ھەپتىلىك خەۋەرلەر (28-سېنتەبىردىن 4- ئۆكتەبىرگىچە)
2019.10.04

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىق خاتىرىسىنى تەبرىكلىگەن 1-ئۆكتەبىر كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.
ئامېرىكا، كانادا، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ياۋروپادىكى نورۋېگىيە، بېلگىيە قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرگىنىچە «يوقالسۇن خىتاي ھاكىمىيىتى!»، «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك!» دېگەندەك مەزمۇنلاردا شوئار توۋلىدى.
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى تۈرلۈك خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى قاتتىق ئەيىبلەندى.
كاتولىك دۇنياسىغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە چاقىرىق قىلىندى
ھازىرغىچە ئوخشاش بولمىغان خەلقئارالىق سورۇنلاردا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كەسكىن تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 2-ئۆكتەبىر كۈنى كاتولىك دۇنياسىنىڭ مەنىۋىي مەركىزى بولغان ۋاتىكاندا بۇ مەسىلىنى يەنە بىر قېتىم ئالاھىدە تەكىتلىدى.
مايك پومپېيو سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەمدە لاگېر شاھىدى زۇمرەت داۋۇتنىڭ بايانلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ «ئۇيغۇرلار ھازىر دىنىي ئېتىقادقا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈنلا باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.
ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ كاتولىك دۇنياسى ئۈچۈن ئەڭ ھۆرمەتلىك مەركەز بولغان ۋاتىكاندا بۇ تەرىقىدە تەكىتلىنىشى توغرىسىدا بىر قىسىم ئانالىزچىلار «ئەگەر بۇ ئومۇمىي چاقىرىققا ئايلانسا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور ئىجابىي ئۈنۈملەر پەيدا قىلىدۇ،» دېدى.
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
2019-يىللىق «ۋاسلاۋ خاۋېل مۇكاپاتى» خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى ئىلھام توختىغا بېرىلدى. فرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى»نىڭ مەسئۇلى ئەنۋەر جان ۋاكالىتەن مۇكاپاتنى تاپشۇرىۋالدى.
«ۋاسلاۋ خاۋېل مۇكاپاتى» 2013-يىلىدىن باشلاپ تارقىتىلىۋاتقان بولۇپ، ئىلگىرى بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەردىن بەزىلەر كېيىنچە «نوبېل مۇكاپاتى» ئالغان ئىكەن.
بۇ مۇكاپاتنىڭ ئىلھام توختىغا بېرىلىشى ھەققىدە پىكىر قىلغان بەزى ئانالىزچىلار «بۇ ھال ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى دۇنيانىڭ دىققىتىگە سۇنۇش ھەمدە ئۇلارنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ،» دېدى.
خىتاينىڭ «70يىللىقى» ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرى كەسكىن تەنقىدلەرگە دۇچ كەلدى
خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قانداق «ئالەمشۇمۇل» نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى كەڭ تەشۋىق قىلىۋاتقاندا غەرپ دۇنياسىدىكى ئاخبارات ساھەسىدە بۇنىڭ ئەكسىچە پىكىرلەر كۆپلەپ يەر ئالدى.
ئانالىزچىلار بۇ 70 يىللىق تارىخنىڭ نەچچە ئون مىليون خىتاي خەلقىنىڭ ھاياتىنى يوق قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنى ئاخىرقى ھايات-ماماتلىق بوسۇغىسىغا قىستاشتەك ئىنسانىي تىراگېدىيەلەر بىلەن خۇلاسىلەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇھاجىرەتتىكى خىتاي زىيالىلىرىمۇ بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، ئۆتكەن 70 يىلنىڭ ماھىيەتتە دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنىڭ پۈتۈنلەي خاراپ بولغان بىر دەۋر بولغانلىقىنى، ئىقتىسادىي گۈللىنىشنىڭ پەقەت ئاز ساندىكى «ھۆكۈمران» تەبىقىنى باي قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ خىتايچە ئورۇندىلىشى زور غۇلغۇلا قوزغىدى
ئەسىرلەر بويى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ سىمۋوللۇق مەزمۇنلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇر مۇقاملىرى يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك بېسىملىرى سەۋەبىدىن خىتايچە تىلدا ئېيتىلىشقا باشلىغان.
مۇقام ساھەسىدىكى مۇتەخەسسلەرنىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا تىلدا ئورۇنلاش مۇمكىن بولمايدىغان ھەمدە ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى بولمىغان بىر ھادىسە ئىكەن. ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، بۇنىڭ «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى»نىڭ تىپىك مىسالى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت مائارىپ ۋە پەن-مەدەنىيەت باشقارمىسىى 2005-يىلى ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى «ئىنسانىيەتنىڭ شەكىلسىز مىراسلىرى» دەپ ئېلان قىلغان ئىكەن.
دوختۇر تاھىر ھەسەن «چەتئەلدىكى خەتەرلىك كىشىلەر» بىلەن تېلېفونلاشقانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغان
رادىيومىزغا مەلۇم بولغان ئۇچۇرلارنىڭ بىرىدە كۇچا ناھىيىلىك دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرى تاھىر ھەسەننىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى ئېيتىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى كونكىرت سەۋەب نامەلۇم بولۇپ كەلگەن ئىدى.
يېقىندا مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا تاھىر ھەسەننىڭ چەتئەلدىكى بىر قىسىم «خەتەرلىك كىشىلەر» بىلەن تېلېفون ئالاقىسىدا بولغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بىلەن تېلېفون ئالاقىسى قىلىشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم جىنايەت قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، خەلقئارادا بۇ «تىپىك بولغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» دەپ ئەيىبلەنمەكتە ئىكەن.