ھەپتىلىك خەۋەرلەر (16-سېنتەبىردىن 22-سېنتەبىرگىچە)

0:00 / 0:00

ئەنۋەر ئەيسانىڭ «تۈركىستان» ۋە «شىنجاڭ تارىخى» ھەققىدىكى باياناتىغا رەددىيە بېرىلدى

كورلا شەھەرلىك پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر ئەيسا يېقىندا «بىزنىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان ئەمەس، مىللىتىمىز تۈرك ئەمەس، دىنىمىز ئىسلام ئەمەس» دەپ بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.

ئۇ باياناتتا بۇ خىلدىكى ئۇقۇملارنى «ئۈچ خىل كۈچ»لەرنىڭ ياساپ چىققانلىقىنى، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە «پان تۈركىزىم» نى بازارغا سېلىش ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈرگەن.

تارىخشۇناسلىق ۋە مىللەتشۇناسلىق پەنلىرىدە سىستېمىلىق تەربىيە كۆرگەن ئۇيغۇر ۋە خىتاي ئالىملىرى بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، ئەنۋەر ئەيسانىڭ قاراشلىرىنى «ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسقا ۋە ئەقەللىي مەنتىقىگە ئىگە ئەمەس»، دەپ تەنقىدلىدى.

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تۇتقۇن ھەرىكىتى ۋە نازارەت مېخانىزمى كۈچەيمەكتە

يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇرتىغا قايتىش بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، تۈركىيەدىن بورتالاغا قايتقان ئالتە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قولغا ئېلىنغان ۋە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

كۆلىمى بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقان تۇتقۇن ھەرىكەتلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش جەريانىدا يېڭىسار ناھىيىسىدىكى «مۇقىملىق» خىزمىتى ئۈچۈن جىددىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ قوۋم-قېرىنداشلىرىنىڭمۇ قولغا ئېلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، يېڭىسار ناھىيىسىدىكى «نۇقتىلىق ئائىلىلەر» نىڭ ئىشىك ئالدىغا كۆزىتىش كامېرالىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «بۇ خىل رادىكال تەدبىرلەر ئەمەلىيەتتە خىتايلارنىڭ ئۆزىگە ئىشەنچى يوقلۇقىنى كۆرسىتىدۇ»، دېدى.

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە «ئۇيغۇر-خىتاي» پەرقى مەجبۇرىي يوقىتىلماقتا

يېقىندا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «ھالال»لىق چۈشەنچىلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇش شامىلىنىڭ ئەمدىلىكتە ئالىي مەكتەپلەردە ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر ۋە خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئايرىم ئاشخانا تەسىس قىلىش بىكار قىلىنغان شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىدىكى «ھالال» بەلگىلىرى ئېلىۋېتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە ھازىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلار «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش» دېگەن نامدا ئارىلاش ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا ئىكەن.

مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «مىللىي مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادى تۈپتىن پەرقلىق بولغان، ھوقۇق جەھەتتە باراۋەر بولمىغان ئىككى مىللەتنى سۈنئىي دوستلاشتۇرۇش ئىجابىي ئۈنۈم يارىتالمايدۇ»، دېدى.

غۇلجا ناھىيەلىك دارىلمۇئەللىمىن «تەربىيىلەش مەركىزى» گە ئۆزگەرتىلگەن

يېقىندا ئىلى ۋادىسىدىكى خەلق ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولغان غۇلجا ناھىيەلىك دارىلمۇئەللىمىننىڭ «تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئۆزگەرتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

غۇلجا ناھىيىسىدىكى يېپىق «تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ خادىملىرى بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ «قىلمىشى جىنايەتكە توشىدىغانلار تۈرمىگە بارىدۇ؛ قىلمىشى جىنايەتكە توشمىغان، لېكىن جىنايى خاھىشى بار، دەپ قارالغانلار يېپىق تەربىيەلەش مەركىزىگە بارىدۇ»، دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىلدىكى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە يىغىۋېلىنغانلار بىرنەچچە ھەپتىلىك «سىياسىي ئۆگىنىش»نى تاماملىغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۆيلىرىگە قايتالايدىكەن.

شاھىتلار:«ئوسمانجان مەمەتنىڭ قىسمىتى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ئۇچراۋاتقان مۈشكۈلاتلاردۇر!»

يېقىندا ئۇيغۇر تىجارەتچىلەردىن ئوسمانجان مەمەتنىڭ 2011-يىلى «دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش ۋە قانۇنسىز دىنىي بۇيۇملارنى كۆرۈش» دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى.

شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلگىرى خىتاي ئارمىيەسىدە ئەسكەر بولغان ئوسمانجان ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىنچە قارىمايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆشرە-زاكاتلىرىنى يىغىپ «5-فېۋرال» غۇلجا ۋەقەسىدە يېتىم بولۇپ قالغانلار، پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىگە-چاقىسىزلار ياكى ئەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان تۇل ئاياللارغا يەتكۈزۈپ بەرگەن.

شاھىتلار بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «نۆۋەتتە ئوسمانجانغا ئوخشاش كۆپلىگەن ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغان دېگەن جىنايەت بىلەن تۈرلۈك ئېغىر جازالارغا ھۆكۈم قىلىنماقتا»، دېدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ئەھۋالى ب د ت دا ئەتراپلىق ئاڭلىتىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ 36-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنى 11-سېنتەبىردىن باشلاپ شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئېچىلىشقا باشلىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللىرىدىن د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر زۇلۇملار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بەردى.

ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكلىنىشى، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئۇيغۇر قاچقۇنلىرى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي بېسىملار يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە جانلىق بىر مەيدان دەرس بولدى.

د ئۇ ق ۋەكىللىرى يەنە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەۋجۇت مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىرلەشتى.