ب د ت يىغىنىدا يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بېرىلدى
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 14-سېنتەبىردىكى ئومۇمى يىغىنىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بېرىلدى.
باش شتابى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىش بېجىرگۈچىسى مىشېئال پىلىپىس ئەپەندى يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بېرىپ، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە، شۇنداقلا خىتاي ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي بېسىم ۋە ئادەملەرنى خالىغانچە تۇتۇپ-قاماش قىلمىشى ھەققىدە توختالدى.
كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى سۆز قىلىپ، «ئۈرۈمچى 5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ تېررورلۇق ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى، خىتاي ئازسانلىق مىللەت سىياسىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكى، ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ21-نۆۋەتلىك يىغىنى شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە داۋاملىق ئېچىلىۋاتىدۇ. 10-سېنتەبىر باشلىنىپ 28-سېنتەبىرگە قەدەر داۋام قىلىدىغان مەزكۇر يىغىنغا ب د ت غا ئەزا 190 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى شۇنداقلا ب د ت دا كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە 200 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشماقتا.
ئاتۇشلۇق ئاتاقلىق دىنىي زات ئەيسا دامۇللامنىڭ جىنازا نامىزى ساقچىلارنى ئەندىشىگە سالغان
يېقىندا ۋاپاتت بولغان ئاتۇشلۇق ئاتاقلىق دىنىي زات ئەيسا داموللامنىڭ مېيىت نامىزىدا، جامائەت «ئاللاھ بىر» دەپ تەكبىر ئېيتىپ، شاھادەت بارمىقىنى(بىگىز بارمىقىنى) كۆتۈرۈپ ماڭغان؛ تەكبىر ئاۋازى مۇراسىمنى نازارەت قىلىۋاتقان خىتاي ساقچىلىرىنى ئالاقزادە قىلىۋەتكەن.
ساقچىلار، نامازنى سىنئالغۇغا ئالغان بىر ياشنىڭ قولىدىكى ئاپپاراتنى تارتىۋالغان. ساقچىلار مېيىت نامىزىغا قاتناشقان جامائەتنىڭ بىر قىسمىنى توسۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق مۇۋەپپەق بولالمىغان.
مېيىت نامىزىغا قاتناشقان 20 مىڭدەك جامائەت جىنازىنى كۆتۈرۈپ، 10 كىلومېتىرلىق مۇساپىنى پىيادە بېسىپ، ئەر-ئايال تەكبىر ئېيتىپ ماڭغان. ئىگىلىشىمىزچە، دائىرىلەر جىنازا نامىزىدىن كېيىن،«ئاللاھ بىر» دەپ تەكبىر ئېيتىشقا باشلامچىلىق قىلدى، دەپ قارالغان بىر قىسىم كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلغان ۋە زاراتگاھلىقنى زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرگەن.
مەرۋايىت ھاپىز ئەسەرلىرى كۆرگەزمىگە قويۇلدى
گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر رەسسامى مەرۋايىت ھاپىزنىڭ ئەسەرلىرى بۇ يىلقى «گېرمانىيە زامانداش رەسساملار خەلقئارالىق گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسى»گە يەنە تاللاندى.
بۇ كۆرگەزمە 140 يىلدىن بۇيان گېرمانىيىنىڭ باۋارىيە ئۆلكىسىدە ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنمەكتە. مەرۋايىت ھاپىز تارىختىن بۇيان مەزكۇر كۆرگەزمىگە قاتناشقان ۋە قاتنىشىپ كېلىۋاتقان تۇنجى ئۇيغۇر رەسسامى. بۇ قېتىم ئۇنىڭ مەزكۇر كۆرگەزمىگە 8-قېتىم قاتنىشىشىدۇر. كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئەسەرلەر رەسىم باھالىغۇچى ۋە ئەسەر تاللىغۇچىلار كومىتېتى تەرىپىدىن تاللانغان.
مەرۋايىت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىم ئۇنىڭ «ئۇيغۇر قىزى» ناملىق ئەسىرى تاللىنىپ كۆرگەزمىگە قويۇلغان. ئۆتكەن قېتىملىق كۆرگەزمىگە ئۇنىڭ «يىپەك يولىدىكى قەدىمى شەھەر» ناملىق ئەسىرى قويۇلغان. گېرمانىيە گۈزەل-سەنئەت ساھەسىدىكى زاتلار ئۇنىڭ ئەسىرلىرىنى ماختاپ، ئۇنىڭدا «يىپەك يولىدىكى قەدىمى ئېسىل مەدەنىيەت، قەدىمى تارىخ ۋە بەك كۆپ نەرسىلەرنىڭ سۆزلىنىدىغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرگەن.
