دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتنى تەبرىكلىدى
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار 2019-يىللىق قۇربان ھېيت بايرىمىنى ئوخشىمىغان شەكىللەردە كۈتۈۋالدى. ئامېرىكا، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە، قازاقىستان قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ھېيت نامىزىدا بىر يەرگە جەم بولۇپ، ۋەتەندىكى ئېزىلىۋاتقان خەلق ئۈچۈن بىرلىكتە دۇئاغا قول كۆتۈردى.
ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا بولسا بۇ يىللىق ھېيت نامىزى ئوقۇلمىغان. بۇنىڭدا كىشىلەرنىڭ مەسچىتكە بېرىشتىن قورقۇشى ھەمدە ئىماملىق قىلغۇدەك دىنىي زاتلارنىڭ قالمىغانلىقى ئاساسىي سەۋەب بولغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم چوڭ شەھەرلەردە ئۇيغۇرلارنى ناغرا-سۇناي چېلىش ۋە ساماغا تەشكىللەش قىلمىشىنى د ئۇ ق قاتارلىق بىر قىسىم تەشكىلاتلار «دۇنيانىڭ كۆزىنى بوياش ئۇرۇنۇشى» دەپ قاتتىق ئەيىبلىدى.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللىي بىناكارلىق ئۇسلۇبلىرى يوقىتىلماقتا
يېقىندا قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق بىر قىسىم جايلاردا «سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش» شوئارى ئاستىدا مىللىي پاسوندىكى بەزى ئۆيلەرنىڭ چېقىپ تاشلانغانلىقى، ئۆيلەردىكى گىلەم قاتارلىق مىللىي بۇيۇملارنىڭ ئۆي بېزەكلىرى قاتارىدىن سىقىپ چىقىرىلغانلىقى مەلۇم بولدى.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «بۇ ھال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەھەللىۋى مەدەنىيەت ئامىللىرىنى يوقىتىش، شۇ ئارقىلىق مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى قۇرۇتۇپ تاشلاش ئۇرۇنۇشىنىڭ ئىپادىسى» دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى تېخى يېقىندا مەسچىتلەرنىڭ مۇنارلىرىنى بۇزۇپ تاشلاش ۋە ئۆيلەردىكى مېھراب، ئويۇقلارنى قومۇرۇپ تاشلاش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئىدى.
مەشھۇر لاگېر سۈرىتىدىكى يەنە بىر مەھبۇسنىڭ كىملىكى ئاشكارىلاندى
لوپ ناھىيىلىك «تەربىيىلەش مەركىزى» گە ئائىت مەشھۇر لاگېر سۈرىتىدىكى يەنە بىر كىشىنىڭ لوپ ناھىيىلىك سېمونت زاۋۇتىنىڭ شوپۇرى مەتتۇرسۇن ئېزىز ئىكەنلىكىنى مەلۇم بولدى.
ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىپ، مەتتۇرسۇن ئېزىزنىڭ 2017-يىلىنىڭ بېشىدا «15 كۈنلۈك ئۆگىنىشكە بېرىش» نامىدا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنچە ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
يەرلىكتىكى كادىرلاردىن بىرى مەتتۇرسۇن ئېزىزنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان لاگېردا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەپ بېرەلمىدى.
ئابدۇراخمان مەمەت بىر پارچە سالام خەت ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان
يېقىندا تۇرپاندىكى «ئالتۇن كۆۋرۈك ساياھەت شىركىتى» نىڭ خادىمى ئابدۇراخمان مەمەتنىڭ لاگېردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى يازغان سالام خەتنى چەتئەلدىكى جىيەنىگە يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئىككى ئايچە ئىلگىرى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.
ئۇنىڭ ياپونىيەدىكى جىيەنى مۇھەررەم بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، تاغىسىدىن ئالغان بۇ خەت لاگېرلار ھەققىدىكى رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى توردا ئېلان قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇراخمان مەمەتنىڭ ئائىلىسىدىنلا ئون نەچچە كىشى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى دېھقان كىشىلەر ئىكەن.
تۇنجى ئۇيغۇر ئاقسارايدا ئىشقا چۈشتى
ئامېرىكادىكى ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىدىن ئەلنىگار ئىلتەبىر يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى كېڭىشىنىڭ خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىگە دىرېكتورلۇققا تەيىنلەندى. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر تېزدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى گېزىتلەردە بەس-بەستە خەۋەر قىلىندى.
بۇ ھەقتىكى ئاخبارات خەۋەرلىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە سودا ۋە لاگېرلار مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا جىددىي ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلۈۋاتقاندا بىر ئۇيغۇرنىڭ ئاقسارايدىكى بۇ خىل مۇھىم ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشى كۆپ قىرلىق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئەلنىگارنىڭ ئەمدىكى ۋەزىپىسى ئاق ساراينىڭ خىتاي ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك قارارلىرىغا مەسلىھەت بېرىش ھەمدە بۇ قارارلارنىڭ ھەرقايسى مىنىستىرلىقلار ئارىسىدا ئىجرا بولۇشىنى ماسلاشتۇرۇش بولىدىكەن.
زىننەتگۈل تۇرسۇننىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى دەلىللەندى
تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى بۇنىڭدىن بىرنەچچە ئاي ئىلگىرى ئىزمىر شەھىرىدىكى مۇساپىرلار مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان زىننەتگۈل تۇرسۇن ۋە ئۇنىڭ ئىككى بالىسىنى باشقا بەش ئۇيغۇر بىلەن بىللە تاجىكىستانغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى.
مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا ئۇلارنىڭ تاجىكىستاندىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. زىننەتگۈلنىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى ئانىسى ئىككى نەۋرىسىگە ئۆزىنىڭ قاراۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم قايتۇرۇلغان باشقا بەش ئۇيغۇرنىڭ بىرى ئەر، قالغىنى ئاياللار بولۇپ، ئۇلارنىڭمۇ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكى ئالغا سۈرۈلمەكتە ئىكەن.