ھەپتىلىك خەۋەرلەر (2-سېنتەبىردىن 8-سېنتەبىرگىچە)

0:00 / 0:00

ئىلھام توختى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى

خىتاي تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى يېقىندا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىدىن بىرى بولغان «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى.

ئىگىلىنىشىچە، ياۋروپا پارلامېنتىدىكى خەلقئارا لىبېراللار بىرلەشمىسى 2017-يىللىق «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نى تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېرىشنى قارار قىلغان. مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىنى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى گوللاندىيە ئۆتكۈزىدىكەن.

«ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ ئىلھام توختىغا بېرىلىشى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە»، دېدى.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر قىسىم مەسچىتلەرنىڭ كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىغا ئۆزگەرتىلىشى ئىنكاس قوزغىماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «مەسچىتلەرنى ئەلالاشتۇرۇش» نامىدا مەسچىتلەرنى قىسقارتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھەرىكەت ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بەزى جايلاردىكى مەسچىتلەر چېقىۋېتىلگەن، بەزىلىرى قۇلۇپلانغان، يەنە بەزىلىرى بولسا ھەر خىل پائالىيەت سورۇنلىرىغا ئۆزگەرتىلمەكتىكەن.

رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا لوپ ناھىيەسىنىڭ چاھارباغ يېزا مونەك كەنتىدىكى مەسچىتنىڭ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەت ئۆيىگە ئۆزگەرتىلگەنلىكى ئاشكارا بولدى.

ساقچى باشلىقى: «ئۈچ خىل تونۇشتۇرۇشى بولمىغان جەنۇبلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى يۇرتىغا قايتۇرۇلدى»

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا «نوپۇس ئېنىقلاش» دېگەن نامدا كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلماقتىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىدىن شىمالدىكى ناھىيەلەرگە بېرىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ھۈنەرۋەن-كاسىپلار بىردەك ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇلغان.

توقسۇن ناھىيەسىنىڭ ئىلانلىق يېزىلىق ساقچىخانىسى، «ئۈچ خىل تونۇشتۇرۇشى» بولمىغان جەنۇبلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز يۇرتىغا قايتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەلەم كۈرىشى خىتاينىڭ سەزگۈرلۈكنى ئاشۇرماقتا

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر سەرخىللىرى ئۆزلىرىنىڭ قەلەم كۈچىگە تايىنىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياۋى تاراتقۇلار بىلەن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ئۇستىلىرىدا ئاڭلاتماقتا ۋە بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلماقتا.

كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن رۇقىيە تۇردۇش خانىم يازغان «خىتاينىڭ بېرلىن تېمى» ناملىق ماقالە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىشتىن سىرت، «بۈگۈنكى پاكىستان» گېزىتىنىڭ 30-ئاۋغۇستتىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان ئىدى.

ئىگىلىنىشىچە، پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى مەزكۇر گېزىتكە شۇ كۈنىلا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ دىنىي سىياسىتىنى ئاقلاپ ماقالە ئېلان قىلغان.

ئۇيغۇرلاردا كۆرۈلۈۋاتقان راك كېسەللىكى نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقى دىققەت قوزغىماقتا

خىتايدا چىقىدىغان تېببىي ساھەگە ئائىت ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى راك كېسەللىكىگە دائىر بىر قىسىم ئۇچۇرلار دىققەت قوزغىماقتا.

مەزكۇر تەتقىقات ئۇچۇرلىرىدا ئۇيغۇرلاردا كۆرۈلۈۋاتقان راك كېسەللىكى نىسبىتىنىڭ ئەتراپتىكى باشقا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا كۆرۈنەرلىك يۇقىرىلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان تېببىي ساھەدىكى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينىڭ تارىم ئويمانلىقىدا ئېلىپ بارغان 46 قېتىملىق يادرو سىنىقىنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر دەرىجىدە خىرىس ئېلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى بەزى جايلاردا ھەر ئىككى ئائىلىدىن بىر كىشىنىڭ قامالغانلىقى مەلۇم بولماقتا

ئۇيغۇر ئېلىدا 2014-يىلىدىن تاكى ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتى داۋامىدا مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ يوقىلاڭ سەۋەبلەر بىلەن قامالغانلىقى ياكى كېسىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، يېڭىسارنىڭ 13 مىڭ نوپۇسلۇق توپۇلۇق يېزىسىدىنلا ئاز دېگەندە 2 مىڭ كىشىنىڭ قامالغانلىقى مەلۇم بولدى.

ئۇندىن باشقا خوتەن شەھىرىگە قاراشلىق شورباغ يېزا گازون كەنتىدىكى 419 ئائىلىدىن 205 كىشىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.