دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پاسپورت يىغىش ھەرىكىتىگە قارىتا بايانات ئېلان قىلدى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۆتكەن جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا باشلىغان پاسپورت يىغىۋېلىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى ۋە بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساقچىخانىلار ئاھالىلەرنىڭ پاسپورتلىرىنى يىغىۋېلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقان. ھالبۇكى، دائىرىلەر ھازىرغا قەدەر پاسپورت يىغىۋېلىشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە قايىل قىلارلىق چۈشەنچە بەرمىگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا پاسپورت يىغىۋېلىش ھەرىكىتى قارىماققا بارلىق ئاھالىلەرگە قارىتىلغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما دائىرىلەرنىڭ بۇنى نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ساياھەت ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويۇشتىكى بىر ئۇسۇل قىلىۋېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئۈرۈمچىدە «ھالال چوشقا يېغى» مەھسۇلاتىنى توردا ئاشكارىلىغان ئىككى ئۇيغۇر ياش قولغا ئېلىنغان
يېقىندا ئۈرۈمچىدە 18 ۋە 19 ياشلاردىكى ئىككى ئۇيغۇر ياشنىڭ دائىرىلەر تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ياش «ھالال چوشقا يېغى» مەھسۇلاتىنى تورغا چىقىرىپ ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق دائىرىلەر ئۇلارنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيانلىق ئۇچۇرلار»نى تارقاتقان، دەپ قولغا ئالغانلىقى مەلۇم. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى چەكلەش سىياسىتىنى ئەيىبلىدى.
موسكۋادا خەلقئارالىق ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
10-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا خەلقئارالىق ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.
مەزكۇر يىغىندا ئامېرىكا، رۇسىيە، گېرمانىيە، ھىندىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 53 نەپەر تەتقىقاتچى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق بويىچە تەييارلىغان ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەن. يىغىن جەريانىدا قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇر رەسسام سابىقجان باباجانوف بىلەن قازاقىستانلىق ئۇيغۇر رەسسام گۈزەل ئابباس قىزىنىڭ رەسىملىرى كۆرگەزمە قىلىنغان. يىغىن جەريانىدا قازاقىستان ئۇيغۇر سەنئەت ئۆمىكى مەخسۇس ئويۇن كۆرسەتكەن.
يىغىن قاتناشچىلىرىدىن دوكتور ئالىمجان ھەمراھيېف بىلەن دوكتور مەمتىمىن ئەلا بۇ قېتىملىق ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق بويىچە خەلقئارادىكى مۇھىم بىر كۆزنەك بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
قىرغىزىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنى پارتلىتىشقا ئىشلەتكەن ئوق-دورىنى قىرغىز ھەربىي ۋە ساقچىلىرىنىڭ ساتقانلىقى مەلۇم بولماقتا
بۇ يىل 30-ئاۋغۇست كۈنى خىتاينىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئاپتوموبىللىق بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ۋەقەدە ھۇجۇمچىنىڭ ئۆلگەنلىكى، ئاز دېگەندە 3 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
قىرغىزىستان تاراتقۇلىرى مەزكۇر ھۇجۇمنى تاجىكىستان پاسپورتلۇق بىر ئۇيغۇرنىڭ ئىجرا قىلغانلىقىنى، ھۇجۇم ھەرىكىتىنى سۈرىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان قوراللىق غازاتچى گۇرۇھىنىڭ پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ھالبۇكى، يېقىندا قىرغىزىستان ئاخباراتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بىشكەكتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنى پارتلىتىشقا ئىشلەتكەن ئوق-دورىنى قىرغىز ھەربىي، ساقچىلىرىنىڭ تەمىنلىگەنلىكى مەلۇم بولماقتا. قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ ھەقتىكى بەزى تەپسىلاتلارنى ئاشكارا قىلدى.
مەرھۇم كۈرەش كۆسەن ۋاپاتىنىڭ 10-يىلىدا زامانداشلىرىنىڭ خاتىرىسىدە ياد ئېتىلدى
كۈرەش كۆسەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتى. ئۇنىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈمى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە زور يوقىتىشنى ھېس قىلدۇرغان بولسىمۇ، ئەمما خۇددى ئۇنىڭ «كۈرەش ئۆلمەيدۇ» ناملىق ناخشىسىدا قەيت قىلىنغىنىدەك ئۇنىڭ كۈرەش روھى ئۆلمىدى.
كۈرەش كۆسەن بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرى، يەنى 2006-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى شىۋېتسىيەدە 47 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە ھاياتىدا بىر تەرەپتىن ياڭراق ئاۋازى ۋە جۇشقۇن ناخشا-مۇزىكىلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۈرەك تارىنى چەككەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ۋەتەن دەۋاسى يولىدىكى ھارماس كۈرەشلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈردى.
مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا 10 يىل تولغان بۈگۈنكى كۈندە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۇنى چوڭقۇر سېغىنىش بىلەن ياد ئەتتى.
توكيودا «خىتايدىكى ئاتوم تەھدىتى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن
16-ئۆكتەبىر كۈنى ياپونىيە پايتەختى توكيودا شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىشى بىلەن «خىتايدىكى ئاتوم تەھدىتى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.
يىغىنغا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى، ئاسىيا ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ھەمكارلىق كېڭىشى ۋە ياپون قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئاتوم مەسىلىلىرىگە قىزىقىدىغان ھەر ساھەدىكى ياپونىيەلىكلەر قاتناشقان.
يىغىندا شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنىڭ پرېزىدېنتى ئەخمەتجان ئوسمان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى نامىدىن خىتاينىڭ 1964-يىلى 16-ئۆكتەبىر كۈنى تارىم ئويمانلىقىدا تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى پارتلاتقان كۈنىنى «شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇسىبەت كۈنلىرىدىن بىرى » دەپ بىلىش قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك قارار ئېلان قىلغان. يىغىندا يەنە ئەنۋەر توختى، مىجىت ھۈسەيىنوف قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر مەخسۇس تېمىلار بويىچە دوكلات بەرگەن.