رابىيە قادىر خانىم: «ئەڭ ئاۋۋال شېھىتلەر قەبرىلىرىنى يوقلايلى، ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىنى ھېيتلايلى....»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم قۇربان ھېيتلىق زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىگە جۈملىدىن پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا ھېيتلىق سالام يوللىدى.
ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنى ئالدى بىلەن شېھىتلەرنىڭ قەبرىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى يوقلاشقا چاقىردى.
رابىيە قادىر خانىم يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق چەكلىمىلەرگە قارىماي ھېيتنى خۇشاللىق ئىلىكىدە ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىللىق روزى ھېيتتىن باشلاپلا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي چەكلەش سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن ئىدى.
مەشقاۋۇل ئابلىكىم ئابدۇرېشىت ئۇيغۇر خەلقىنىڭ غۇرۇرى ئىدى
ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تەنتەربىيە ساھەسىدىكى مەشھۇر مەشقاۋۇل ئابلىكىم ئابدۇرېشىت بۇ يىل 10-ئاينىڭ 23-كۈنى 54 يېشىدا كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى.
ئابلىكىم ئابدۇرېشىت 20 يىللىق جاپالىق تىرىشىش نەتىجىسىدە 20 دىن ئارتۇق يېتىشكەن بوكسچىنى يېتىشتۈردى. ئۇ تەربىيىلىگەن بوكسچىلار ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ بەش قېتىم سىدنېي، ئافىنا ۋە بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىگە قاتناشقان، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن غۇرۇر ۋە شان-شەرەپ قۇچقان ئىدى.
ئۇنىڭ ئەڭ تونۇلغان شاگىرتى ئابدۇشۈكۈر ئۇستازىنىڭ ئىزىنى بېسىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھەج ئۆمىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نازارەت قىلىنىشى ئەيىبلەندى
سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇر زاتلار ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ھەجچىلەرنىڭ ناھايىتى قاتتىق نازارەت ئاستىدا ھەج قىلىۋاتقانلىقى ئەيىبلىدى.
سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى جامائەت ئەربابى سىراجىدىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج قىلىشىغا سان ۋە باشقا جەھەتلەردىن چەكلىمە قويغاندىن سىرت، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج جەريانىدىكى پائالىيىتىنىمۇ قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئالغان.
دائىرىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ مېھمانخانا سىرتىغا چىقىشى، چەتئەللىكلەر بىلەن سۆزلىشىشى، خالىغان جاينى تاۋاپ قىلىشى، يەرلىك ئۇيغۇر مۇھاجىرلار بىلەن ئۇچرىشىشى ۋە بازار ئايلىنىشىنى مەنئى قىلغان.
سىراجىدىن ئەپەندى يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نوقۇل ياشانغانلارنى ھەجگە تەشكىللەپ، «ئاياللار ئەرلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ھەج قىلىش» تىن ئىبارەت ھەج قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
ئاتۇشتىكى ئوت ئاپىتىدە زىيانغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر سودىگەرلەر ھەققىنىڭ كاپالەتكە ئېرىشىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا
بۇ يىل 10 ئاينىڭ 8-كۈنى ئاتۇش شەھىرىنىڭ توپا رايونى، يەنى تاجىكىستان چېگراسىدىكى 1-ئامبارغا ئوت كېتىپ، يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر سودىگەرنىڭ مېلى كۆيۈپ كەتتى.
ئامبار باشقۇرغۇچىلار ۋە يەرلىك سودىگەرلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ئىقتىسادى زىيان 5-6 مىليون دوللار ئەتراپىدا ئىكەن. ئوتنىڭ قانداق كەتكەنلىكى ھازىرغىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلانمىغان.
خىتاي ساقچىلىرى 5-ئىيۇلدىن كېيىنكى غايىبلار ھەققىدە يالغان سۆزلىمەكتە
خىتاي ساقچىلىرى 5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۇتقانلىقىدىن تېنىۋالماقتا.
ئۆتكەن ھەپتە 5-ئىيۇلدىن كېيىن غايىب بولغانلاردىن جۈمە تۇرسۇننىڭ دادىسى تۇرسۇناخۇن ھەسەن ئۆيىدىن ئوغلىنى تۇتۇپ كەتكەن ساقچى مۇھەممەتجان ئابلەتنى قەشقەر يېڭىشەھەردە ئۇچرىتىپ تونۇۋالغانلىقىنى، ئەمما ساقچىنىڭ ئۇنىڭ ئوغلىنى تۇتقانلىقىدىن تېنىۋالغانلىقىنى پاش قىلغان ئىدى.
ساقچى مۇھەممەتجان ئابلەت مۇخبىرىمىزغا بەرگەن جاۋابىدىمۇ، ئۆزىنىڭ جۈمە تۇرسۇننى تۇتمىغانلىقىنى ئېيتتى.
مۇھەممەتجان ئابلەت، ئۆزىنىڭ 5-ئىيۇلدىن كېيىن، ئۈرۈمچىگە ئاتالمىش تازىلاشقا بارغانلىقىنى رەت قىلىپلا قالماستىن، يەنە باشقىلارنىڭ بارغانلىقىنىمۇ رەت قىلدى. ئەمما، غايىب جۈمە تۇرسۇننىڭ دادىسى بىلەن كۆرۈشكەن دەسلەپكى قېتىمدا، ساقچىخانا باشلىقىنىڭ ئۈرۈمچىگە بارغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
ياشلار ئاۋازى تور بىتى ياشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى
ئاۋسترالىيىدىكى ياشلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان «ياشلار ئاۋازى» تور بىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
تور بەت قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى ئۈمىد زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسىي بولغان دىن، تىل ۋە مەدەنىيەتنى ياشلار ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرۇش مەقسىتىدە بۇ تور بەتنى قورغانلىقىنى بىلدۈردى.
تور بېتى ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە ئىككى خىل تىلدا نەشر قىلىنغان بولۇپ، تور بېتىدە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر، ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكى ۋە سۆھبەت خاتىرىلىرى بېرىلگەن.