تاشپولات تېيىپقا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا قارشى دۇنياۋى چاقىرىقلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا
ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ چوڭ بىلىم يۇرتى بولغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى تاشپولات تېيىپ «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ كېچىكتۈرمە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يېقىندا جىددىي بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر ئۆلۈم جازاسىنىڭ سېنتەبىر ئىچىدە ئىجرا قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر خەۋەر دۇنياغا مەلۇم بولغاندىن كېيىن ھەرقايسى چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بەس-بەستە بۇ ھەقتىكى ئوبزور ماقالىلىرىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭدەك بىر قىسىم خەلقئارالىق تەشكىلاتلار خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا ئىمزالىق مەكتۇپ يوللاپ، بۇ خىل قەبىھلىكنى توختىتىشقا چاقىردى.
خەلقئارادىكى چاقىرىقلاردا «تەبىئىي پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىنى مۇشۇ خىلدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئۆزى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر تىپىك ئىسپاتى» دەپ كۆرسىتىلدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۈرئەت ئىبراھىمنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى جۈرئەت ئىبراھىمنىڭ بىرنەچچە ئاي ئىلگىرى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.
بەزى ئىنكاسلاردا ئۇنىڭ مەلۇم بىر ھاراق سورۇنىدا لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئومۇمىي سانى ھەققىدە گەپ قىلىپ سالغانلىقى، شۇ ۋەقەدىن كېيىن ئۇنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ يەنە بىر مۇئاۋىن باشلىقى قادىر مەمەتمۇ شۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆتمەي تۇتقۇن قىلىنغان ۋە كويزا-كىشەن بىلەن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ئىدى.
چەتئەل سەپىرىدىن قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار تۇتقۇن ۋە قاماققا دۇچ كەلمەكتە
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور تۇتقۇندا چەتئەل سەپىرىگە چىققان ئۇيغۇرلارنى نۇقتىلىق نىشان قىلىۋاتقانلىقى يەنە بىر قېتىم ئاشكارا بولدى. يوپۇرغا ناھىيەسى يەكشەنبەبازار بازىرىدىكى چەتئەلگە چىققان 46 كىشىدىن 34 نەپىرىنىڭ قاماققا ۋە لاگېرغا مەھكۇم بولۇشى بۇنىڭ بىر ئىسپاتىدۇر.
تۈركىيەدە ئولتۇرۇشلۇق خالمۇرات ئىدرىس ئائىلىسى دۇچ كەلگەن ئېغىر پاجىئەمۇ بۇنى تەستىقلايدۇ. ئۇنىڭ ئايالى گۈلزار سەلەي ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغان ئانىسىنى يوقلاش ئۈچۈن ۋەتەنگە قايتقاندا قاراماي ئايرودرومىدىنلا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل بىلەن ئالاقىسى بولغان ئۇيغۇرلارنى لاگېرغا قاماشنى «چەتئەلدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ئاخبارات ئىگىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى» قاتارىدا ئىجرا قىلماقتا ئىكەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي مازارلىرى چېقىلىشقا باشلىغان
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش ھەرىكىتى جەريانىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قەدىمىي مازارلىقلار ۋە قەبرىستانلىقلارنىڭ چېقىلىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.
يېقىندا مەلۇم بولغان يەركەن ناھىيەسىدىكى دۇخان پاشا مازارلىقىنىڭ چېقىلىشى، بۇ جايلاردىكى قەبرىلەرنىڭ كۆچۈرۈلۈشى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشلاردا بۇنىڭ «ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى» نامىدا ئىجرا بولۇۋاتقانلىقى ئېيتىلىدۇ. بۇ جەرياندا شۇ تەۋەلىكتىكى مەسچىتلەر ۋە قەبرىستانلىقلارمۇ چېقىپ تاشلانغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىلدىكى چېقىش ۋە يۆتكەش قۇرۇلۇشى نۆۋەتتە ھەرقايسى ناھىيە ۋە شەھەرلەردە جىددىي داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بەزىلەر بۇنى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ تىپىك ئىپادىسى» دېمەكتە ئىكەن.
يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ مەخپىي ھۆججىتى «ئۈچ خىل كۈچكە قارشى تۇرۇش» نىڭ قىسمەن ئەھۋالىنى ئاشكارىلىدى
يوپۇرغا ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىر يۈرۈش مەخپىي ھۆججىتى يېقىندا ئاشكارا بولغاندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلاردا قانداق ئىنچىكە تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى قىسمەن مەلۇم بولدى.
بۇ ھۆججەتلەردە ئېيتىلىشىچە، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت چىقارغان بەلگىلىمىلەرنىڭ بىرى «چەتئەلدىن كەلگەن تېلېفوننى قەتئىي ئالماسلىق، ئېلىپ قالغان تەقدىردىمۇ ھېچنەرسە دېمەسلىك» ھەققىدە ئىكەن. شۇنىڭدەك ئىشلىتىلىۋاتقىلى ئۈچ يىلدىن ئاشقان تېلېفون نومۇرلىرى بىردەك يەڭگۈشلىۋېتىلگەن.
بۇ ھۆججەتلەردىكى قوشۇمچە مەزمۇنلار بولسا رادىيومىزدا بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنىڭ راست ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنىڭ ئاغزىنى يېپىش ئۈچۈن قايسى دەرىجىدە پايپېتەك بولۇۋاتقانلىقىنى بىۋاسىتە ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
ئىلھام توختى «ساخاروف مۇكاپاتى» نىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى
مۇشۇ ھەپتىدە ياۋروپا پارلامېنتى خىتاي تۈرمىسىدىكى ۋىجدان مەھبۇسى ئىلھام توختىنى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» نىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسەتتى.
بۇ مۇكاپات 1988-يىلىدىن بۇيان كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىن پىكىر ساھەسى بويىچە تونۇلغان پائالىيەتچىلەرگە بېرىلىپ كەلگەن ئىكەن. تۇنجى قېتىملىق «ساخاروف مۇكاپاتى» جەنۇبىي ئافرىقادىكى ئاپارتېيد (ئىرقىي ئايرىمىچىلىق) تۈزۈمىگە قارشى ئەركىنلىك جەڭچىسى نېلسون ماندېلاغا بېرىلگەن ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىلھام توختىنىڭ ئىككىنچى قېتىم مەزكۇر مۇكاپاتقا نامزات بولۇشى ئىكەن. ئۇيغۇرلار مەسىلىسى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك دىققىتىدە بولۇۋاتقان ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئىلھام توختىنىڭ مۇشۇنداق بىر مۇكاپاتقا نامزات بولۇشىنى بىر قىسىم كىشىلەر «پەۋقۇلئاددە زور ئەھمىيەتكە ئىگە،» دەپ قارىماقتا ئىكەن.
0:00 / 0:00