رابىيە قادىر خانىم: ئۇيغۇر ئاياللىرى كۆڭۈل بۆلۈشۈڭلارغا، ياردىمىڭلارغا موھتاج!!!
24-سېنتەبىر باشلىنىپ ئۈچ كۈن داۋام قىلغان 4-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى 26-سېنتەبىر ئېستونىيە پارلامېنت بىناسىدا غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلدى.
كۇرسنىڭ ئاخىرقى كۈنىگە ئۈلگۈرۈپ ئېستونىيىگە كەلگەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم يېپىلىش نۇتقى سۆزلىدى، ئېستونىيە ۋە ياۋروپا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. رابىيە قادىر خانىم بۇ جەرياندا دۇنياغا «ئۇيغۇر ئاياللىرى كۆڭۈل بۆلۈشۈڭلارغا ۋە ياردىمىڭلارغا موھتاج!!!» دەپ چاقىرىق قىلدى.
كۇرسقا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، تۈركىيە، ياۋروپا ئەللىرى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق 11 دۆلەتتىن 70 ئۇيغۇر ئايال قاتناشتى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى ئورگىنى ياۋروپادىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا ئاگاھلاندۇردى
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى دوكلات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئەللىرىنى ياۋروپادىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا ئاگاھلاندۇردى.
دوكلاتقا «ئۇلار مېنى قايتۇرسا بولمايدۇ: ياۋروپادىكى ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەر» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بولۇپ، دوكلات شۋېتسىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىدىكى 50 دەك ئۇيغۇر مۇساپىر بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتكە ئاساسەن تەييارلانغان.
دوكلاتنى ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجەفىسكى ۋە تەتقىقاتچى ئەيمىي رېگېر قاتارلىقلار تەييارلىغان.
دوكلاتتا، ياۋروپا ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىكلىگۈچىلىرىنىڭ ئەھۋالى، ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق، ئۇلارنىڭ ياۋروپاغا قېچىپ چىقىش سەۋەبى، نېمە ئۈچۈن خىتايغا قايتۇرۇلسا بولمايدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر تەپسىلىي مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈلگەن.
ياۋروپادىكى تۇنجى ئۇيغۇر قىز پۇتبولچى نىگارە تۇرسۇن
تېخى يېڭى فرانسىيىگە چىققان ئۇيغۇر قىزى نىگارە تۇرسۇن خانىم 2011-يىلى، 8-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە فرانسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن قىزلار پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، مېدالغا ئېرىشكەن.
مۇسابىقە جەريانىدا برازىلىيە، ئارگېنتىنا، گېرمانىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق 30 دۆلەتتىن كەلگەن قىزلار كوماندىسى ئۆز-ئارا مۇسابىقىلەشكەن.
نىگارە تۇرسۇننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ پۇتبولغا قىزىقىدىغان بولۇپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماستىن جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قىزلار پۇتبول كوماندىسىغا تاللانغان، كېيىن شاڭخەيگە تاللىنىپ بىر يىل ئۇ يەردە پۇتبول ئوينىغان. يېقىندا فرانسىيىگە كەلگەن ئىكەن.
جۇڭخۇا مىنگو خەرىتىسىدىكى «ئۆز يۇرت» ۋە «ياتلار يۇرتى» ھەققىدە
مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت قاتارلىق ئەللەر ئەينى ۋاقىتتا قۇرۇلغان «جۇڭخۇا مىنگو» دېگەن خىتاي دۆلىتىنىڭ دۆلەت تېررىتورىيىسى دەپ قارالمىغان ئىكەن.
«شىنخەي ئىنقىلابى» نى خىتاي مىللەتچىسى سۇن جۇڭسەن قوزغىغان. ئەينى زاماندىكى بۇ چوڭ ۋەقەنى ئەسلىتىدىغان «ۋۇچاڭ قوزغىلىڭى» خاتىرە سارىيىغا، جۇڭخۇا مىنگونىڭ تەۋەلىكىدە 18 ئۆلكە بارلىقىنى بىلدۈرىدىغان 18 يۇلتۇزلۇق دۆلەت بايرىقى ئېسىپ قويۇلغان.
ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي مىللەتچىسى سۇن جۇڭسەننىڭ «جۇڭخۇا مىنگو» دېگەن دۆلىتى تەۋەلىكىدىكى 18 ئۆلكە سەددىچىننىڭ ئىچىدىكى خىتايلار ياشايدىغان ئۆلكىلەر بولۇپ، بۇ ئۆلكىلەرنى جۇڭخۇا مىنگو دۆلىتى «ئۆز يۇرت» دەپ ئاتىغان، ئۆزىنىڭ دۆلەت بايرىقىدا ئىپادىلىگەن ۋە تېررىتورىيە خەرىتىسىگە كىرگۈزگەن. بۇنىڭدىن باشقا، سابىق چىڭ سۇلالىسى تاجاۋۇز قىلغان يېڭى چېگرا (شىنجاڭ)، موڭغۇلىيە، تىبەت، چىڭخەي دېگەن يات مىللەت ئەللىرىنى «ياتلار يۇرتى» دەپ ئاتىغان.
چەكلىك مەنبەدىن مول ھوسۇل بېرىۋاتقان تەكلىماكان نەشرىياتى
ئىستانبۇلدىكى «تەكلىماكان» ئۇيغۇر نەشرىياتى ئۇيغۇر تارىخىنى ھەقىقىي تۈردە دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن خىتايغا جەڭ ئېلان قىلماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تۈزگەن «شىنجاڭنىڭ ئۈچ تارىخى» غا ئوخشاش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي مەنپەئىتى ئۈچۈن ئۇيغۇر تارىخى پۈتۈنلەي بۇرمىلىنىپ يېزىلغان بىر قىسىم ماتېرىياللار ئۇيغۇر ئېلىدىن باشقا، ھەتتا چەتئەللەرگىچە تارقالماقتا ئىكەن.
«تەكلىماكان» ئۇيغۇر نەشرىياتى بۇنىڭغا قارشى چەتئەللەردە چەكلىك شارائىت ۋە چەكلىك مەنبەگە قارىماي، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىي مىراسلىرىنى ھەقىقىي تۈردە دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.
مەزكۇر نەشرىياتنىڭ باشلىقى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ھازىرغا كەلگۈچە، تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابى، مەمتىمىن بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» قاتارلىق زور ھەجىملىك تارىخىي ئەسەرلەرنى قايتا نەشر قىلىپ ھەقسىز تارقاتقان.