جەنۋەدە ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ زور كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
16-سېنتەبىر كۈنى مىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش بېجىرىش بىناسى ئالدىغا جەم بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزدى.
نامايىشچىلار قوللىرىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى بىلەن تىبەتلەرنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرگەن ھالدا جەنۋە كوچىلىرىنى بويلاپ پىيادە مېڭىپ كۈچ كۆرسەتتى.
نامايىشقا رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى، تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى قوللايدىغان پارلامېنت ئەزالىرى قاتناشتى.
گۇما ناھىيىسىدە پارتلاش يۈز بېرىپ، ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئۆلگەن
ئۆتكەن شەنبە كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قاغىلىق ناھىيىسىدە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ساقچى باشلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرقانچە ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
رادىيومىز بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىپ، مەزكۇر ۋەقەنىڭ قاغىلىق ناھىيىسىدە ئەمەس، بەلكى گۇما ناھىيىسىنىڭ كۆكتېرەك يېزا 23-كەنتىدە يۈز بەرگەنلىكى ئېنىقلىدى. ۋەقەدە گۇما ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غەيرەت مامۇتنىڭ نەق مەيداندا ئۆلگەنلىكى دەلىللەندى.
ئاشكارىلىنىشىچە، ۋەقە ئۆتكەن شەنبە كۈنى، يەنى 10-سېنتەبىردە ساقچىلار بىر گۇماندارنىڭ ھويلىسىدىكى گەمىنى تەكشۈرۈۋاتقان ۋاقىتتا يۈز بەرگەن ئىكەن.
ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى يەنە بىر قېتىم خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى
ياۋروپا پارلامېنتى ئۆتكەن ھەپتە ئىلھام توختىنىڭ بۇ يىللىق ساخاروف مۇكاپاتىغا كۆرسىتىلگەن 3 نامزاتنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالى يەنە بىر قېتىم تاراتقۇلارنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى.
ئىلھام توختىنى ساخاروف مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىش تەشەببۇسىنى ئەڭ دەسلەپ ئوتتۇرىغا قويغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ساۋ ياشۈې خانىم، ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى دوستلىرىدىن خۇ جيا ئەپەندى ۋە ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئاڭلارمەنلەر ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
«شەرقىي تۈركىستان: ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي دۇنياسى» ناملىق كىتاب تەيۋەندە يورۇق كۆردى
تەيۋەندىكى «ئاۋانگارت» نەشرىياتى يېقىندا ھۈر تەڭرىتاغ تەخەللۇسلۇق بىر ئۇيغۇر تارىخچىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان: ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي دۇنياسى» ناملىق كىتابىنى نەشر قىلغان.
مەزكۇر كىتاب ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغاندىن كېيىن ھەر ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى چەككەن. «ئاۋانگارت» نەشرىياتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر كىتاب ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
كىتابنىڭ تەيۋەندە يورۇق كۆرۈشىدە كۈچ چىقارغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ مەزكۇر كىتاب ھەققىدە بىلىدىغانلىرىنى ئاڭلاتتى.
تۇرپان كارىزلىرىنىڭ قۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى چەكمەكتە
ئالدىنقى كۈنى «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، تۇرپان ئويمانلىقىنى مىڭلارچە يىللاردىن بۇيان سۇ بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن كارىزلارنىڭ تېز سۈرئەتتە قۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، تۇرپان ئويمانلىقىدا 1950-يىللاردىكى ئىككى مىڭغا يېقىن كارىزدىن ھازىر ساقلىنىپ قالغانلىرى ئاران 200 دىن كۆپرەك بولۇپ، نۆۋەتتە يىلىغا ئوننەچچە كارىز سۇ مەنبەسى ئۈزۈلگەنلىكتىن قۇرۇپ كەتمەكتىكەن.
خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى تۇرپان كارىزلىرىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىنى يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىگە باغلاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ سەۋەبىنى رايوندا زور كۆلەملىك نېفىت قېزىش بىلەن سانائەت زاۋۇتلىرىنىڭ يەر ئاستى سۈيىنى خورىتىۋەتكەنلىكىدىن ئىزدىمەكتە.
دائىرىلەرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ كۆلەملىك بىر تۈرمە رايونى بەرپا قىلغانلىقى مەلۇم بولماقتا
تەيۋەن تاراتقۇلىرى يېقىندا خەۋەر بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدە 300 مىڭ سىياسىي مەھبۇسنى سىغدۇرالايدىغان چوڭ تىپتىكى تۈرمە ياساۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
رادىيومىز نەق مەيداندىن ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا گەرچە بۇنداق چوڭ تىپتىكى تۈرمىنىڭ ياسىلىۋاتقانلىقىنى دەلىللىيەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىلەرنى ئۈرۈمچى يېڭى شەھەر رايونىدىكى شەرقىي قەشقەر يولى ئەتراپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەخسۇس تۈرمە رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىققانلىقى ۋە بىر تۇتاش باشقۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.