ھەپتىلىك خەۋەرلەر (23-ئاۋغۇستتىن 29-ئاۋغۇستقىچە)

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014.08.29
erkin-asiya-radiosi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

رابىيە قادىر خانىم خىتاي قىسىملىرىنىڭ يەكەندە قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

چارشەنبە كۈنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ «28-ئىيۇل يەكەن ئىسيانى» دا قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

«شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەنسىزلىك: خىتاي دېمىگەن ھەقىقەتلەر» ناملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 27-ئاۋغۇست ئامېرىكا پايتەختىگە جايلاشقان دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا ئۆتكۈزۈلدى.

رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە، «يەكەن ئېلىشقۇ ۋەقەسى» دە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار سانىنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە 2000 دىن ئاشىدىغانلىقى، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا ئائىت دەلىل-ئىسپاتلارنى قاتتىق يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، رابىيە قادىر خانىم تۈركىيە ۋە ئامېرىكا مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

رابىيە قادىر خانىم رادىئومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭمۇ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان جىددىي ۋەقەلەرگە ئوخشاشلا مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە جىددىي قاراشقا چاقىردى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق ئۈچ نەپەر ۋىجدان مەھبۇسىغا ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە، 21-ئاۋغۇست ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىقلار سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاخىرقى ھۆكۈمنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغان.

ھۆكۈمنامىدە، «ئانا تىل خەلقئارا چەكلىك شىركىتى» نىڭ دىرېكتورى مۇھەممەتسىدىققا 2 يىل 3 ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ۋە قوشۇمچە 130 مىڭ سوم جەرىمانە، شىركەتنىڭ مۇدىرىيەت ئەزالىرىدىن دىليار ئوبۇلغا 2 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ۋە 100 مىڭ سوم جەرىمانە، ئابدۇۋەلى ئايۇپقا 1 يىل 6 ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ۋە 80 مىڭ سوم جەرىمانە قويۇلغان.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق «ئانا تىل خەلقئارا چەكلىك شىركىتى» نىڭ تۇتقۇندىكى ئۈچ نەپەر قۇرغۇچىسى بۇ يىل 11-ئىيۇل ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسىدە سوتلانغان. ھالبۇكى، ئۇلارغا بېرىلگەن جازا ھۆكۈمى سوت مەيدانىدا ئېلان قىلىنمىغان. ئەينى ۋاقىتتا ئۈچەيلەننىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا سوت ھۆكۈمىنى ساقلاش ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.

يۇقىرىقى ئۈچەيلەن 2013-يىلى 20-ئاۋغۇستتا تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.

سوتتىن ئىلگىرىكى يىغىنغا ئىلھام توختىنىڭمۇ قاتناشتۇرۇلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى ليۇ يۈەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، 7-سېنتەبىر ئېچىلىدىغان سوتتىن ئاۋۋالقى يىغىنغا ئىلھام توختىمۇ قاتناشتۇرۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئادەتتە سوتتىن ئاۋۋال ئېچىلىدىغان يىغىنلارغا ئەيىبلەنگۈچىلەرمۇ قاتناشتۇرۇلىدۇ. بۇنداق يىغىنلارنىڭ كۆپىنچىسى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا بولىدۇ. مېنىڭچە بۇ يىغىنغا ئىلھام ئەپەندىمۇ قاتنىشىشى مۇمكىن.

ئۇنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە يەنە، ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ئىلھام توختىنىڭ ئەيىبنامىسىگە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئادۋوكاتلارنىڭ كۆرۈشىگە ماقۇل بولغان.

ئىلھام توختى، بۇ يىل 15-يانۋار بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. دائىرىلەر ئۇنى«دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا مىللەتلەر-ئارا تويلىشىشنى تەشەببۇس قىلماقتا

چەرچەن ناھىيىسى «مىللىي ۋە خەنزۇلارنى ئۆز-ئارا تويلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش چارىسى» ناملىق بىر بەلگىلىمە تۈزۈپ چىقىپ، سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇشقا باشلىغان. ئۇيغۇر ئېلىدا مىللىي ئۆچمەنلىك كۈچىيىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن بۇ «چارە» كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

مەزكۇر «چارە» دە مىللەتلەر ئارا تويلاشقان ئائىلە ۋە پەرزەنتلەرنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئولتۇراق ئۆي، خىزمەت تېپىش ۋە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەھەتلەردە مەنپەئەتلەرگە ئېرىشىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

بۇ ھەقتە توختالغان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر دوكتور ئالىمجان بوغدا، ئۇيغۇرلارنىڭ يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ دىنىي ۋە مىللىي زۇلۇمىغا ئۇچراپ كەلگەنلىكى، كۆپىنچە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابلىرىغا دىنىي باستۇرۇشلار سەۋەب بولغانلىقىنى، بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي غۇرۇرىغا تېگىدىغان مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ خىتاينىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىغىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاقسۇ ئايكۆلدە 4 ئاي ئاۋۋال تۈرمىدە ئۆلگەن سىياسىي مەھبۇسنىڭ كىملىكى ئاشكارىلاندى

ئاقسۇ ئايكۆلدە 4 ئاي ئاۋۋال تۈرمىدە ئۆلگەن سىياسىي مەھبۇسنىڭ كىملىكى ئاشكارىلاندى. بىز بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى بۇ يىل 4-ئاينىڭ بېشىدا تاپشۇرۇپ ئالغان. شۇ چاغدا ساقچى خادىملىرى بىر سىياسىي مەھبۇسنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكىنى يوشۇرۇپ قالالمىغان بولسىمۇ، ئۆلگۈچىنىڭ كىملىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان ئىدى.

بۇ ھەپتە ئىگىلىشىمىزچە، مەرھۇم سىياسىي مەھبۇسنىڭ ئىسمى يۈسۈپ ئاۋۇت بولۇپ، ئايكۆلنىڭ 16-كەنت 3-گۇرۇپپا ئەزاسى ئىكەن. كەنت مەسئۇلى بۇ يىل ئەمدىلا 40 ياشقا كىرگەن يۈسۈپ ئاۋۇتنىڭ تۈرمىدە كېسەل سەۋەبى بىلەن جان ئۈزگەنلىكىنى بايان قىلىندى.

مەرھۇم بۇلتۇر روزا ھېيت ھارپىسى ئايكۆلدە يۈز بەرگەن ئامما بىلەن قوراللىق قىسىم ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا، ئامما تەرەپتە تۇرۇپ نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان ئىكەن.

دالاي لاما خىتاينى، ئۇيغۇرلارنى شىددەت يولىغا مەجبۇر قىلماسلىققا چاقىردى

تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالغان ۋە خىتاينى، ئۇيغۇرلارنى شىددەت يولىغا مەجبۇر قىلماسلىققا چاقىرغان.

ئۇ، بۇ سۆزلەرنى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان.

مەزكۇر يىغىن تىبەتلەرنى قوللاش تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى، گېرمانىيە تىبەت تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 35 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان.

يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق ئىجرائىيە ھەيئىتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ۋە ئەپەندىلەر قاتناشقان ھەم دالاي لاماغا ئۇيغۇر دوپپىسى كىيدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.