ھەپتىلىك خەۋەرلەر (22-ئاۋغۇستتىن 28-ئاۋغۇستقىچە)
2015.08.28
خوتەن توساللادا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئۇيغۇر ياشنىڭ تۇتۇلۇپ قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
ئىگىلىنىشىچە، خوتەن شەھىرىنىڭ توساللا يېزىسىدا 25 ياشلىق ئەخمەت توختى خۇدابەردىنىڭ سوراق ئۈستىدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قورالىنى تارتىپ ئېلىپ، ئىلگىرى-كېيىن 7 نەپەر ساقچىنى ئېتىپ تاشلىغانلىقى مەلۇم.
توساللا يېزىلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ 20-ئاۋغۇست چىقارغان تۇتۇش بۇيرۇقىدا، قاچقۇن «جىنايەتچى» ئەخمەت توختى خۇدابەردىنى تۇتۇپ بەرگەنلەرگە 300 مىڭ سوم، ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە 100 مىڭ سوم مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى بىرقانچە كۈندىن بۇيان خوتەن شەھىرىنىڭ توساللا يېزىسىدا بارلىق يوللار قامال قىلىنىپ، ئومۇمىي يۈزلۈك ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىلغان.
رادىئومىزنىڭ يەرلىك ئاممىدىن ئىگىلىشىچە، ئەخمەت خۇدابەردى 25-ئاۋغۇست كۈنى تىنتىغۇچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ قالغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى بايان قىلىنغان كىتاب ئۇيغۇر ۋە تۈرك تىللىرىدا نەشر قىلىندى
يېقىندا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى بايان قىلىنغان «ئۆلۈمدىن قايتقان مەھبۇس» ناملىق كىتاب ئۇيغۇر ۋە تۈرك تىللىرىدا نەشر قىلىنغان.
مەزكۇر كىتاب يازغۇچى ئابدۇلھېكىم باقى ئىلتەبىرنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇنىڭ تۈركچە تەرجىمىسىنى تۈركىيە ئېگەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئىشلىگەن.
«ئۆلۈمدىن قايتقان مەھبۇس» ناملىق كىتاب 27-ئاۋغۇست كۈنى ئىستانبۇلدىكى «تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى» تەرىپىدىن بىرلا ۋاقىتتا ئىككى خىل تىلدا يورۇق كۆرگەن. مەزكۇر كىتاب «رابىيە خانىمنىڭ بالىلىق چاغلىرى»، «ئاتا-ئانا ۋە ئەۋلاد سۆيگۈسى»، «ھايات ئۈچۈن كۈرەش» ھەمدە «زىنداندىكى 2045 كۈن» قاتارلىق 4 بۆلۈمدىن تەركىب تاپقان.
ئىككى تىلدا بىرلا ۋاقىتتا نەشر قىلىنغان بۇ كىتاب رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى ھەققىدە مۇھاجىرەتتە يورۇق كۆرگەن يەنە بىر يېڭى ئەسەر ئىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىدە پاسپورت ئىلتىماسىنى ئاسانلاشتۇرۇش داۋرىڭىنىڭ كەينىدە يەنىلا چەكلىمە بارلىقى مەلۇم بولماقتا
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ئاخبارات ساھەسىگە بايانات بېرىپ، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ بىر پارچە ئىلتىماس جەدۋىلىنى تولدۇرسىلا پاسپورت ئالالايدىغانلىرىنى بىلدۈرگەن.
دائىرىلەر، خوتەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى چېگرادىن كىرىپ چىقىشنى باشقۇرۇش ئەترىتىنىڭ پاسپورت بېجىرىشنى تېزلەشتۈرۈش ۋە ئاددىيلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېڭىدىن 32 خادىم قوبۇل قىلغانلىقى ۋە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى داۋراڭ سالغان.
