ھەپتىلىك خەۋەرلەر (12-ئۆكتەبىردىن 18-ئۆكتەبىرگىچە)

0:00 / 0:00

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك تېمىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىلدى

لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىغا ئائىت ئىسپاتلارنىڭ كۆپلەپ مەلۇم بولۇشىغا ئەگىشىپ، غەرب دۇنياسىدىمۇ بۇ مەسىلىگە قارىتا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا بولدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە 17-ئۆكتەبىر مۇشۇ تېما بويىچە مەخسۇس گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىلدى.

ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرىدىن ماركو رۇبيو، كرىستوفېر سىمىس، جىم مەكگوۋېرن قاتارلىق ئون نەچچە كىشى لاگېرغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى ھەققىدىكى گۇۋاھلىق بايانلىرىنى ئاڭلىدى ھەمدە كۆپلىگەن سوئاللارنى سورىدى.

ئادريان زېنز، نۇرى تۈركەل، مايكىل پوسنېر قاتارلىق تونۇلغان مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملار لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى بولغان يېنىك سانائەت مەھسۇلاتلىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ غەرب دۇنياسىغا ئېكسپورت قىلىنىشى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىلىق مەلۇماتلار بەردى. شۇنىڭدەك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بۇ ھەقتىكى بىر قاتار تەكلىپ-تەۋسىيەلىرىنى سۇندى.

ساقچىخانا باشلىقى ھىمىت قارىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى ئاشكارىلاندى

يېقىندا كۇچا ناھىيەسى ئوچا بازارلىق ساقچىخانا باشلىقى ھىمىت قارىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر مەلۇم بولغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئېنىقلىشى جەريانىدا بۇنىڭ راست ئىكەنلىكى دەلىللەندى.

ئۇچۇرلاردا ئېيتىلىشىچە، ھىمىت قارى بىر قېتىملىق سورۇندا لاگېر قۇرۇلغاندىن بۇيان كۆپلىگەن كىشىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ «دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» ۋە «جىنايەتچىلەرگە ھېسداشلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، قاماقخانىغا ئېلىپ كېتىلگەن.

نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قانۇن ئورۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ئەمەلدارلار بىر-بىرلەپ تۇتقۇن قىلىنىۋاتقان بولۇپ، بىر قىسىم ئانالىزچىلار «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تارىختىن بۇيان قوللىنىپ كەلگەن ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى» دېيىشمەكتە ئىكەن.

جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى «مۇنبەر 2000» يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ دىققەت قوزغىدى

چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى پىراگا شەھىرىدە ئېچىلغان 23-نۆۋەتلىك «مۇنبەر 2000» خەلقئارا يىغىنىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس قاتارلىق بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋەكىللەرمۇ قاتناشتى.

يىغىندا ئۇيغۇر ۋەكىللەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى رەقەملەشكەن كونتروللۇق سىستېمىسى ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بەردى.

بۇ قېتىمقى «مۇنبەر 2000» يىغىنىغا ياۋروپا سىياسىي ساھەسىدىكى كۆپلىگەن شەخسلەر ھەمدە ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى داڭلىق كىشىلەر توپلانغان بولۇپ، لاگېرلار مەسىلىسىنى ياۋروپادىكى ھەرقايسى ساھەگە ئاڭلىتىشتا ئىجابىي بىر قەدەم تاشلاندى، دەپ قارالماقتا ئىكەن.

زۇمرەت داۋۇتنىڭ جاسارىتى يەنە بىر قېتىم ئالقىشقا ئېرىشتى

لاگېر شاھىتلىرىدىن زۇمرەت داۋۇت ئارقىمۇ-ئارقىدىن لاگېرلاردىكى ۋەھشىيلىكلەر ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۇنىڭ ئاكىسى ئارقىلىق ئۇنىڭ ئاغزىنى يۇمۇشقا ئۇرۇندى. ئۇنىڭ ئاكىسى ئابدۇخېلىل داۋۇت بۇ ھەقتىكى ۋىدىيولۇق باياناتىدا سىڭلىسىنىڭ ئېيتقانلىرىنى پۈتۈنلەي يالغان، دېيىش بىلەن بىرگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

زۇمرەت داۋۇتنىڭ دادىسى شۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى ۋاپات بولغان بولۇپ، ئۇ مەزكۇر فىلىمنىڭ مەجبۇرلاش ۋە مەخسۇس تەييارلىق ئاساسىدا ئىشلەنگەنلىكىنى، بۇنىڭدا كۆپلىگەن يالغانچىلىقنىڭ چېنىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

زۇمرەت بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى «ئۆچ ئېلىش» ئۇسۇلىنىڭ بۇرۇندىنلا داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما لاگېرلاردىكى ئاۋازىنى چىقىرالماي ئازابلىنىۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھەقىقەتنى سۆزلەشتىن قايتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«تۈركولوگلار قامۇسى» غا 15 ئۇيغۇر تۈركولوگ كىرگۈزۈلدى

تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ نەشرىياتلاردىن بىرى بولغان «ئاقچاغ» نەشرىياتى نەشر قىلغان «تۈرك دۇنياسى تۈركولوگلىرى» ناملىق قامۇسقا 15 ئۇيغۇر تۈركولوگ كىرگۈزۈلدى.

ئىككى توملۇق مەزكۇر قامۇسقا ئىبراھىم مۇتىئى، ئىمىن تۇرسۇن، غوجاخمەت سەدۋاقاسوۋ، مىرسۇلتان ئوسمانوۋ، ئارسلان ئابدۇللا قاتارلىق 15 نەپەر ئۇيغۇر تۈركولوگنىڭ ھاياتى ۋە ئىلمىي ئەمگەكلىرى بېرىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ ئىلمىي ساھەدىكى ئەمگەكلىرى يەنە بىر قېتىم مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.

ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئۇيغۇر تىلى مەنئى قىلىنغان، ئۇيغۇر جەمئىيىتى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» نىڭ نىشانى بولۇۋاتقان مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر تۈركولوگلىرىنىڭ بۇ قامۇستىن ئورۇن ئېلىشى زور ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارالماقتا ئىكەن.

ئۇيغۇر بوكس چېمپىيونى ھېزىم ئىزباقى يېڭى نەتىجىلەرنى قازاندى

قازاقىستانلىق ئۇيغۇر بوكس ماھىرى ھېزىم ئىزباقى رۇسىيە ۋە قازاقىستاندىكى مۇسابىقىلەردە قولغا كەلتۈرگەن دەسلەپكى ئۇتۇقلىرىدىن بىلەن ئامېرىكىغا كېلىپ بوكس مۇسابىقىلىرىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن جىددىي مەشىق قىلماقتا.

ئۇ يېقىنقى بىرنەچچە ئاي ئىچىدە ئوكلاخوما، مىشىگان قاتارلىق شتاتلاردا ئېغىر دەرىجىلىكلەر بويىچە بوكس مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ئامېرىكىلىق رەقىبلىرىنى ئارقىمۇ-ئارقىدىن يەڭدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ھېزىم ئىزباقى 1994-يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ چېلەك يېزىسىدا تۇغۇلغان ئىكەن. ئۇ ھازىر ھېچقانداق ئىقتىسادىي ياردەم مەنبەسى بولمىغان ئەھۋالدا ئۆز خىراجىتى بىلەن مەشىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇسابىقىلەردە تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈمىد قىلىنماقتا ئىكەن.