ھەپتىلىك خەۋەرلەر (23-سېنتەبىردىن 29-سېنتەبىرگىچە)

0:00 / 0:00

كورلادا جايناماز ۋە «قۇرئان كەرىم» تولۇق يىغىۋېلىنماقتا ئىكەن

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدىكى جايناماز ۋە «قۇرئان كەرىم» نىڭ مەجبۇرىي يوسۇندا يىغىۋېلىنىشقا باشلىغانلىقى مەلۇم.

كورلا شەھىرىگە قاراشلىق قارا يۇلغۇن يېزىسىدىكى كەنت سېكرېتارلىرىدىن بىرى ئۆز كەنتىدىن 500 دىن ئارتۇق جايناماز، تۆت-بەش مىڭ پارچە دىنىي كىتاب يىغىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى. مەلۇم بولۇشىچە، كورلا شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان ئۈچ جايدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئاز دېگەندىمۇ 2100 كىشى «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە چېتىلىپ سولانغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدا «قۇرئان كەرىم»، جايناماز ۋە باشقا دىنىي بۇيۇملارنى يىغىۋېلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلغان.

ئىلھام توختى قامالغانلىقىنىڭ ئۈچ يىللىقى ھارپىسىدا تۈرلۈك باياناتلار ئېلان قىلىندى

ئىلھام توختىنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا مەھكۇم بولغىنىغا توپ-توغرا 3 يىل تولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر قىسىم خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ماقالە ۋە باياناتلار ئېلان قىلدى.

«ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجاننىڭ باياناتىدا دۇنيانىڭ ئىلھام توختىنى ئۇنتۇمايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفېي رېچاردسون خانىم بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىدەك بىر زىيالىينى تۈرمىگە تاشلىشى ئۇلارنىڭ تەنقىدىي پىكىرگە قايسى دەرىجىدە دۈشمەنلىك نەزەردە قارايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.

ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى 2014- يىلى سېنتەبىردە «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يەسلىلەردە ئۇيغۇر تىلى ۋە دىنىي ئېتىقاد مەنئى قىلىنماقتا

خوتەن مائارىپ تارماقلىرى تارقاتقان «يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈن سەككىز ماددىلىق ئىنتىزام» ناملىق بەلگىلىمىدە ئۇيغۇر تىلى ۋە دىنىي ئېتىقاد قەتئىي مەنئى قىلىنغان.

خوتەن ۋىلايىتىدىكى بىر يەسلى ئوقۇتقۇچىسى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، ئۇيغۇر تىلى ۋە دىنىي ئېتىقادتىن باشقا يەنە ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ياكى ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ھەرقانداق رەسىم، ھۆسنى خەت ۋە تام گېزىتلىرىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «باشقىلارنىڭ تىل ئەركىنلىكىنى تارتىۋېلىش ھازىرقى دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا خىلاپ قىلمىشتۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى يوقىتالمايدۇ» دېدى.

مىسىردا قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىز-دېرىكى نامەلۇم بولماقتا

بۇ يىل ئىيۇلنىڭ باشلىرىدا مىسىرنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە قولغا ئېلىنغان ئىككى يۈزگە يېقىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ بىر قىسمى خىتايغا قايتۇرۇلغان بولسا، يەنە بىر قىسمى قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. ئەمما بۇ ئوقۇغۇچىلاردىن قالغانلىرىنىڭ كېيىنكى ئىز-دېرىكى ئىزچىل نامەلۇم بولۇپ تۇرماقتا.

شۇ قاتاردا ھازىرغىچە ئىز-دېرەكسىز بولۇۋاتقان ئۇيغۇر تۇتقۇنلاردىن مۇختەر روزى ھەققىدە ئۇنىڭ ئايالى مەريەم خانىم مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلدى. مۇراجىئەتنامىدە ئۇ يولدىشىنىڭ ھېچقانداق قانۇنسىز ئىشقا ئارىلاشمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 26-سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، مىسىر دائىرىلىرىنى غايىب بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشكە چاقىردى.

«ھۆددە يەرلەرنى تىزىملاش» تا ئىلى دېھقانلىرى يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالماقتا

بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى قايتا تىزىملاش سىياسىتىنىڭ نۆۋەتتە ئىلىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلارنى تېرىلغۇ يەرلىرىدىن مەھرۇم قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئىلى تەۋەسىدىكى دېھقانلاردىن ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا خىتاي كۆچمەنلىرى ئاچقان زاۋۇت ۋە كارخانىلارنىڭ «تەرەققىيات رايونى» بەرپا قىلىش نامىدا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى ئەرزان باھادا مەجبۇرىي «سېتىۋالغانلىقى» ئاشكارا بولدى.

مەلۇم بولۇشىچە، «ھۆددە يەرلەرنى قايتا تىزىملاش» جەريانىدا يەرلىرىدىن ۋە يايلاقلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئۇيغۇر دېھقانلار ۋە باقمىچىلار، شۇنىڭدەك قازاق چارۋىچىلار ئىقتىسادىي مەنبەدىن ئايرىلغانلىقى ئۈچۈن تۇرمۇشتا زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.

ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللار نامايىش قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1-ئۆكتەبىردىكى دۆلەت بايرىمى كۈنىدە ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق خەلقلەرنىڭ بىرلەشمە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ «ئەزىز ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن زۇلۇمدا ئىڭراۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە ھۆر دۇنيادا ياشاۋاتقان ھەربىر ئۇيغۇر مۇشۇ نامايىش ئارقىلىق ئۆز ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىدۇ» دېدى.

بۇ قېتىملىق نامايىشقا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر داۋاسىدا يېتەكچى رول ئويناۋاتقانلاردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، مۇئاۋىن رەئىس ئۆمەر قانات، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئىلشات ھەسەن شۇنىڭدەك ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى پائال ئاۋاز قوشتى.