ھەپتىلىك خەۋەرلەر (19-سېنتەبىردىن 25-سېنتەبىرگىچە)

0:00 / 0:00

رابىيە قادىر خىتاينى دىنىي ئەركىنلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى توختىتىشقا چاقىردى

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن 23-سېنتەبىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە چاقىرىلغان يىغىندا سۆز قىلغان رابىيە قادىر خانىم خىتاينى دىنىي ئەركىنلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى توختىتىشقا چاقىردى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مەسئۇل خادىمى تىنا مۇففورد خانىم رىياسەتچىلىكىدىكى ئاخبارات يىغىنىدا، د ئۇ ق، جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكىدىكى خىتاي خرىستىئان دىنىي زاتلار بايانات بەردى.

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باياناتىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، پرېزىدېنت ئوباما بۇ قېتىم شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىكنى نۇقتىلىق كەسكىن ئوتتۇرىغا قويمىسا، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇرۇش ھەرىكىتىگە يېشىل چىراغ يېقىشتەك خاتا سىگنال بېرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

بۇ يىغىندىن 5 كۈن ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلار ئىجرائىيە كومىتېتىمۇ گۇۋاھلىق يىغىنى چاقىرىپ، ئوبامانى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە شى جىنپىڭغا قاتتىق بولۇشقا چاقىرغان ئىدى.

ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قۇربان ھېيتنى قۇتلىدى

24-سېنتەبىر ئەتىگەندە بۇ يىللىق قۇربان ھېيت دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قۇتلۇقلاندى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارمۇ ھېيت نامىزىنى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر، تۈرك ۋە باشقا مۇسۇلمان جامائەتلىرى بىلەن بىرگە ئوقۇشتى.

كۆپلىگەن غەرب ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆز ئالدىغا جامائەت بولۇپ تەشكىللىنىپ قۇربان ھېيتلىق نامازلارنى ئۇيغۇر ئىماملارغا ئىقتىدا قىلىپ ئوقۇشتى.

ئامېرىكىنىڭ ۋىرىگىنىيە ۋە ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ 24-سېنتەبىر ئەتىگەندە ھېيتلىق نامازنى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئوقۇدى. ئۇيغۇر دىنىي زات نۇردۇن ھاجىمنىڭ ئىمامەتچىلىكىدە ئوقۇلغان ناماز ۋە نامازدىن كېيىنكى دۇئالار ئۇيغۇر جامائىتىنى ھاياجانغا سالدى.

دۇئالاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ھەقلىرى ئۈچۈن شېھىت بولغانلارنىڭ روھىغا جەننەت، خىتاي زىندانلىرىدا يېتىۋاتقان ۋەتەن ئوغلانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا سەۋر-تاقەت ۋە چىدام-غەيرەتلەر تىلەندى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ھېيت ھارپىسىدا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ جۈملىدىن پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قۇربان ھېيتىنى قۇتلاش بىلەن بىرگە كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.

خوتەندە بىر قىسىم ئىسلامىي ئىسىملارنى بالىلارغا قويۇش چەكلەنگەن

يېقىندا خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسىغا قاراشلىق توخۇلا كەنت پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن ئاھالىلەر كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «مۇجاھىت، مۇسلىمە، سەيپىدىن» قاتارلىق ئون نەچچە خىل ئىسلامىي ئىسىملارنى بالىلارغا قويۇشىنى چەكلىگەن.

قاراقاش ناھىيەسىگە قاراشلىق توخۇلا يېزىلىق ساقچىخانا بۇ ھەقتىكى ئىچكى ئۇقتۇرۇشنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يېزىلىق سىياسىي قانۇن ئىشخانىسىنىڭ ئاخۇنۇملارغا مەخسۇس يىغىن ئېچىپ بۇ ھەقتە ئېنىق ئۇقتۇرۇش قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل چەكلەش خوتەننىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ ئوخشاش يولغا قويۇلغان.

