ھەپتىلىك خەۋەرلەر (20-ئاۋغۇستتىن 26-ئاۋغۇستقىچە)

0:00 / 0:00

رابىيە قادىر خانىم «ھاففىڭتون پوچتا گېزىتى» دە خىتاي خەلقىگە قارىتا چاقىرىقنامە ئېلان قىلدى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم خىتاي خەلقىگە قارىتا چاقىرىقنامە ئېلان قىلىپ، خىتاي خەلقىنى شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىدە ھەقىقەتنى ياقلاشقا ۋە زۇلۇمغا يانتاياق بولماسلىققا چاقىردى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ مەزكۇر چاقىرىقنامىسى ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە چىقىدىغان خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن «ھاففىڭتون پوچتا گېزىتى» دە 20-ئاۋغۇست ئېلان قىلىندى.

چاقىرىقنامىدە، بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرىنىڭ «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ھۆكۈمەت بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا قارشى ئاشكارا زوراۋانلىق يۈرگۈزگەنلىكى، يەنە بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقاتىغا ئەگىشىپ كېتىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ھەر ئىككى مىللەت كەلگۈسى ئەۋلادلىرىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن تەھدىت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

گۇمىدىكى زەھەرلىنىش ۋەقەسى تېخىچە سىر پېتى تۇرماقتا

خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 13 ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتتى، ھالبۇكى يەرلىك دائىرىلەر ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىمىدى.

خىتاي دائىرىلىرى زەھەرلىنىشنىڭ ئاپتوموبىللارغا ئىشلىتىلىدىغان توڭلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سۇيۇقلۇقى قاچىلانغان باكلاردا توشۇلغان ئاچچىقسۇنى ئىستېمال قىلغانلىقتىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئەمما ئاچچىقسۇنى قايسى شىركەتنىڭ ساتقانلىقى، ئۇيغۇر لەڭپۇڭچىنىڭ ئاچچىقسۇنى قەيەردىن ئالغانلىقى ۋە قالغان ئاچچىقسۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقىغا دائىر تەپسىلاتلار ھازىرغىچە مەخپىي تۇتۇلماقتا.

«ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسى» ھارپىسىدا ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىشى شەھەر ئاھالىسىنى بىئارام قىلدى

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 1-سېنتەبىردىن 5-سېنتەبىرگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسى» ھارپىسىدا ئۈرۈمچىدە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان، بۇ خىل تەدبىرلەر يەرلىك ئاممىنى بىئارام قىلغان.

ئۈرۈمچى شەھىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا قوراللىق ساقچىلار ۋە ئۇيغۇرلار توپلاشقان جايلاردا پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار كۆپەيتىلگەن، بۇ شەھەر پۇقرالىرىدا ۋەھىمە پەيدا قىلغان.

بۇ خانىم يەنە، 25-ئاۋغۇستتىن باشلاپ مەسچىتلەردىكى كوللېكتىپ ئىپتار پائالىيىتىگە چەكلىمە قويۇلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ نارازىلىق قوزغىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گوللاند تىلى گرامماتىكىسى نەشردىن چىقىش ئالدىدا

گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قىزى رىزۋانگۈل مەخسۇم يېقىندا يەنە «گوللاند تىلى گرامماتىكىسى» ناملىق ئىككىنچى كىتابىنى نەشرگە سۇنغان.

ئۇ، گوللاندىيىگە 2008-يىلى 10-ئايدا كەلگەن بولۇپ، شۇ يىلدىن باشلاپ گوللاند تىلىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ھازىر ئالىي تېخنىكوم دەرىجىلىك بىر مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن.

رىزۋانگۈل مەخسۇم 2011-يىلى 1-ئايدا «گوللاندچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت» نى تۈزۈپ، نەشر قىلدۇرغان ئىدى. ئۇ يېقىندا نەشرگە سۇنغان «گوللاند تىلى گرامماتىكىسى» گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىغا تۆھپە قوشقۇسى.

ئۇيغۇر بوكسچى مەمەتتۇرسۇن 69 كىلوگراملىقلار بويىچە ئاسىيا چېمپىيونى بولدى

بۇ يىل 8-ئايدا قەشقەرلىك ئۇيغۇر بوكسچى مەمەت تۇرسۇن چوڭ كورىيىدە، قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇر ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ماھىرى سابىرجان گرېتسىيىدە چېمپىيون بولدى.

