گۇمادىكى پارتلاش ۋەقەسىنىڭ گۇماندارلىرى ھەققىدە بىر قىسىم مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى
10-سېنتەبىر گۇما ناھىيەسىدە بومبا پارتلاش يۈز بېرىپ، ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئۆلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۈگۈنگە قەدەر خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ھېچقانداق خەۋەر بەرمىدى.
رادىيومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەگە چېتىشلىق گۇماندارلاردىن 10 كىشىگە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانلىقى مەلۇم. بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆكتېرەك يېزىسىدىن مەخمۇت، مەمتىمىن ۋە ئابلەت قاتارلىق 4 نەپەر گۇماندار بار ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە خىتاي ھۆكۈمىتى گۇماندارلارنى تۇتۇشقا ياردەملەشكەنلەرنىڭ ئالدىغا 300-400 مىڭ يۈەن، ئارقىسىغا 20-30 مىڭ يۈەن سۆيۈنچە بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
قامالغىنىغا 2 يىل تولغان بۈگۈنكى كۈندە ئىلھام توختىنىڭ تەقىب ئاستىدىكى ھاياتى قايتىدىن دىققەت قوزغىماقتا
ۋىجدان مەھبۇسى ئىلھام توختى 2014-يىلى 15-يانۋار كۈنى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتۇلۇپ كېتىلىپ، شۇ يىلى 23-سېنتەبىردە «مىللىي قۇتراتقۇلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن ئۈرۈمچىدە ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
ئىلھام توختى قامالغىنىغا ئىككى يىل تولغان بۈگۈنكى كۈندە ئۇ قولغا ئېلىنىشنىڭ ئالدى كەينىدىكى ۋەقەلەر ۋە ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى تەقىب ئاستىدىكى ھاياتى قايتىدىن خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
رادىيومىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا رادىيومىزغا قالدۇرغان ئاۋازلىق بايانلىرىنى ئاڭلىغۇچىلار دىققىتىگە سۇندى.
خىتاي دائىرىلىرى رابىيخان ئانىنىڭ دۇنياغا ئاشكارا قىلغان شىكايەت ۋە مۇراجىئەتلىرىدىن بىئارام بولۇشقا باشلىغان
بورتالادا ئولتۇرۇشلۇق رابىيخان ئانا ئىككى ھەپتىدىن بۇيان رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ نورۋېگىيەدىكى ئوغلىنى كۆرۈش ئارزۇسىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقىنى، پاسپورتىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ساقچى تەرەپ رابىيخان ئانىنىڭ شىكايەتلىرىگە دەسلەپ قۇلاق يوپۇرغان بولسىمۇ، لېكىن يېقىندىن بۇيان بىئارام بولۇشقا باشلىغان.
ئالدىنقى كۈنى بورتالا ساقچى تەرەپ رابىيخان ئانىغا چەتئەل ئاخباراتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىقنى، ئەگەردە ئۇ پاسپورت توغرىلىق ئەرز-شىكايەتتىن ۋاز كەچسە، ئۇنى ھەل قىلىشقا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەسىس قىلغان «تەۋپىق مۇكاپاتى» بۇ يىل ئۈچىنچى يىلىغا قەدەم قويدى
«تەۋپىق مۇكاپاتى» تۈركىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەردە باكالاۋرلىق، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا تەسىس قىلىنغان ئوقۇش مۇكاپاتى بولۇپ، ئۇنى تارقىتىش ئىشى بۇ يىل ئۈچىنچى يىلىغا قەدەم قويدى.
مۇھەممەتئەلى تەۋپىق 1930-يىللاردىكى مىللىي قۇتۇلۇش ئىنقىلابى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن مىللىي ئاقارتىش ھەرىكىتىدە مۇھىم رول ئوينىغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ نامىغا تەسىس قىلىنغان بۇ ئوقۇش مۇكاپاتى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن 2014-يىلىدىن باشلاپ تارقىتىلىشقا باشلىغان.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن دوكتور ئابدۇلھەمىت قاراخان بىلەن پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىپ، بۇ يىللىق «تەۋپىق مۇكاپاتى» نىڭ تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان 10 نەپەر مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئانا تىل مەسىلىسى ئۈستىدە جىددىي ئويلانماقتا
ئۇيغۇرلارنىڭ غەرب دۇنياسىدىكى مۇھاجىرەت ھاياتى 70 يىلغا يېقىنلاشقان بۈگۈنكى كۈندە كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئانا تىل مەسىلىسى پۈتكۈل جامائەتچىلىكنى جىددىي ئويلاندۇرماقتىكەن.
ياۋروپا ئەللىرى بىلەن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۆپ قىسمى مۇھاجىرەتتىكى ھاياتتا ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىش-ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئاچقۇچ دەپ قارايدىكەن.
غەرب ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئارىسىدا ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان ھەر ساھەدىكى زىيالىيلار مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىل مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ، ئۇنىڭ بىر تەخىرسىز مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
رۇسىيەنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن سۈنئىي ھەمراھ راكېتاسىنىڭ پارچىلىرى چۈشىدىغان يەر ئىجارە ئېلىش پىلانى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى
رۇسىيە ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، رۇسىيە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ راكىتالىرىنىڭ پارچىلىرى چۈشىدىغان يەر ئىجارە ئېلىشنى پىلانلىماقتىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، رۇسىيەنىڭ بۇ پىلانى بۇ يىل 6-ئايدا پۇتىننىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا ئىككى تەرەپنىڭ ئالەم بوشلۇقىنى ئېچىش جەھەتتىكى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىكەن.
ئەمما رۇسىيەنىڭ بۇ پىلانى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى قەھرىمان غوجامبەردى بۇ ھەقتە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ پىلان ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقنىڭ ھاياتى ۋە بىخەتەرلىكىگە جىددىي تەھدىت پەيدا قىلىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.