ھەپتىلىك خەۋەرلەر (20-ئۆكتەبىردىن 26-ئۆكتەبىرگىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.10.26
hepte-20181026.jpg ھەپتىلىك خەۋەرلەر (20-ئۆكتەبىردىن 26-ئۆكتەبىرگىچە)
AP

ئۆمەر بېكئالىنىڭ دادىسى لاگېردا جان ئۈزدى

ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار ھەققىدە خەلقئاراغا دەسلەپ گۇۋاھلىق بەرگەن شاھىتلاردىن ئۆمەر بېكئالى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىملىرى سەۋەبىدىن قازاقىستاندا تۇرالماي تۈركىيەگە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.

يېقىندا ئۆمەر بېكئالىنىڭ دادىسى بېكئالى ئىبراھىمنىڭ بۇنىڭدىن بىر ئايچە ئىلگىرى لاگېردا جان ئۈزگەنلىكى مەلۇم بولدى.

ئۆمەر بېكئالى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ياۋۇزلۇقى ھەققىدە سۆز قىلغاندا ئۆزىنىڭ ھەقىقەت ئۈچۈن سۆز قىلىش ئىرادىسىدىن ھەرگىزمۇ قايتمايدىغانلىقىنى، ئۆلۈم تەھدىتىنىڭ ئۆزىنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆمەر بېكئالىنىڭ 70 ياشلىق ئانىسى ۋە باشقا بىر تۇغقان قېرىنداشلىرىمۇ لاگېرلارغا قامالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى پۈتۈنلەي نامەلۇم ئىكەن.

تۈركىيەگە چېتىشلىق ئۇيغۇرلار كۆپلەپ تۇتقۇن قىلىنماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتى جەريانىدا تۈركىيە بىلەن چېتىشلىقى بولغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ نۇقتىلىق نىشان بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

يېقىندا ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسپىرانتى مەريەم سۇلتاننىڭ پېنسىيەدىكى ئانىسى، سابىق ئوقۇتقۇچى ئايگۈل سۇلتاننىڭ تۈركىيەدىكى قىزىغا پۇل سالغانلىقى ئۈچۈن ئونسۇ ناھىيەسىدىكى لاگېرغا قامالغانلىقى دەلىللەندى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئىلگىرىكى يىللاردا تۈركىيەدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقانلارمۇ تۇتقۇن قىلىنىۋاتقان بولۇپ، خەيرىگۈل نىيازنىڭ قىسمىتىنى بۇنىڭ بىر مىسالى، دېيىشكە بولىدۇ.

خەيرىگۈل 2015-يىلى تۈركىيەدىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ، ئۈرۈمچىگە قايتقان ۋە ئۆزىنىڭ شەخسىي ساياھەت شىركىتىنى ئاچقان. ئەمما 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ، سەككىز يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.

كاچۇڭ بازىرىنىڭ ئۆزىدىلا 300 نەچچە بالا نەزەربەند قىلىنغان

ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ تېزدىن كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىگە-چاقىسىز قالغان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ سانى بارغانسېرى ئېشىپ ماڭماقتا. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ياش جەسۇرنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشى بۇ نۇقتىنى يەنە بىر قېتىم دەلىللەيدۇ.

جەسۇر يېقىندا تونۇش-بىلىشلىرىدىن ئېنىقلاش ئارقىلىق يەكەن ناھىيەسى كاچۇڭ بازىرىدىكى ئاتا-ئانىسى ۋە باشقا تۇغقانلىرىدىن ئوتتۇز نەچچە كىشىنىڭ بىراقلا قولغا ئېلىنغانلىقىدىن خەۋەردار بولغان. مۇشۇ سەۋەبتىن بىراقلا قارا يېتىمگە ئايلىنىپ قالغان ئىككى نارەسىدە ئىنىسى يېزا مەركىزىدىكى يېتىم بالىلارنى يىغىۋېلىش مەركىزىگە ئېلىپ كېتىلگەن.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەھۋال ئېنىقلىشى جەريانىدا كاچۇڭ بازىرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە مۇشۇ خىلدىكى 300 نەچچە ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ نەزەربەند قىلىنغانلىقى ئاشكارا بولدى.

لاگېرلار مەسىلىسىگە دائىر يېڭى دەلىللەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا لاگېرلارنى بار كۈچى بىلەن ئىنكار قىلىۋاتقاندا ئەنگلىيەدىكى ب ب س تېلېۋىزىيەسى بۇ ھەقتىكى يېڭى مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىدى.

ئۇلار ئاشكارىلىغان ئەھۋالنىڭ بىرى ئۈرۈمچىگە يېقىن داۋانچىڭ رايونىدا 130 مىڭ كىشى سىغقۇدەك بىر لاگېرنىڭ بارلىقى ھەمدە بۇ لاگېرلارنىڭ ھېچبىرى خىتاي ھۆكۈمىتى پەردازلىغاندەك «كەسپىي تەربىيە ئورۇنلىرى» غا ئوخشىمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ تۈرمە بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى گېرمانىيە، كانادا، تۈركىيە قاتارلىق جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەر قاتلىمىدا مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يالغانچىلىقى قاتتىق مەسخىرىگە ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى

ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان كرىزىسلارنى مائارىپ ساھەسىگىمۇ ئاڭلىتىپ، ئۇلارنىڭ تېگىشلىك قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە مەخسۇس پائالىيەتلەر تەشكىللەندى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئاۋۋالقى بۆلىكىدە ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر مەخسۇس تېمىدا دوكلاتلار بېرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئون پىرسەنتتىن ئارتۇقراقىنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى، بۇنىڭ ھازىر تىپىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق تۈسىنى ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پائالىيەتنىڭ كېيىنكى قىسمىدا بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ مول ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتكە ئىگە بىر خەلق ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلىۋاتقاندەك «زوراۋان ۋە تېررورچى» خەلق ئەمەسلىكى جانلىق تەسۋىرلەندى.

ھەسەن باۋۇدۇنوف خەلقئارا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە شەرەپ قۇچتى

يېقىندا ئارگېنتىنادا ئۆتكۈزۈلگەن «2018-يىللىق دۇنيا ياشلار ئولىمپىك مۇسابىقىسى» دە قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇر ماھىر ھەسەن باۋۇدۇنوف قىلىچۋازلىق تۈرىدە كۈمۈش ۋە مىس مېداللارغا ئېرىشتى.

ھەسەن باۋۇدۇنوف 2001-يىلى بىشكەكتە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئانىسى مۇنەۋۋەر خانىم ئوغلىنىڭ ئىلگىرى كۆپ قېتىم دۇنياۋى مۇسابىقىگە قاتناشقانلىقى ھەمدە بىرنەچچە ئالتۇن مېدال ئالغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى تەنھەرىكەتنىڭ كۆپلىگەن تۈرلىرىدە مەشىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.