ھەپتىلىك خەۋەرلەر (25-ئىيۇلدىن 31-ئىيۇلغىچە)

0:00 / 0:00

خوتەندىكى مەكتەپ بالىلىرىنىڭ بۇ يىللىق رامىزان بىلەن يازلىق تەتىلدە دۇچ كەلگەن قىسمەتلىرى

نەق مەيداندىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خوتەندىكى مەكتەپ بالىلىرى بۇ يىللىق رامىزان بىلەن يازلىق تەتىلنى رېجىم ئىچىدە ئۆتكۈزگەن.

نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان لوپ ناھىيەلىك مائارىپ ساھەسىدىكى مەلۇم كادىرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللىق رامىزان مەزگىلىدە خوتەندىكى بارلىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىغا بىر تۇتاش تاماق بېرىلگەن. مەزكۇر كادىرنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، ئوقۇغۇچىلار ھازىر يازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەر ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى مەجبۇرىي ھالدا مەكتەپكە يىغىۋېلىنىدىكەن ۋە ئۇلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ خىل چارىلەرنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

ئەردوغان، شى ئۇچرىشىشىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان

تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇچرىشىشىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى مەلۇم.
بۇ سۆزلەرنى 30-ئىيۇل بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋالغان تۈركىيە پرېزىدېنتى ئىشخانىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ئەپەندى ئاشكارىلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۈچىنچى بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە بولدى. بۇ ھەقتە دۆلەت رەئىسىمىز تۈركىيەدە بەرگەن باياناتىنى قايتا تەكىتلىدى.»
تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييپ ئەردۇغان تۈركىيەدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە قارىشى غەزەپ-نەپرەت ئەۋجىدە چىققان مەزگىلدە بۇ نۆۋەتلىك خىتاي زىيارىتىنى باشلىغان ئىدى.

ۋىسكانسىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەسىس قىلىنغان يازلىق ئۇيغۇر تىلى كۇرسىدا ئوقۇغۇچى كۆپەيگەن

ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنياۋىلىشىشى شۇنداقلا ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەر ۋە مەلۇماتلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىدىغان ئامېرىكىلىقلارمۇ كۆپىيىشكە باشلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ ۋىسكانسىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەسىس قىلىنغان ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي تىللىرى پروگراممىسىنىڭ ئۇيغۇر تىلى كۇرسىغا تىزىملاتقان ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلار باشقا تۈركىي تىللىرىغا قارىغاندا كۆپ ساننى تەشكىل قىلغان.

مەزكۇر پروگراممىدا ئۆزىگە «ئارسلان» دېگەن ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇپ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىۋاتقان ئامېرىكىلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۆزىنىڭ ئورېگون ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەنلىكىنى، ئۇيغۇر تىلىنى داۋاملىق ئۆگىنىش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ نۆۋەتلىك كۇرسقا ھەتتا تېكساس شتاتىدىنمۇ ئوقۇغۇچىلار كېلىپ قاتناشقان.

يەكەن قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى

28-ئىيۇل يەكەن قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاشىنگتون، ميۇنخېن ۋە ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا خىتايغا قارىشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى ۋە ئۆتكەن يىلى خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ قولدا ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ روھىغا ئاتال دۇئا تىلاۋەتلەر قىلىندى.

بۇ قېتىمقى نامايىشلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئۆزى يېتەكچىلىك قىلدى.

رابىيە خانىم نامايىشچىلارنى مەزكۇر قىرغىنچىلىقتا ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا ۋە خىتاينى ئۇيغۇرلارنى زوراۋانلىققا مەجبۇرلىماسلىققا چاقىردى.
2014-يىلى 28-ئىيۇل خىتاي قوراللىق كۈچلىرى يەكەننىڭ ئېلىشقۇ يېزىسىدا نامايىشچى ئاممىنى ئوققا تۇتۇپ نۇرغۇن ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر ۋەقەدە 60 قا يېقىن ئاتالمىش تېررورچىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، يەرلىك ئۇيغۇرلار بۇ كۈنى ئۆلتۈرۈلگەنلەر سانىنىڭ خىتاي ئېيتقاندىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى.

تۈركىيەدە باشلانغان ئىمزا توپلاش ھەرىكىتىگە 30 مىڭ ئادەم ئاۋاز قوشتى

بۇ يىل 6-ئاينىڭ 22-كۈنى تۈركىيەدە باشلانغان «ئاڭلاڭ بىزنىڭ پەريادىمىزنى» ماۋزۇلۇق ئىمزا توپلاش ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشقۇچىلار سانىنىڭ 30 مىڭغا يەتكەنلىكى مەلۇم.

دۇنيا تۈركىستانلىقلار جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇللاھ ئاقيول ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى ئىمزا توپلاش پائالىيىتىگە تۈرك خەلقىنىڭ قىزىقىشى بەك يۇقىرى بولغان، ھازىرغىچە ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىمۇ ئاۋاز قوشقان.

ئابدۇللاھ ئاقيول ئەپەندى، بۇ ئىمزا يىغىش پائالىيەتنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى توختىتىش مەقسىتىدە تەشكىللىگەنلىكىنى بىلدۈردى.