ھالبۇكى، رادىئومىزنىڭ خوتەندىكى يەرلىك ئاھالىلەردىن ئىگىلىشىچە، ئاتالمىش پاسپورت ئېلىشنى ئاسانلاشتۇرۇش داۋرىڭىنىڭ كەينىدە ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن يەنىلا چەكلىمىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ئاھالىلەردىن 71 ياشلىق بىر بوۋاي: «ساقچىخانا مېنىڭ پاسپورت ئىلتىماسىمنى يېشىڭ چوڭكەن دەپ رەت قىلدى، ئەمما ھاشارغا ھەيدەيدىغان چاغدا يېشىمنى سوراپمۇ قويمىدى،» دەپ شىكايەت قىلدى.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە «سىياسىي سېنزور» نىڭ ھەسسىلەپ كۈچەيگەنلىكى ئاشكارا بولماقتا
غەربتە ئەركىن ۋە ھۆر پىكىرلەرنىڭ بۆشۈكى دەپ قارالغان ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ سەزگۈر سىياسىي مۇنبەرگە ئايلانغانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، 1980-يىللاردا ئالىي مەكتەپلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سىياسىي ئاتموسفېراسىنى ئۆلچەيدىغان «تېرمومېتىر» دەپ قارالغان. ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «ئىلمىي نەتىجە» نى ئەمەس، بەلكى «سىياسىي ئۆلچەم» نى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
يېقىندا مۇھاجىرەت ھاياتىنى باشلىغان بىر نەپەر ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئۆز بايانلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سىرتقا بىلىنمىگەن يەنە بىر يۈزىدىكى يوپۇقنى قايرىدى.
ئۇ ئۆز بايانلىرىدا مەكتەپ مەمۇرىيىتىدىن تارتىپ تاكى ھەرقايسى فاكۇلتېت ۋە دەرسخانىلارغا قەدەر سىياسىي «سېنزور» لارنىڭ قاتتىق كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكىنى ئاشكارا قىلدى.
سابىق ژۇرنالىست مەھبۇبە ئابلەشنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا
2008-يىلى 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان سابىق ژۇرنالىست مەھبۇبە ئابلەشنىڭ بىر نەچچە يىل ئاۋۋال قويۇپ بېرىلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
بىر نەپەر رادىئو ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەھبۇبە ئابلەش 3 يىل تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن 2011-يىلى قويۇپ بېرىلگەنلىكى مەلۇم. ئۇنىڭ ھازىر ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر ئىدارىدە ئىشلەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
رادىئومىز بۇ خەۋەرنى دەلىللەش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە تېلېفون قىلدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان مەھبۇبە ئابلەش ئۆزىنىڭ مەھبۇبە ئابلەش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشىنى رەت قىلدى.
مەھبۇبە ئابلەش ئەسلىدە شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى بولۇپ، ئۇ 2008-يىلى خىتاينىڭ ئاتالمىش «قوش تىل» سىياسىتىنى تەنقىد قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان.
ئامېرىكىدىكى «دىئالوگ» فوندى جەمئىيىتى ئەينى چاغدا مەھبۇبە ئابلەشنىڭ «بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئۇيغۇر ئېلىدە 45 كىشى «جىھاد ئۈچۈن چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتكەن» دېگەن جىنايەت بىلەن سوتلانغان
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن، قەشقەر، قاراماي، غۇلجا قاتارلىق شەھەرلىرىدە 45 كىشىنىڭ سوتلانغانلىقى مەلۇم.
دائىرىلەر ئۇلارنىڭ چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈپ، «جىھاد» قىلىش ئۈچۈن ماڭغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ خىتاي قانۇنى بويىچە سوتلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئادەم قاچاقچىلىقى بىلەن ئەيىبلەنگەن 18 كىشىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكى، چېگرادىن «قانۇنسىز» قاچقانلارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇلاردىن 8 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قەشقەردە، 3 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خوتەندە سوتلانغانلىقى مەلۇم.
خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەلگە قاچقان ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا باغلىسىمۇ، لېكىن خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، دىنىي ۋە مىللىي زۇلۇم تۈپەيلى چەتئەلگە قېچىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.