ھەپتىلىك خەۋەرلەر (26-ئۆكتەبىردىن 1-نويابىرغىچە)

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.11.01
erkin-asiya-radiosi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېنگە ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 5 كىشى ئۆلگەن

28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېنگە ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 5 كىشى ئۆلگەن، 38 كىشى يارىلانغان. خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، كۈندۈز سائەت 12 دىن 20 ئۆتكەندە بىر ئاپتوموبىل، تيەنئەنمېن راۋىقى ئالدىكى رىشاتكىغا قاتتىق سوقۇلغان ۋە رىشاتكىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، پىيادىلەر يولىدىكى كىشىلەرگە ئۇرۇلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر ۋەقەنى ئۇيغۇرلار كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، گۇماندارلارنىڭ پىچان ۋە گۇمىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر ۋەقە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، دىنى، مەدەنىيىتى ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقى، تەبىئىي بايلىقلار ۋە ياخشى خىزمەتلەردىن رايونغا كەلگەن خىتاي كۆچمەنلەر پايدىلىنىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئەھۋاللارغا ئىنتايىن نارازى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي دېموكراتىك زاتلار، تيەنئەنمېن ئاپتوموبىل ھۇجۇمى جۇڭنەنخەي ۋە دۇنياغا بېرىلگەن كۈچلۈك سىياسىي سىگنال، دەپ كۆرسەتسە، ياپونىيە مەتبۇئاتى خىتاي تيەنئەنمېندىكى ئاپتوموبىل ۋەقەسىدىن ئىچ-ئىچىدىن قورقۇپ كەتتى، يازغان.

رابىيە قادىر دۇنيا جامائەتچىلىكىنى تيەنئەنمېنگە ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشكە چاقىردى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 28-ئۆكتەبىر يۈز بەرگەن تيەنئەنمېنگە ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە ۋە خىتاينى مەزكۇر ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاشقا چاقىردى.

رابىيە قادىر خانىم ۋەقەنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چېكىدىن ئاشقان بېسىم سىياسەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يەنە بىر قېتىملىق تۇتۇش ۋە باستۇرۇش ئېلىپ بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دائىرىلىرى تيەنئەنمېندىكى ماشىنا ھۇجۇمىغا ئالاقىدار 5 ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان

خىتاي دائىرىلىرى چارشەنبە كۈندىكى باياناتىدا تيەنئەنمېندىكى ماشىنا ھۇجۇمنى «تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ ئاتىدى ۋە ۋەقەگە چېتىشلىقى ئېگىرى سۈرۈلگەن 5 ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بېيجىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، مەزكۇر ماشىنا ھۇجۇمىنى تەشكىللىگۈچىلەر ئانا، ئوغۇل ۋە كېلىندىن ئىبارەت بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئىكەن.

28-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ سىياسىي جەھەتتىن ئەڭ سەزگۈر ئورۇنلىرىدىن گۇگۇڭ سارىيىنىڭ كىرىش ئىشىكى-تيەنئەنمېندە ماشىنا بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ۋەقەدە ھۇجۇمچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 ئادەم ئۆلگەن، 38 ئادەم يارىلانغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر ۋەقەنى «تېررورلۇق ھۇجۇمى» دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بۇ ۋەقە غەرب مەتبۇئاتلىرىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي باياناتى» دەپ شەرھلەنمەكتە.

ئىلھام توختى 28-ئۆكتەبىر ۋەقەسى ھەققىدە توختالدى

تيەنئەنمېنگە ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ئېنىقلانمىغۇچە ۋەقەنى تېررورلۇق بىلەن باغلىماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ، گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ساقچى دائىرىلىرى ۋەقە ھەققىدە ئېلان قىلغان دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ مۈجمەل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: مېنىڭچە ساقچىلارنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى باياناتىدا نۇرغۇن ئەھۋاللار ئېنىق چۈشەندۈرۈلمىگەن. ھۆكۈمەت ئۇچۇرىدا تىلغا ئېلىنغان «جىھاد بايرىقى» قاتارلىق نەرسىلەرنى ھەقىقىي ئىسپات دەپ قاراشقا بولامدۇ؟ بۇنىسى ئېنىق ئەمەس.

ئۇ يەنە دائىرىلەرنى ۋەقەگە سەۋەب بولغان ئامىللارنى شەرھلەشكە چاقىرغان.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇشىغا قارشى تۇرماقتا

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇشىغا قارشى تۇرماقتا.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى سايلام ئۆتكۈزۈپ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا 47 دۆلەتنى بېكىتىپ چىقىدۇ.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى دانا روراباچېر بۇ ھەقتىكى سۆزىدە خىتايدا مەزكۇر كېڭەشكە ئەزا بولۇش سالاھىيىتىنىڭ قەتئىي يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ :خىتاينىڭ سىياسىي تۈزۈمى شۇنداقلا ئۇنىڭ پۇقرالار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىمى ۋە ئوخشىمايدىغان سىياسىي قاراشلار ۋە دىنىي ئەركىنلىككە قىلىۋاتقان ھۇجۇمىنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇنداق بىر دۆلەتنى ئەزا قىلىپ قويۇش كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىگە قىلىنغان ھاقارەت، دېگەن.

بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى مادېلىن ئالبىرايت خانىممۇ خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقاندا قىلغان سۆزىدە «خىتايدا يېقىندىن بۇيان كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى، ئاخبارات ئورگانلىرىغا قارىتىلغان بېسىمنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى ئادەمنى تولىمۇ ئەندىشىگە سالىدۇ» دېگەن .

توكيودا ياپون شائىرلىرى شائىر ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ۋاپاتىنى خاتىرىلىدى

10-ئاينىڭ 27-كۈنى توكيودىكى ئەدەبىيات سالۇنىدا تۈرك، ياپون، مالاي ۋە ئۇيغۇر شائىرلىرى جەم بولۇپ، ئۇيغۇر شائىرى ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى خاتىرىلىدى. شائىر ئوسمانجان ساۋۇت 18-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىدە كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى.

شائىر ئوسمانجان ساۋۇتنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى نەمۇنىلىك شېئىرلارنى ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەرجىمە گۇرۇپپىسى ئورۇنلاشتۇرغان.

خاتىرىلەش پائالىيىتى ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشىنى ئورۇنلاش بىلەن باشلاندى.

بۇ خاتىرىلەش پائالىيىتىگە كۆزگە كۆرۈنگەن ياپون شائىرلىرى، بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىلىرى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەۋەسكارلىرى قاتناشتى.

پائالىيەتتە ئالدى بىلەن سۆز قىلغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى يۇدا: ئوسمانجان ساۋۇت يالغۇز ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى نەمۇنىلىك شائىرلاردىن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يىپەك يولىدىكى شېئىرىيەتتە چاقنىغان بىر يۇلتۇزدۇر، دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.