ھىجرەتتىكى ئۇيغۇرلار «سالام خەلقىم! سالام ئەل-يۇرت...»
بۇ يىلقى ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بارلىق ئۇيغۇرلارغا سالام يوللىدى ۋە ئاسايىشلىق تىلىدى.
غەرب ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە روزا ھېيتنى قۇتلۇقلىدى، ئۆز-ئارا ھېيتلاشتى ۋە ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا ھېيتلىق سالام يوللاشتى.
بۇ يىلقى روزا ئېيى خوتەن ناۋاغ ۋەقەسى ۋە قەشقەردە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن مەزگىلگە توغرا كەلگەن بولغاچقا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغانلىقى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتمۇ-قات چەكلەش سىياسەتلىرى ئىچىدە روزا ئېيى ۋە روزا ھېيتنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلانغانلىقى مەلۇم.
تورونتودىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇر مەسچىتى سېلىش پىلانى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى
بۇندىن 2 يىل ئاۋۋال تورونتودا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 7 كىشى بىرلىشىپ، تورونتو شەھىرىدە ئۇيغۇر مەسچىتى سېلىشقا رەھبەرلىك قىلىش دائىمىي كومىتېتى قۇرغان ئىدى.
تورونتو شەھىرىدە ئۇيغۇر مەسچىت سېلىشقا رەھبەرلىك قىلىش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئىبراھىم قارىم ئۇيغۇر مەسچىتى سېلىشنىڭ كانادادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى ساقلاپ قېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر ئېلى مۇسۇلمانلىرى بىر كۈن كېچىكىپ ھېيت قىلىشقا مەجبۇرلاندى
پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى 30 كۈنلۈك رامزان ئىبادىتىدىن كېيىنكى ھېيتلىق بايرام تەنتەنىسىگە چۆمگەن پەيتلىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلار بۇ شادلىققا ۋاقتىدا جور بولالمىدى.
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھېيت نامىزى 30-ئاۋغۇست ئوقۇلدى. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھېيتلىق دەم ئېلىشنىڭ 31-ئاۋغۇستتىن 2-سېنتەبىرگىچە ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن.
قەشقەردىكى داڭلىق مەسچىت-ھېيتگاھ جامەسىدىكى بىر ياش خاتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇقتۇرۇشى بويىچە ھېيت نامىزىنىڭ 31-ئاۋغۇست ئوقۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتايدىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى ھېيت نامىزىنى 30-ئاۋغۇست ئوقۇغان.
مىرئادىلجاننىڭ ئانىسى: «بالامنىڭ دەۋاسىنى ئاداققىچە قىلىمەن»
2009-يىلى 14-فېۋرالدا خىتاي ساقچى دائىرىلىرى خوتەندە مىرئادىلجان مۇھەممەت ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر يەككە تىجارەتچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن ۋە «قولغا ئالغىنى كىرسەك قارشىلىق كۆرسەتكەچكە ئېتىپ تاشلاندى» دەپ سەۋەب كۆرسىتىپ، مىرئادىلجاننى ئېتىش قىلمىشىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشقان.
ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مىرئادىلاجان بىر قارىي بولۇپ، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا سورۇنلاردا دىنىي تەبلىغ قىلغان ۋە خىتاينىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. خىتاي دائىرىلىرى مىرئادىلجاننى ئېتىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەسىتىنىمۇ ئائىلىسىگە قايتۇرۇپ بەرمەي مەخپىي كۆمۈۋەتكەن ۋە كۆمۈلگەن ئورۇننى ئانىسىغا كۆرسەتمىگەن.
مىرئادىلجاننىڭ ئانىسى ئوغۇلخان خانىم ئوغلىنىڭ زادى نېمە جىنايەت بىلەن ئېتىپ تاشلانغانلىقىغا جاۋاب تېپىشقا تىرىشقان، ئەمما نەتىجە قازىنالمىغان.
«ئەرەب» كە تەككەن ئۇيغۇر چوكاننىڭ تەقدىرى پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالماقتا
ئۆزىنى ئەرەب دەپ تونۇشتۇرغان بىر پاكىستانلىق بۇندىن تۆت يىل ئاۋۋال 17 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى ئارزۇگۈل ئەسقەر بىلەن كۇچادا توي قىلغان.
ئۆي تۇتقان 4 يىلدىن بېرى ئېرىنى ئەرەب، ئۇنىڭ دۆلىتىنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دەپ بىلىپ كەلگەن ئارزۇگۈل ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بۇ يىل 4-ئايدا بىلىپ يەتكەن.
چۈنكى ئېرى ئۇنى دۇبەيگە ئېلىپ ماڭغانلىقىنى ئېيتىپ پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر ۋىلايىتىگە تاشلاپ قويغان ۋە ئۆزى غايىب بولغان.
ئارزۇگۈل ئېرىنىڭ ئالدامچىلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، يۇرتىغا قايتماقچى بولغان بولسىمۇ ئېرى پاسپورتىنى يوشۇرۇۋالغانلىقى ئۈچۈن، يۇرتىغا قايتىشقىمۇ ئامالسىز قالغان. نۆۋەتتە ئارزۇگۈل ۋە ئۇنىڭ 3 ياشلىق بالىسىنىڭ تەقدىرى پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالماقتا.
خىتاي «ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسى» دە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، ئۈرۈمچى ھاۋا بوشلۇقىنى كونترول قىلدى
خىتاي ھۆكۈمىتى 1-سېنتەبىر باشلىنىدىغان «ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسى» ھارپىسىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قاتتىق كۈچەيتتى.
ئۈرۈمچى ھاۋا بوشلۇقىمۇ كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنىپ، لەگلەك، كەپتەر قاتارلىقلارنى ئۇچۇرۇش چەكلەندى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل تەدبىرلەر يەنە كورلا، سانجى، تۇرپان ۋە شىخەنزە قاتارلىق شەھەرلەردە يولغا قويۇلغان، ئۈرۈمچى كوچىلىرىغا تولۇق قوراللانغان ساقچىلار ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، چارلاش كۈچەيتىلگەن.
يەرمەنكە 5-سېنتەبىرگىچە ئېچىلىدۇ.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى خىتايدىن مالايشىيا قايتۇرۇپ بەرگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى
جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرستوفېر سىمىت بىلەن دېموكراتىك كېڭەش پالاتا ئەزاسى شېرود بروۋېننىڭ رەئىسلىكىدىكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلار ئىجرائىيە كومىتېتى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن مالايشىيا 18-ئاۋغۇست خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن 11 ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتىدىن مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇلارنى قايتۇرۇشنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كىرستوفېر سىمىت بىلەن شېرود بروۋېن يەنە مالايشىيا ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەپ، مالايشىيا دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان بەش نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىنى قايتۇرۇۋەتمەسلىككە چاقىردى. مالايشىيا ھۆكۈمىتى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى 16 ئۇيغۇرنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ 11 نەپىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ئىدى.