ھەپتىلىك خەۋەرلەر (7-سېنتەبىردىن 13-سېنتەبىرگىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.09.13
hepte-tor-maqale111.jpg ھەپتىلىك خەۋەرلەر (7-سېنتەبىردىن 13-سېنتەبىرگىچە)
Photo: RFA

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتتى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» 11-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتۈپ، مەزكۇر لايىھەنىڭ رەسمىي قانۇن بولۇپ ماقۇللىنىش يولىدىكى ئەڭ مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرى ئېلىندى.

مەزكۇر قانۇننى باش بولۇپ تونۇشتۇرغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە بوب مەنەندەز بىرلەشمە باياناتىدا باياناتىدا مەزكۇر قانۇننىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەلقئارادىكى كۆپلىگەن تەشكىلاتلار بۇ قارارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە بۇنى «ئۇيغۇرلار ھەققىدە دۇنياغا ھەمدە خىتايغا بېرىلگەن بىر سىگنال» دېدى.

كاتتا سودىگەر ئابدۇجېلىل ھاجىم ئاقلانغاندىن كېيىنمۇ تۈرمىدىن چىقالمىغان

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى كاتتا سودىگەرلەردىن ئابدۇجېلىل ھاجىم 2017-يىلى «تېررورلۇققا ماددىي ياردەم بېرىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغانىدى. يېقىندا ئابدۇجېلىل ھاجىمنىڭ نارازىلىق ئەرزى سۇنۇپ، يۇقىرى ھەق بىلەن ئادۋوكات ياللىشى ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئارتىلغان جىنايى ئىشلار ھۆكۈمى بىكار قىلىنغان.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇجېلىل ھاجىمنىڭ سوت ھۆكۈمى بىكار قىلىنغان بولسىمۇ، ئۆزى يەنىلا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلمىگەن. جىسمانىي قىيناقتىن ماڭالماس بولۇپ قالغان ئابدۇجېلىل ھاجىم نۆۋەتتە دوختۇرخانىدا داۋاملىق سوراق قىلىنماقتىكەن.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ: «بۇ خىلدىكى دېلولار قانۇنىي مەسىلە ئەمەس، بەلكى سىياسىي مەسىلە. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ سەرخىللىرىنى يوق قىلىشنى ئاخىرقى نىشان قىلىۋاتىدۇ» دېدى.

ئىدرىس قۇددۇس ۋە ھېزىم قۇددۇس ئاكا-ئۇكىلارنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكى دەلىللەندى

خىتاي ھۆكۈمىتى «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» دەپ ئاتاۋاتقان لاگېرلاردىكى ناچار تۇرمۇش شارائىتى ۋە جىسمانىي قىيناقتىن ھەر كۈنى كۆپلىگەن كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

يېقىندا قەشقەرنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى ئەرمۇدۇن يېزىسىدىن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ئاكا-ئۇكا ئىدرىس قۇددۇس ۋە ھېزىم قۇددۇسنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ لاگېردا جان ئۈزگەنلىكى مەلۇم بولدى.

مەلۇم بولۇشىچە، لاگېرلاردا ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلار نۇرغۇن بولسىمۇ ئۆلگەنلەرنىڭ ئۆلۈم ئۇچۇرى ئۆلگۈچىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن باشقىلارغا، ھەتتا كادىرلار ۋە ساقچىلارغىمۇ ئۇقتۇرۇلمايدىكەن. شۇ سەۋەبتىن لاگېرلاردىكى كۆپلىگەن ئۆلۈم ۋەقەلىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ قانداق ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئىزچىل سىر ھالىتىدە ساقلىنىپ قالماقتىكەن.

ياشانغان ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ كۆپلەپ قاماققا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلارغا قامالغانلار ئىچىدە ياش ۋە ئوتتۇرا ياش كىشىلەردىن باشقا ئاللىقاچان پېنسىيەگە چىققان، شۇنداقلا ئېغىر كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ داۋالىنىۋاتقان سابىق كادىرلارنىڭمۇ كۆپلۈكى ئەندىشە قوزغىماقتا.

يېقىندا ئىلى ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيىدا 30 نەچچە يىل ئىشلەپ پېنسىيەگە چىققان تۇرسۇن بارات ۋە ئۇنىڭ ئايالى زاھىدەم تۈركىيە سەپىرىدىن قايتىپ كېلىپلا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن. ئۇلارنىڭ تۈركىيەدىكى قىزى شەمسىيە ئۇلارنىڭ 20 يىلدىن قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغان.

غۇلجا شەھەرلىك 6-باشلانغۇچ مەكتەپتىن پېنسىيەگە چىققان شېرىپجان مۇھەممەت 2017-يىلى ئايالى بىلەن تەڭلا تۇتقۇن قىلىنغان. يېقىندا ئۇنىڭ قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، ئايالىنىڭ تېخىچە لاگېردا ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.

سۇدا تۇنجۇقۇپ قالغان ئۈچ ياشلىق بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى لاگېردا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

ئۆتكەن ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىر نارەسىدە بالىنىڭ جەسىتى سۇدىن سۈزۈۋېلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالغانىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئېنىقلىشى جەريانىدا بۇ بالىنىڭ تۇرپان شەھىرى قارىغۇجا يېزا ئاستانە كەنتىدىن ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئۈچ ياشلاردىكى بۇ گۆدەكنىڭ ئاتا-ئانىسى تۇردىگايىت ۋە ئاتىكەم لاگېردا بولۇپ، بالىسى سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىر قېتىم كۆرۈشتۈرۈلگەن.

ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان ئاتا-ئانىسى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ئۇيغۇر گۆدەكلىرىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى ھادىسىلەرگە ئۇچراپ ئۆلۈپ كېتىشى كۆپ كۆرۈلگەن بولۇپ، لاگېرلار پەيدا قىلىۋاتقان ئىجتىمائىي پاجىئەلەرنىڭ بىرى، دەپ قارالماقتا.

ئەرەب ژۇرنالىستنىڭ ئۇيغۇرلار زىيارىتى زور غۇلغۇلا قوزغىدى

يېقىندا ئەرەب ژۇرنالىست نىھاد جارىرى خانىم ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا كۆرگەنلىرىنى دۇنياغا ئاشكارىلاپ، «ئۇيغۇرلار غايەت زور ئۈستى ئوچۇق تۈرمىدە ياشىماقتا ئىكەن» دەپ كۆرسەتتى.

نىھاد خانىم ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردا لاگېر تېشىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى دەرىجىدىكى قاباھەتلىك كونتروللۇق ۋە روھىي بېسىم ئاستىدا ياشايدىغانلىقىنى ئۆز كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا جانلىق تەسۋىرلەپ بەردى.

ئىسلام دۇنياسى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي پاجىئەلەرگە قارىتا سۈكۈت قىلىپ كېلىۋاتقاندا ئەرەب ژۇرنالىستنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇ بايانلىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تاشقى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا زور قىممەتكە ئىگە، دەپ قارالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.