گوللاندىيىدە بىر قىز خىتاي كونسۇلخانىسىغا تۇخۇم ئېتىپ نامايىش قىلغان
گوللاندىيىگە بېرىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن بىر ئۇيغۇر قىزى، 17-سېنتەبىر خىتاينىڭ ئامىستېردامدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا يالغۇز كىشىلىك نامايىش قىلىپ، ئەلچىخانىغا تۇخۇم ئاتقانلىق سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنغان.
گەرچە ساقچىلار دىلرەبا ئىسىملىك بۇ قىزنى تۇتقۇن قىلغان بولسىمۇ، بىراق قىسقىنا سوئال سوراققا تارتقاندىن كېيىن قويۇپ بەرگەن. دىلرابانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ «دەردى»نى چىقىرىۋېلىش ئۈچۈن نامايىش قىلغان ۋە ئەلچىخانىغا تۇخۇم ئاتقان. دىلرابانىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلىپى گوللاندىيە كۆچمەنلەر دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇ بۇنىڭدىن بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى ئۆزى تۇرۇشلۇق لاگېردىن ھەيدەپ چىقىرىلغان ئىدى.
ئېنىقسىز مەلۇماتلارغا كۆرە ھازىر گوللاندىيىدە سىياسىي پاناھلىقى ھەل بولماي ساقلاۋاتقان ئىلتىجاچى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 200 دىن ئارتۇق دەپ تەخمىن قىلىنماقتا.
غۇلجىدا بىر ئائىلىدىن 4 كىشى «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان
2009-يىلى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بېرىپ بىر قانچە كۈندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى غۇلجا شەھىرىگە قاراشلىق دادامتۇ يېزىسىدا باستۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، بىر تۈركۈم قىز-ئوغۇل ئۇيغۇر ياشلىرىنى قولغا ئالغان ئىدى.
شۇ قېتىمقى باستۇرۇش ھەرىكىتىدە، مەزكۇر يېزىدىكى تۇرغان ئاكا-رۇقىيە ھەدىنىڭ تاشپولات، ئەختەم ئىسىملىك ئىككى ئوغلى، بىر قىزى ۋە كېلىنى بولۇپ 4 پەرزەنتى تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇلار «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» قىلىش بىلەن سوتلىنىپ، تاشپولات ئىسىملىك ئوغلى 15 يىللىق، قالغان پەرزەنتلىرى 3 يىلدىن 8 يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
ئۇلار ھازىر ئۈرۈمچى، سانجى قاتارلىق جايلاردىكى تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتىكەن. تۇرغان ئاكا پەرزەنتلىرى ھەققىدە توختىلىپ: قانداق كەتكەنلىكىنى ئۆزۈممۇ بىلمىدىم. ماڭا قارچىغا كېلىپ بىر نەرسەمنى ئېلىپ قېچىپ كەتكەندەكلا بىلىندى، دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىچىك كارخانىلارنى تاقاش پىلانىنى باشلىغان
ئۇيغۇر رايونلۇق ئىقتىساد-ئۇچۇر كومىتېتى ۋە ئۇيغۇر رايونلۇق مالىيە ئىدارىسى يېقىندا 2013-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىچىك كارخانىلارنى تاقاش پىلانىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى باشلىغان.
مەزكۇر پىلان بويىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى پولات-تۆمۈر، رەڭلىك مېتال، خىمىيە، يېنىك سانائەت، توقۇمىچىلىق، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ماشىنىسازلىققا مۇناسىۋەتلىك كىچىك تىپلىق، تېخنىكىدا ئارقىدا قالغان زاۋۇت-كارخانىلار تاقىلىدىكەن.
دائىرىلەر بۇ خىل كارخانىلارنىڭ بايلىق مەنبەسىنى خورىتىۋاتقانلىقى، مۇھىتنى ئېغىر بۇلغاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاقالغان كارخانىلارغا مەلۇم مىقداردا تۆلەم پۇلى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق د ئۇ ق مەزكۇر قارارنى تەنقىد قىلدى.
د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە بۇ قارار ئەڭ كۆپ كىچىك تىپلىق ئۇيغۇر كارخانىلىرىغا زەربە بېرىدۇ. ئۇ، ئۇيغۇر كارخانىلىرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرغان زاۋۇت-كارخانىلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلى مۇھىتى ۋە بايلىق مەنبەسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.