ھەپتىلىك خەۋەرلەر (24-ئاۋغۇستتىن 30-ئاۋغۇستقىچە)

0:00 / 0:00

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى دۇنيا بانكىسىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىلگەن قەرزنى سۈرۈشتە قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن ماركو رۇبىيو بىلەن كرىستوفېر سىمىس دۇنيا بانكىسىنىڭ پرېزىدېنتى داۋىد مالپاسقا مەكتۇپ يوللاپ، مەزكۇر بانكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «تېخنىكىلىق تەربىيەلەش قۇرۇلۇشى» غا 50 مىليون دوللار قەرز بېرىش مەسىلىسىنى سۈرۈشتۈردى.

ئۇلار مەكتۇپىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە «كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش» نامى ئاستىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى يولغا قويۇۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ مەسىلىنىڭ قاتتىق دىققەت قوزغايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يۇقىرىدىكى ئىككى دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى دۇنيا بانكىسىنىڭ پرېزىدېنتىدىن ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىگە بېرىلگەن بۇ قەرز پۇلىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقى، بۇ قەرزنىڭ قەيەردە، قانداق ئورۇندا ئىشلىتىلگەنلىكى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان-بارمىغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلغان ۋە ئۆزلىرىگە بۇ ھەقتە رەسمىي يازما جاۋاب قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

دۇنيا بانكىسىنىڭ مەزكۇر قەرز مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، تۈرلۈك ئىنكاسلار پەيدا بولدى ۋە دۇنيا بانكىسى ئۆزلىرىنى ئاقلىدى.

ئوقۇتقۇچى ئارسلاننىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكى «تىك-توك» بېتىدە ئاشكارىلاندى ۋە دائىرىلەر تەرىپىدىن دەلىللەندى

مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنى خىتايچە «دوئۇيىن» (تىك-توك) تور بېتىدىكى بىر ۋىدىيولۇق ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلاردىن غۇلجا شەھەر دۆڭمەھەللەلىك ياش ئوقۇتقۇچى ئارسلاننىڭ ئىككى كۈن ئاۋۋال ۋاپات بولغانلىقى ۋە لاگېردا جان ئۈزگەنلىك ئېھتىماللىقى ئاشكارىلانغان.

مۇخبىرىمىزنىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، ئارسلاننىڭ غۇلجا شەھەر 5‏-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئىكەنلىكى ۋە ئۆلۈمىدىن بۇرۇن لاگېردا ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى.

«دوئۇيىن» تورىدىكى سۈرەت ۋە كۆرۈنۈشتىن ئارسلاننىڭ 30 ياشلار چامىسىدا ئىكەنلىكى ۋە بىر پەرزەنتنىڭ ئاتىسى ئىكەنلىكى مەلۇم.

قازاقىستانلىق بوكسچى ھېزىم ئىزباقى ئامېرىكادىكى مۇسابىقىدە چېمپىيون بولدى

قازاقىستانلىق ئۇيغۇر بوكس ماھىرى ھېزىم ئىزباقى 24‏-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئوكلاخوما شتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكس مۇسابىقىسىدە رەقىبى ئارمونت سامېرسنى يېڭىپ چېمپىيون بولغان.

بۇ، 24 ياشلىق ھېزىم ئىزباقىنىڭ ئۆتكەن يىلى دۇنيا كەسپىي بوكس سەھنىسىگە قەدەم قويغاندىن بېرى 2‏-قېتىم رەقىبىنى يېڭىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ھېزىم ئىزباقى 1995‏-يىلى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ 10-11 ياشلىرىدىن باشلاپ بوكس مەشىقىنى باشلىغان. ئۇ نۆۋەتتە قازاقىستاندىكى ئىستىقبالى پارلاق تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بىرى، دەپ قارالماقتىكەن.

ئۇيغۇر بوكس ماھىرى ھېزىم باقى، ئامېرىكادا ئۆز خەلقىنى تونۇتقانلىقىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار سان جەھەتتىن ئاز بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئارىسىدىن تەنھەرىكەتنىڭ ھەر قايسى تۈرلىرىدە بىر قىسىم دۇنيا، ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا چېمپىيونلىرى يېتىشىپ چىققان.

خىتاينىڭ ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن كۆرۈشمەسلىككە چاقىرىشى تەنقىدكە ئۇچرىدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ئەلچىلىكى ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر ھەم شۇنداقلا خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىكلىرىگە مەكتۇپ يوللاپ، ئۇلاردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئالاقە قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغان.

مەكتۇپتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ «زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە چېتىلغان جىنايەتچى ۋە تېررورچى» لىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندىگە قىلىنغان يۇقىرىدىكى ئەيىبلەشلەرنى قاتتىق رەت قىلدى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ كانادا شۆبىسى باشلىقى فەرىدە دىف خانىم بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ جەنۋەدىكى ۋەكىللىرىنى خىتاينىڭ چەكلىمە ۋە تەھدىتلىرىگە بويۇن ئەگمەسلىككە چاقىردى.

نۇرمەمەت ھاجىم: «خىتاي ئوغۇللىرىمنىڭ پۇلىنى كۆزلىگەن بولسا ئالسۇن، ئەمما جېنىغا قەست قىلمىسۇن!»

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان، يېشى سەكسەنگە يېقىنلاشقان نۇرمەمەت ھاجىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە تىجارەت قىلىدىغان ئىككى ئوغلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغاندىن بېرى ھېچقانداق ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغان.

بۇ زاتنىڭ ئۈرۈمچىدە 20 نەچچە يىلدىن بۇيان يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان چوڭ ئوغلى 52 ياشلىق ئابدۇقېيۇم نۇرمەمەت ھاجى 2017يىلى-7 ئايدا، ئىككىنچى ئوغلى 48 ياشلىق ئابدۇلمىجىت ھاجى 2017-يىلى 4-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇلارنىڭ 67 مىليون يۈەن بانكا ھېساباتىنىڭ توڭلىتىلغانلىقى مەلۇم.

نۇرمەمەت ھاجىم تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئوغۇللىرىنى قۇتۇلدۇرۇش توغرىلىق كۆپ قېتىم ئىلتىماس سۇنغان ئەمما ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ياردەمگە ئېرىشەلمىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە لاگېر تۈزۈمىنى يولغا قويغاندىن بۇيان ئاساسلىق تۇتقۇن نىشانلىرىنىڭ بىرىنىڭ ئۇيغۇر پۇلدارلار بولغانلىقى مەلۇم.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى قادىر مەمەتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

يېقىندا ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن ساداقەتمەنلىكتە، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارغا قارىتا قاتتىق قوللۇقتا داڭ چىقارغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى قادىر مەمەتنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ساقچى خادىملىرىغا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا قادىر مەمەتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى.

تېلېفون ئارقىلىق سورالغان سوئالغا جاۋاب بەرگەن ساقچى خادىملىرى قادىر مەمەتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللەش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ دېلوسىنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» گە ياتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھازىرچە قادىر مەمەتنىڭ تۇتۇلغانلىقىغا بىر ئايدىن ئاشقانلىقى مەلۇم، ئەمما ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا نېمە سەۋەب كۆرسىتىلگەنلىكى نامەلۇم.

قادىر مەمەتنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئوخشاش يەنە بىر تىپىك ۋەقە دەپ قارالماقتا.