ھەپتىلىك خەۋەرلەر (5-ئاۋغۇستتىن 11-ئاۋغۇستقىچە)

0:00 / 0:00

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇنىڭ بېيجىڭدىكى باياناتى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ خىتايغا قىلغان يېقىنقى زىيارىتى مەزگىلىدە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان.

چاۋۇشئوغلۇ، «بىز تۈركىيەدە خىتاينى نىشان قىلغان ياكى خىتايغا قارشى بولغان ھەرقانداق بىر ھەرىكەتكە يول قويمايمىز، ئاخباراتلاردىكى خىتايغا قارشى خەۋەرلەرنىمۇ يوقىتىمىز» دېگەن.

چاۋۇشئوغلۇنىڭ بۇ سۆزى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى. د ئۇ ق نىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، «چاۋۇشئوغلۇنىڭ بۇ سۆزى ئەڭ ئالدى بىلەن تۈرك خەلقىنىڭ ئىرادىسىدىن چەتنەپ كەتتى» دېدى.

سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ كىتابلىرى بىلەن بېيجىڭدىكى مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان ئۇيغۇرچە كىتابلار يىغىۋېلىنغان

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى «بۆلگۈنچىلىك» نى تازىلاش ھەرىكىتى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

ئالدىنقى كۈنى سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ بارلىق ئۇيغۇرچە كىتابلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىتابخانىلاردىن بىردەك يىغىۋېلىنغانلىقى دەلىللەنگەن ئىدى.

ئۈرۈمچىدىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرى بىلەن بېيجىڭدىكى مىللەتلەر نەشرىياتى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىلگىرى مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان بارلىق ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ يىغىۋېلىنغانلىقىنى ۋە سىياسىي تەكشۈرۈشكە تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

غۇلجا ناھىيىسىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» گە 1500 ئەتراپىدا سىياسىي گۇماندار سولانغان

بۇلتۇردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سىياسىي گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە قامىلىپ «يېپىق ھالەتتىكى تەلىم-تەربىيە» گە تۇتۇلغانلىقى مەلۇم بولدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي «تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتاۋاتقان بۇ جايلارنىڭ ئەمەلىيەتتە «شەكلى ئۆزگەرگەن قاماقخانا» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

غۇلجا ناھىيەسىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، غۇلجا ناھىيەسىدە تەسىس قىلىنغان 5 «مەركەز» دە 1500 ئەتراپىدا سىياسىي گۇماندارنىڭ قامالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

د ئۇ ق 6-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ئۆتكۈزۈش ۋە رابىيە خانىمنى ئالىي رەھبەرلىك ئورنىغا تەيىنلەش قارارىنى ئېلان قىلدى

د ئۇ ق 6-ئاۋغۇست كۈنى 6-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ئۆتكۈزۈش ۋە رابىيە قادىر خانىمنى قۇرۇلتاينىڭ ئالىي رەھبەرلىكىگە تەيىنلەش توغرىسىدا ئىككى قارار ئېلان قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، د ئۇ ق 8-ئاينىڭ 5-كۈنى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن تېلېفون يىغىنى چاقىرغان. يىغىنغا رابىيە خانىم باشچىلىقىدىكى قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشقان.

يىغىندا د ئۇ ق نىڭ 6-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنى بۇ يىل 11-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە چاقىرىش ھەمدە رابىيە قادىر خانىمنى قۇرۇلتاينىڭ ئالىي رەھبەرلىكىگە تەيىنلەش ئىشىنى دېموكراتىك شەكىلدە ئاۋازغا قويۇش قارار قىلىنغان.

جىڭ ناھىيىسىدىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئۇچۇرلار قامال قىلىنغان

9-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بورتالا ئوبلاستى جىڭ ناھىيىسىدە 6. 6 بال يەر تەۋرىگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

ھالبۇكى، خىتاي تاراتقۇلىرى بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە ئۆلۈم-يىتىم ھادىسىلىرىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

جىڭ ناھىيىسىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مېھمانخانا خادىملىرى بىلەن بىر قىسىم يەرلىك ئاھالىلەر ئاپەتنىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا خېلىلا ئېغىرلىقىنى بىلدۈردى.

مىسىردىن قايتقان بىر دىنىي ئۆلىمانىڭ 11 يىلدا 8 قېتىم سەۋەبسىز قاماقتا ياتقانلىقى مەلۇم

ئۇيغۇر دىيارىدا 10 يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى دىنىي زىيالىيلار قاتلىمىنىڭ ئەڭ ئېغىر زەربىگە ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم.

نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان دىنىي زىيالىي ئابدۇللا قارىھاجىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يۇرتىدىكى چېغىدا 11 يىلدا 8 قېتىم سەۋەبسىز قاماقتا ياتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، تۈرمە دائىرىلىرىگە پارا بېرىش يولى بىلەن قاماقتىن قۇتۇلغانلىقىنى، بۇ جەرياندا بىر يىلدا بەرگەن پارىلىرىنى ھېسابلىغاندا كۈنىگە 1000 سومدىن توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.