دوكتور رىشات ئابباس ئاياللارنىڭ كۆكرەك راكىنى داۋالاشتىكى يېڭى دورا تەتقىقاتىدا زور تۆھپە ياراتتى
يېقىندىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەن-تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئىلىم ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرى ئۇيغۇر خەلقىگە ئىپتىخارلىق، ئۈمىد ۋە ئىشەنچ ھېس قىلدۇرماقتا.
ئامېرىكا دۆلەتلىك يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەتقىقات ئۇچۇرىغا قارىغاندا، دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى 2004-يىلىدىن بۇيان «نېراتىنىب»، يەنى ئاياللارنىڭ كۆكرەك راكىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر يېڭى دورا تەتقىقاتىدا زور تۆھپە ياراتقان.
دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ھەر ساھەلەردە ئىزدىنىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسەتسىلا چوقۇم نەتىجە قازىنالايدىغانلىقىغا مۇتلەق ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خوتەندە تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەسىنىڭ مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى
ئاڭلارمەنلەردىن كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى 3 ۋىلايەت بىر ئوبلاستىدا يەرلىك خەلققە قارىتىلغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يەنىمۇ چىڭىتماقتىكەن.
رادىئويىمىزنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا، دائىرىلەرنىڭ ئاياللارغا قارىتا تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەسىنى مەجبۇرىي ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى دەلىللەندى.
بۇ ئەھۋال مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ، بولۇپمۇ سەھىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۈچلۈك ئەندىشىسىنى قوزغىدى. تۈركىيەدە ئولتۇرۇشلۇق تۇغۇت دوختۇرى گۈلگىنە خانىم بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ: «تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەسى ئاياللارنى مەجرۇھقا ئايلاندۇرىدۇ،» دېدى.
بۇ يىل ئۇيغۇر دىيارىدىن ھەجگە بارغانلارنىڭ تېخىمۇ قاتتىق نازارەتكە ئېلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى
مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ يىللىق ھەج تاۋابىتى 30-ئاۋغۇست باشلانغان بولۇپ، 5-سېنتەبىر كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن. ھەج تاۋابىتى ئۈچۈن بۇ يىل سەئۇدى ئەرەبىستانغا يىغىلغان ھاجىلارنىڭ سانى 1 مىليون 750 مىڭغا يېتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ئىگىلىنىشىچە، باشقا ھەج تاۋاپ قىلغۇچىلار ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مەككە مۇكەررەمدە ئۇيغۇر دىيارىدىن ھەجگە كەلگەنلەرنىڭ ئالدىنقى يىللارغا قارىغاندا تېخىمۇ قاتتىق نازارەتكە ئېلىنغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تىجارەتچى ئەخمەت مۆمىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەجگە كەلگەنلەرنىڭ ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر بىلەن ئۇچرىشىشى چەكلەنگەن ئىكەن.
ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ يىللىق قۇربان ھېيت نامىزى خىتاي دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىش مۇراسىمىدىن كېيىن ئوقۇلىدىكەن
بۇ يىللىق قۇربان ھېيت يېتىپ كېلىش ئالدىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەسچىتلەرگە قاراتقان نازارىتىنىڭ ھەسسىلەپ كۈچەيگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
28-ئاۋغۇست كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۇڭگانلارنىڭ ئەڭ چوڭ مەسچىتى بولغان شەنشى جامەسى قۇربان ھېيتلىق ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇ يىللىق قۇربان ھېيت نامىزى باشلىنىشتىن بۇرۇن مەسچىتتە بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رادىئويىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا، خوتەندىكى بىر قىسىم مەسچىتلەرنىڭمۇ بۇ ھەقتە ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالغانلىقى مەلۇم بولدى.
ئاقتۇ ناھىيىسىدىكى 3 «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» دە 2 مىڭدەك ئۇيغۇر سىياسىي تەربىيىگە تۇتۇلغان
ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يېرىم يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» دېگەن نامدا نەچچە يۈزلىگەن تۇتقۇنلار لاگېرىنىڭ قۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
ئاقتۇ ناھىيىسىدىكى ساقچىخانىلارنىڭ رادىيومىزغا ئاشكارىلىشىچە، ئاقتۇ ناھىيىسىدە جەمئىي 3 ئورۇندا «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» قۇرۇلغان بولۇپ، 2 مىڭدەك ئۇيغۇر «گۇماندار» نازارەت ئاستىدا تەربىيەلەنمەكتىكەن.
ساقچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاقتۇ ناھىيىسىدىكى يېزا-كەنتلەردىن كۈندە دېگۈدەك تۇتۇلۇۋاتقان كىشىلەر «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» گە سىغماي قالغان.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەر بىردەك خىتاي يېڭىدىن تۈزگەن ئەدەبىيات ۋە تارىخ ئوقۇشلۇقىنى ئىشلىتىدىكەن
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئالدىنقى ئايدا ھۆججەت چىقىرىپ، بۇ يىل 9-ئايدىن باشلاپ باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە پۈتۈن دەرسلەرنىڭ خىتاي تىلىدا ئۆتۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ئەڭ يېقىنقى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ يىللىق يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق مەكتەپلەر بىردەك خىتاي يېڭىدىن تۈزگەن ئەدەبىيات ۋە تارىخ ئوقۇشلۇقىنى ئىشلىتىدىكەن.
مەزكۇر ئوقۇشلۇقلاردا خىتاينىڭ قىزىل ئىنقىلاب تارىخى ۋە تېررىتورىيە تەلىپى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ تىبەت، ئۇيغۇر ئېلى، تەيۋەن ۋە جەنۇبىي دېڭىزغا بولغان «ئىگىلىك ھوقۇقى» گەۋدىلەندۈرۈلگەن تېكىستلەر يەر ئالغان ئىكەن.