ئۇيغۇر بوكسچى مەمەت تۇرسۇن چوڭ 8-ئاينىڭ 23-كۈنى كورىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق مۇسابىقىدە 69 كىلوگراملىقلار بويىچە ئاسىيا چېمپىيونى بولغان.

مەمەت تۇرسۇن چوڭ دەسلەپتە، كورىيىلىك، فىلىپپىنلىق ۋە موڭغۇلىيىلىك رەقىبلىرىنى يەڭگەندىن كېيىن، ئاخىرىدا قازاقىستانلىق رەقىبى بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشكەن. ئۇ بۇ مۇسابىقىدە، 19 گە قارشى 24 نومۇر بىلەن رەقىبىنى يېڭىپ چېمپىيون بولغان.

ئۇنىڭدىن باشقا گرېتسىيە پايتەختى ئافىنادا ئۆتكۈزۈلگەن تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستاندىن بارغان ئۇيغۇر ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ماھىرى سابىرجان ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ، قىرغىزىستانغا ۋە ئۇيغۇرلارغا شان-شەرەپ كەلتۈرگەن. ئۇيغۇرلار بۇ چېمپىيون ئوغلانلاردىن پەخىرلىنىش تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەشمەكتە.

2003-يىلدىكى قىرغىزىستان ئاپتوبۇس ۋەقەسىدە ئېرى ۋە بالىلىرىدىن ئايرىلغان 11 ئايال ناھەقچىلىك ئۈستىدىن ئەرز قىلماقتا

2003-يىلى قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس بۇلاش ۋەقەسىدە ئېرى ۋە بالىلىرىدىن ئايرىلغان 11 ئۇيغۇر ئايال 8 يىلدىن بېرى ئەرز قىلماقتا.

2003-يىلى 26-مارت قەشقەر ۋە ئاتۇشلۇق ئۇيغۇر سودىگەرلەرنى ئاساس قىلغان بىر ئاپتوبۇس، قىرغىزىستاندىن قەشقەرگە قايتىش سەپىرىدە بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ئىدى.

بۇ ئاپتوبۇستا كۆيۈپ ئۆلگەنلەر ئارىسىدا ئۇيغۇرلاردىن باشقا 4 خىتايمۇ بار بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى بۇ خىتايلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تۆلەم پۇلى بەرگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارغا ھېچنېمە بەرمىگەن.

ۋەقەسىدىن كېيىن، ھېچقانداق تۆلەمگە ئېرىشەلمىگەن تۇرسۇنگۈل قاتارلىق 11 نەپەر ئۇيغۇر ئايال ئۆتكەن 8 يىلدىن بېرى بۇ ھەقتە ئەرز قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەرزىنى ئاڭلايدىغان ئادەم تاپالمىغان. بۇلار ھازىر بېيجىڭدا بولۇپ، يەرلىك دائىرىلەر بۇلارنى قايتۇرۇپ كېتىشكە ئادەم ئەۋەتكەن.

بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلار «لوس ئانجىلىس ۋاقتى» گېزىتىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زوراۋانلىقلىرىنى پاش قىلدى

بېيجىڭدىكى تونۇلغان ئەرزدارلاردىن تۇرسۇن غوپۇر، ئايگۈل توختى ۋە نۇردۇن تۇنىياز قاتارلىقلار، 21-ئاۋغۇست بېيجىڭدا، «لوس ئانجىلىس ۋاقتى» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ھەقسىزلىرى ۋە نۆۋەتتە رامزان مەزگىلىدە يولغا قويۇۋاتقان چەكلىمىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەرزدار ئايگۈل توختى ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ دۆلەت يارىتىپ بەرگەن ئەۋزەللىكلەردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىكىدىكى قورۇ-جاي ۋە تېرىلغۇ يەرلىرىنى تارتىۋېلىۋاتقانلىقىنى، ئەرزدار نۇردۇن تۇنىياز خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالىدىغان ھېچبىر بىر ئورگاننىڭ يوقلۇقىنى، ئەرزدار تۇرسۇن غوپۇر بولسا، خىتاينىڭ رامزان مەزگىلىدىكى چەكلىمىلىرىنى نۇقتىلىق ھالدا پاش قىلغان.