادى قانچىلىك بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىغا قارىتا ئۆز گۇمانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەۋاتقان يەرلىك مىللەت ياشلىرى يىلدىن-يىلغا كۆپەيگەن بولۇپ، يالغۇز يوپۇرغا ناھىيەسىدىن بۇ يىل شەندۇڭ ئۆلكىسىگە ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر ياشلىرى 2000 دىن ئاشىدىكەن.
ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك مىللەتتىن بولغان ياشلار «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن خىتاي ياشلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە جەلپ قىلىنماقتىكەن.
ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بۇ يىل يازلىق تەتىلدە «لېكسىيە سۆزلەش تەشۋىقات پائالىيىتى» گە ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولماقتا
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بۇ يىللىق يازلىق تەتىل مەزگىلىدە تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلارنىڭ خىزمىتىگە ماسلىشىپ «لېكسىيە سۆزلەش تەشۋىقات پائالىيىتى» گە ئۇيۇشتۇرۇلماقتىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، يازلىق تەتىلنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئائىلىسىگە قايتقان ستۇدېنتلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى ھەرقايسى ناھىيەلەرگە چاقىرتىلىپ، 18-ئىيۇلدىن 18-ئاۋغۇستقا قەدەر بىر ئاي سىياسىي تەشۋىقات پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلىدىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر قىسىم كىشىلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىللىك تەشۋىقات پائالىيەتلىرىدىن ئۇچۇر بەردى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇنى «مېڭە يۇيۇش» ھەرىكىتى دەپ ئەيىبلىدى.
غەرب ئەللىرىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرى ئەۋلاد پەرقى ۋە قىممەت قاراشتىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى
رادىئومىزدا بۇ يىل يانۋاردىن باشلاپ ئاڭلىتىلىۋاتقان «غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلار» ناملىق كۆپ قىسىملىق ھۆججەتلىك رادىئو پروگراممىسى داۋاملاشماقتا.
مەزكۇر پروگراممىنىڭ 7-ئايلىق سانى غەرب ئەللىرىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىغا بېغىشلاندى. بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مۇھاجىرەتتىكى ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆزلىرىنىڭ كىملىك تۇيغۇسى، پىكىر ۋە تەپەككۇر ئۆزگىچىلىكلىرى ھەمدە ئالدىنقى ئەۋلاد ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىدىن پەرقلىنىدىغان بىر قىسىم قىممەت قاراشلىرى ھەققىدە توختالدى.
ميۇنخېن تېخنىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى ئىپتىخار ئېلىيار بىلەن تۈركىيە ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى فەرۇخ قەھرىمان مەزكۇر رادىيو پروگراممىسىدا پىكىر بايان قىلدى.
ئامېرىكىنىڭ «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى
يېقىندا ئامېرىكىدىكى «يېڭى ئامېرىكا تەتقىقات مەركىزى» سۈرىيەدە ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قاتناشقانلارنىڭ دۆلەت تەركىبىگە مۇناسىۋەتلىك بىر ئالاھىدە دوكلات ئېلان قىلغان.
مەزكۇر دوكلاتتا، ئاز دېگەندە 100 نەپەر خىتاي پۇقراسىنىڭ سۈرىيەدىكى «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىغا قاتناشقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
بۇ دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان. بۇ ھەقتىكى كۆپلىگەن خەۋەرلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىنىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى بۇ يولغا مېڭىشقا مەجبۇر قىلغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.