ھەپتىلىك خەۋەرلەر (12-ئاۋغۇستتىن 18-ئاۋغۇستقىچە)

0:00 / 0:00

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ «2016-يىللىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى» دا ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلدى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 15-ئاۋغۇست كۈنى «2016-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى» نى ئېلان قىلدى.

مەزكۇر دوكلاتتا ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە دۇنيادىكى دىنىي ئېتىقادقا دائىر مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىزچىل ھالدا خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا زىيانكەشلىك قىلىپ كەلگەنلىكى» ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى رېكس تىللېرسون شۇ كۈنى سۆزلىگەن سۆزىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي زىيانكەشلىكىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا تېخىمۇ ئاشقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئاقتۇ ناھىيىسىدە 68 ساقچى پونكىتى قۇرۇلۇپ، مۇكەممەل ساقچى تورى بەرپا قىلىنغان

ئاقتۇ ناھىيىسى ئۆتكەن بىر يىلدا خىتايدىن ئىبارەت «مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى» نىڭ غەربىي چېگراسىدىكى ئەڭ تىپىك ئۆرنىكىگە ئايلانغانلىقى مەلۇم.

ئاقتۇ ناھىيىسىدىكى يەرلىك ساقچىخانىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن بىر يىلدا ئاقتۇ ناھىيە بازىرىدا 60 ئورۇندا ساقچى قاراۋۇلخانىسى، 8 ئورۇندا يول ئېغىزلىرىنى تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرۇلغان ئىكەن.

ئاقتۇ ناھىيىسى بۇ يىلنىڭ ئىچىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن مىڭغا يېقىن خىتاي ساقچى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ھازىر ناھىيە بازىرىدا 2000 دىن ئارتۇق ساقچى كېچە-كۈندۈز نۆۋەتچىلىك قىلماقتىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ميۇنخېندا مۇھىم يىغىن چاقىرغان

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم يېقىندا گېرمانىيەگە يېتىپ بېرىپ، قۇرۇلتاينىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقان.

13-ئاۋغۇست كۈنى رابىيە خانىم د ئۇ ق نىڭ ميۇنخېندىكى ئىشخانىسىدا قۇرۇلتاينىڭ ئاساسلىق ھەيئەتلىرى بىلەن باش قوشۇپ، بۇ يىل 11-ئايدا گېرمانىيەدە چاقىرىلىدىغان 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاينىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.

رابىيە خانىم شۇ كۈنى ميۇنخېندا قۇرۇلتاينىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىچىدىكى كرىزىسقا خاتىمە بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىغان.

خوتەندىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارغا ئايرىم ئۆتۈش ئىشىكى ياسالغان

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ خوتەن ۋىلايىتىدە كەڭ كۆلەملىك بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش تورى بەرپا قىلغان ۋە ۋىلايەت تەۋەسىدىكى بارلىق ئاھالىلەر نۇقتىلىرىدا كىرىش-چىقىشنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويغان.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، خوتەندىكى بارلىق يول ئېغىزلىرىدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئايرىم-ئايرىم ئۆتىدىغان ئىككى ئىشىك تەسىس قىلىنغان بولۇپ، خىتايلار بۇ يەردىن تەكشۈرۈشسىز ئۆتىدىكەن.

خوتەندىكى يەرلىك ساقچىخانىلار بۇ ئەھۋالنىڭ راستلىقىنى دەلىللەپ، ئۇنىڭ مۇقىملىققا مۇناسىۋەتلىك تەدبىر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۈچ ئاي ئىلگىرى غايىب بولغان سابىق مەھبۇسلارنىڭ غۇلجا ناھىيىسىدىكى «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» گە قامالغانلىقى مەلۇم بولدى

بۇنىڭدىن ئۈچ ئاي ئىلگىرى ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ تۇرپانيۈزى يېزا ئارامەھەللە كەنتىدىكى 10 نەچچە سابىق مەھبۇسنىڭ ئۇشتۇمتۇت غايىب بولغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

ئەينى ۋاقىتتا تۇرپانيۈزىدىكى يەرلىك ساقچىخانىلار بىلەن كەنت كادىرلىرى بۇ ئەھۋالنى رەت قىلىپ، ئۇنى ئاخباراتتىن يوشۇرغان ئىدى.

بۇ قېتىم رادىيومىزنىڭ غۇلجا ناھىيىلىك «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» دىن ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا غايىب بولغان مەھبۇسلارنىڭ بۇ يەرگە قامالغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ بۆشۈكلىرىدىن بىرى بولغان يەكەن دارىلمۇئەللىمىن رەسمىي تاقىۋېتىلگەن

يەكەن دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى 1944-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ 70 يىلدىن ئارتۇق مۇساپىسىدە 30 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەپ، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇر مائارىپىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان.

ئىگىلىشىمىزچە، كېيىنكى مەزگىللەردە يەكەن ناھىيىلىك پېداگوگىكا ئوتتۇرا تېخنىكومى دەپ ئاتالغان بۇ مەكتەپ، بۇ يىل خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەسمىي تاقىۋېتىلگەن.

يەكەن ناھىيىسىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ھۆكۈمەت ئورگانلىرى يەكەن دارىلمۇئەللىمىننىڭ تاقىۋېتىلىپ، ناھىيىلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.