نىيە ناھىيەسىنىڭ مەلۇم كەنتىدىكى بىر ئۇيغۇر ئايال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ خىل ئۇقتۇرۇش بارلىقىنى دەلىللىدى. ئۇ كەنت ساقچىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن «مۇسلىمە» ئىسىملىك قىزىنىڭ ئىسمىنى يۆتكەشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

بايدىكى كان ھۇجۇمىدا 40 تىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن ۋە يارىلانغان

18-سېنتەبىر ئاقسۇنىڭ باي ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 40 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلىقى مەلۇم بولدى.

شۇ كۈنى سەھەر سائەت 3 مەزگىلىدە ئاقسۇنىڭ باي ناھىيىسىدە بىر گۇرۇپپا كىشىلەر تېرەك بازارغا قاراشلىق سوغان كۆمۈر كانىنىڭ كان ساقچىلىرى ۋە كان خوجايىنلىرىغا ھۇجۇم قىلغان. ساقچىلار ۋە يەرلىك ئاممىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ۋەقەدە 5 نەپەر ساقچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 40 تىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن ۋە يارىلانغان.

ۋەقە يۈز بەرگىنىگە بىر ھەپتە بولغان بولسىمۇ، دائىرىلەر ۋەقەنى تا ھازىرغىچە ئاخباراتقا ئاشكارىلىمىغان ياكى ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنى تۇتالمىغان.

ئەنگلىيە مالىيە ۋەزىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغانلىقى ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى

ئەنگلىيە مالىيە ۋەزىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتى جەريانىدا ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئۈستىگە قويغانلىقى ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى.

ئەنگلىيە مالىيە ۋەزىرى جورج ئوسبورن 23-سېنتەبىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولغان. ئۇنىڭ زىيارىتىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەنگلىيەنىڭ «ئۈرۈمچى، جۈملىدىن پۈتۈل شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى مۇقەررەر قوللايدىغانلىقى» بىلدۈرۈلگەن.

ھالبۇكى، ئەنگلىيە مالىيە ۋازارىتى يازما باياناتىدا ئوسبورننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئالغانلىقى ھەققىدە ھېچ نەرسە دېمىگەن.

ئەنگلىيە مالىيە ۋەزىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مىللىي ۋە دىنىي زۇلۇملار تازا ئەۋجىگە چىققان، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئاتالمىش «بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز كېسىلگىنىگە بىر يىل توشقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئەنگلىيە بۆلۈمى دىرېكتورى كېيت ئاللېن: ئوسبورننىڭ ئىلھام توختى دېلوسىنى ئوتتۇرىغا قويماسلىقى، ئەنگلىيە كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشى مەسىلىسىدە مۇرەسسە قىلىشقا رازىدەك سىگنال بەردى، دېگەن.

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا زىياىرىتى قارشىلىق نامايىشلىرىغا ئۇچىرىدى

ئامېرىكىدا رەسمىي دۆلەت زىيارىتىنى باشلاشتىن بۇرۇن 22-سېنتەبىر سېئاتىل شەھىرىگە چۈشكەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ زور قارشىلىق نامايىشلىرىغا دۇچ كەلدى.

سېئاتىلدىكى قارشىلىق نامايىشلىرى 22-ۋە 23 سېنتەبىر ئوخشاش شەكىلدە داۋام قىلدى. خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى نامايىش قىلىپ چىققان 100 ئارتۇق كىشى ئارىسىدا تىبەت ۋە فالۇنگوڭچىلار كۆپ سالماقنى ئىگىلىدى.

خىتاي پرېزىدېنتى 24-سېنتەبىر كەچتە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىغا يېتىپ كەلدى.

25-سېنتەبىر ئۇيغۇر، خىتاي ۋە تىبەت تەشكىلاتلىرى ئاقساراي ئالدىدا زور كۆلەملىك نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ، خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشىلىق بىلدۈردى.

نامايىشچىلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتىكى قاتتىق قول سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىدى ۋە ئەركىنلىك تەلەپ قىلدى.

نامايىشتا يەنە خىتاينىڭ مەھبۇس ۋە فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش قىلمىشلىرى ئەيىبلەندى.